ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگو تور دۇكىنى iPhone4 ۋە 3GSباھاسىنى چۈشۈردى.
ئامېرىكىدا كىشىلەر iPhone 4Sنى قىزىق زاكاس قىلىۋاتقا پەيىتتە ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى تور دۇكىنى iPhone 4نىڭ باھاسىنى رەسمىي چۈشۈردى.
چۈشۈرلگەندىن كېيىنكى باھا:
iPhone 4Sنىڭ 16GBنۇسخىسى 4999يۈەندىن 4548يۈەنگە چۈشكەن.32GBنۇسخىسى 5999يۈەندىن 4988يۈەنگە چۈشۈپ 1011يۈەن ئەرزانلىغان.
نىڭ 8GBلىق قارىسى 3999يۈەندىن 2888يۈەنگە چۈشۈپ 1111يۈەن ئەرزانلىغان.
ئالما يانفۇننىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈۋاتقانلار ئەمدى ھەرىكەتكە كەلسە بولىدىغان بولدى.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى iPhone4نىڭ باھاسىنى چۈشۈرىدىكەن.
سۇمۇرغ تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى : جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا ، ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 4S، iPhone 4، iPhone3GS مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى تەڭشەش توغرىسىىدىكى باياناتىغا ئاساسەن ، جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ iPhoneنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋىتىپتۇ . ئەمما ، جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھازىرغىچە باھاسىنى تەڭشەش ۋاقتى ۋە تەپسىلاتىنى ئىلان قىلمىغان .
ئالما شىركىتى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى يىڭى تېپتىكى iPhone 4Sتىلىفۇنىنى ئاشكارلىغان ، ھەمدە 10-ئاينىڭ 7-كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە بازارغا سالغان دۆلەتلەردە توردا زاكاس قىلىشنى باشلىغان .
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ، iPhone 4Sتىلىفۇنى بازارغا سىلىنىپ سىتىلىشتىن بۇرۇن ، ئالما شىركىتى iPhone 4 ۋە iPhone3GSمەھسۇلاتىغا قارىتا ئوموميۈزلۈك باھا تەڭشەش ئىلىپ بارغان . ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگۇدىكى تورىدا ئاشكارلىنىشىچە ، iPhone 4نىڭ GB16تىلىفۇنىنىڭ سىتىلىش باھاسى بۇرۇنقى 4999يۈەندىن 4548يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن ، iPhone 4نىڭ GB32تىلىفۇنىنىڭ سىتىلىش باھاسى بۇرۇنقى 5999يۈەندىن 4988يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن ؛ iPhone3GSتىلىفۇنىنىڭ سىتىلىش باھاسى بۇرۇنقى 3999يۈەندىن 2888يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن .
يۇقارقى ئەھۋالدىن خەۋەردارلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكى ئالاقىدار كەسپى بۆلۈملەر نۆۋەتتە يىڭى تېپتىكى iPhoneغا قارىتا موناسۋەتلىك تورلارنى تەڭشەپ ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلىپ بىرىۋىتىپتۇ ، ئەگەر ئوڭوشلۇق بولسا يىل ئاخىرسىدىن بۇرۇن iPhone 4Sنى رەسمى يۇسۇندا كىرگۈزىدىكەن .
مەنبە:
www.Nur.cn