[پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققى، ئەرنىڭ بەدىنىدە يىرىڭلىق جاراھەت بولغان تەقدىردە، بۇنى ئايال تىلى بىلەن يالاپ سۈرتۈپ قويغاندىمۇ ئەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمايدۇ دېدى».]
مۇشۇنداق قىزلار بولسا جېنىمنى پىدا قىلاتتىم ، لېكىن ئاز قالدى ھازىر . توي قىلىشقىمۇ ئېرىنىدىغان بولۇپ قالدىم مەن بۇ بۇزۇلۇپ كەتكەن جەمىيەتتە.
ئالدىرىماي ئارلىشىپ.... شۇندا ئېسىل قىزلار ئۇچرىسا.... بەك ياخشى بولاتتىدە. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى 20 دىن قالماي توي قىلسا ئەڭ ياخشى ئىكەن ، خىزمەت تېپىپ پۇل تېپىپ دەپ بولغىچە ياش چوڭايغان . تەڭ دېمەتلىكلەرنىڭ ئامانىتى ھەر قايسى شەخسى بانكىلاردا يۈرگەن . ئۇنداقلارغا كۆڭۈل يول قويمىغان ، شۇنداق بولغاندىكىن بۇرۇن بىرسى بىلەن يۈرۈپتىكەن دىگەنلەرگىمۇ گۇمانسىراپ قارىغان كىشى. ئىشەنگۈسىز بولاپ كەتتى جەمئىيەت . ئىمان ئېتقاد بوشاشقاندىكىنلا ، شەيتانغا ھەمراھ بولىدىكەنمىز . دىسەك گەپ جىق . بۇنداق ئىشلارنى تۈزەيمىز دىسەك قائىدە پەرمان چۈشۈرۈپ ، تەدبىر تۈزەپ بىر تەرەپ قىلساق بولىدۇ دە، بۇ ئىشلار شۇ ھوقۇقدارلارنىڭ يۈرگىزىدىغان مەسئۇلىيىتى ئىدى . ئۇلارمۇ شۇنداق تۇرسا ئەمدى ، بىزلا كايىپ ئۆزىمىزگە ئالغان بىلەن ئۇلار تۈزىمىسە بۇ ئىشلارنى ،سۇنىڭ بېشى لاي ئاخىرىمۇ لاي.
خۇدايىم دىلىمغا ئىنساپ- دىيانەت ئاتا قىلىپ ، ئىمانىمنى مۇستەھكەم قىلغىن ، بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن،تىخىمۇ زور كۈچ - قۇۋۋەت،ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلغىن ، ھەمرىيىمنى ئۆز مۆمىنلىرىڭنىڭ ئەڭ ئېسىلىدىن قىلىپ ماڭا جۈپ قىلغايسەن. ئامىن .