شۇنداق ئېسىل ھەم چىرايلىق چىقىپتۇ . كىچىككىنە تەلىۋىم:
داۋاملىق مۇشۇ باش سۆرىتىڭىزنى كۆرسەم ، نىمىشقىكىن، بىر خىيال با مەندە. بەلكى مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ ، نىمىشقىكىن ماڭا قاراشقىلا بىر خىل تۇيغۇ بېرىدۇ. مۇشۇ ئىسىمنى نىمىشقا ئوڭدىن باشلاپ يازمىغاندۇ دەپ قالىمەن . ھۆسنىخەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپ ئوخشاش بولغانلاردىن باشقا بۇنداق يېزىلغان خەتلەرنىڭ ئوڭ تەرەپتىن باشلانغىنى كىشىگە بولۇپمۇ ماڭا شۇنچە يېقىملىق تەسىر بەرسە، بۇ سولدىن باشلانغىنى ھەتتا دىققەت بىلەن تۇرۇپ ئوقۇغۇمنىمۇ كەلتۈرمەيدۇ . شۇڭا ئورۇنسىز بولسىمۇ ، قائىدىگە ئۇيغۇن بولغان بۇ خەتتىن قۇسۇر تېپىپتۇ دەپ قالماسلىغىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . راسلا شۇ تۇيغۇ نەچچە قېتىم بولدى . شۇڭا، بۇنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . مۇشۇ ‹ياسىن› دىگەن خەتنى ئوڭدىن باشلاپ بىر يېزىپ بېقىڭە....ئەسكى خۇيۇم، كىرىشىپ قالىمەن ...كەچۇرۇڭ.