1924-يىلى ئابدۇ قادىر داموللام نىڭ سۈيقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتېلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ ئەلەمدە ئوقۇى ئاشتى دىگەن شېئىرنى يازىدۇ.
ئوقۇدى، ئاشتى باشقىلار بىزدىن ئەي قىرىنداشلار،
كۆرگەچ ئۇلانىڭ ئىجدىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلار باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر.
ئۈگەتمەس بىزلەرگە ھەق كالامنى بىلگەن ئالىملار،
ئەخلاقنى پۈچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار.
رەجپىبار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر،
بىشىداسەللە، قولىدا تەسبى ھەقتىن قاچارلەر.
ئويلاڭلار، زاكات-ئىستىقات كىملەرنىڭ ھەققى كىملەر ئالۇرلەر،
نى-نى خىييانەتلەر ھەيۋەت تون ئىچىرە پىنھان قالۇرلەر.
مۇيەسسەر بولدىلەر باشقا ئەللەرگە ئانچە ھىكمەتلەر،
ئەمىلىگە يارىشا بەردى ئاللاھ شانۇ-شەۋكەتلەر.
ئوقۇيمىز بىلمەيمىز لىسانۇ ئەرەب، مۈشكۈل تىل بىزگە،
يادىكار قالغان يوق، بىر نوچكە ھىكمەت ئۇلاردىن بىزگە.
قەشقەردە يىتىملەر ھاممام ئاستىدا كۈلدە ياتۇرلەر،
تەربىيەسىز ھۇشۇق ئويناپ، نەشە تار تۇرلەر.
مەرھۇمى داموللا ئابدۇقادىر ناھەق كەتتىلەر،
گۇناھى نىمە؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۈگەتتىلەر.