ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 28قەۋەت zulayha كە 2011-10-19 08:51 PMئەۋەتىلدى :
مەن گىرىمنى بەك قېنىق قىلىپ ئورانغان ئاياللارنىڭ كۆزىگە تىكىلگەن ئەرلەرنى كۆپ كۆردۈم . كۆز گىرىمىنى بەك قېنىق قىلسا ئەر ئەمەس ئاياللارمۇ قارايدىكەن . مۇشۇ سەۋەپلىك مەن خىيال قىلىپ قالىمەن . ئېسىل لىباسلار مىللىتىمىز قىزلىرىنى ئورۇغۇسى . ئىسلامغا لايىق مۇسلىمەلەر كۆپۈيۈپ قىيامەتتىكى ئورنىمىزنى جەننەتتىن قىلىشقا تىرىشايلى جانلىرىم .
بىزنىڭ بۇيەرنىڭ يېزىلىرىدا ھازىر مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئاچقۇزىۋاتىدۇ. بۇ زادى يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇقمۇ ياكى يىزىلاردىكى ئەمەلدارچاقلار (ئۆزلىرىچە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيندندىنمۇ كاتتا ھوقۇقلۇق زات ئۇلار) ساغرىسىغا ئۇرۇپلا تاپقان «يېزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دىكى يىڭى ماددىمۇ بىلمىدۇق.
ئالدى بىلەن دىنى زاتلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى باشلامچىلىق بىلەن يۈزىنى ئېچىپ ھىجابنى تاشلىشى كىرەككەن ،بولمىسا ئىمام-مەزىنلىك ئۇتۇغاتىنى ئېىلىۋىتەرمىش، دۇقمۇش- دۇقمۇشتا يېزا -كەنت كادىرلىرى ،خەلق ئەسكەرلىرى(مىنبىڭلار) چازا قۇرۇپ 7ياشتىىن 70ياشقىچە يۈزنى ئورۇۋالغان ئايال زاتنى كۆرسىلا مەجبۇرىي يۈزىنى ئاچقۇزىۋىتىدىكەن. ئاچقىلى ئۇنىمغانلارنى دەرھال سولاپ ، 500يۈئەندىن جەرىمانە ئېىلپ ،يۈىنى ئېچىپ يۈرىدىغانغا ۋەدە ئېلىپ قويۇۋىتەرمىش، نۇرغۇن روپاچ ئاياللار بۇ ئىشتىن ئەنسىرەپ ئۆيدىن تالاغىمۇ چىقالماي يېتىپتۇ....
بۇ ئىشلارنى خوتەن شەھەر ئىچىدە ئۇچراتمىدۇق،بىراق تۈنۈگۈنلا يېزىدىن كىرگەن تۇققانلاردىن ئاڭلىدىم.
توۋا دەيمەن، شەھەرلەردە شۇنچە قىز -ئاياللار بىرەرسى ئاچ دەپ بۇيرۇق بەرمىسىمۇ يېرىم يالىڭاچ كىيملەرنى كىيىشىپ ئەرلەرنى كۆز زىناسىغا مەجبۇرىي مەھكۇم قىلىپ يۈرىشىدۇ، تاسلا قالىدۇ بىر -بىرى بىلەن مودىدا بەسلىشىپ ئانىدىن تۇغمىلا چىققىلى ، بىرەر «جاسارەتلىك ،زامانىۋى» ئايال باشلاپ بەرسىلا بۇمۇ بولاپ قالار تېىخى... ئەمدى بەزىلەر مۇشۇلارغا قاراپمۇ تويماي ،يىزىلىرىمىزدىكى ئاياللىرىمىزنىڭ تەبىئىي ،گىرىمسىز ،يەرلىك چىرايىنى كۆرگۈسى كەلگەن چىغىۋا....
دىھقان يۇۋاش بولغاندىكىن بوزەك قىلماق ئاسان ئوخشايدۇ، شەھەردە ئۇنداق قىلالىشى تەس!