100ئىنكاسنى ئوقۇپ كۈلۈپ يېتىۋاپتىمەن.
قوڭ كوچىلاش دىسە سەل سەترەك ئاڭلانسىمۇ لېكىن چىرايلىق ئۆتىمىگەندىكىن شۇنداق دىمەيمۇ بولمايدۇ.
مېنىڭچە مۇشۇنداق 100ئىنكاسلارنىڭ ئاينىپ،مۇنبەرگە كىرگۈسىز قىلىۋېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ۋاقتىدا تىزگىنلەش،ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىمىگەنلىكىدە.دېمەكچى بولغىنىم ۋاقتى-ۋاقتىدا مۇنبەر تۈرمىسىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ سولاپ تۇرمىغانلىقىدا.
بۇرۇنلىدا مۇنبەرنى ئېچىپلا بىر باشتىن تېمىلارنى،ئاندىن چۈشكەن ئىنكارلارنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىپ تورغا چىققىنىمىزغا رازى بولۇپ مەمنۇن بىلەن چىقاتتۇق.
ھازىر 10 تېمىنىڭ ئىچىدىن كۆڭلىمىزگە ياققۇدەك تېمىدىن بىرى چىقسا چىقتى،بولمىسا يوق.يوق بولىشىدىكى سەۋەبنى يۇقۇرىدا ئەزىزان ئەپەندى تېمىسىدا ئېيتىپ ئۆتۈپتۇ.