بۇ ئەسلىدە نۇرقۇت تورىدىكى تور بېكەت باشلىقلىرىغا يوللانغان تېما ئىدى، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مىسرانىمغىمۇ بىر نۇسخا يوللاندى.
---------------------------------------------------------------
تۇيۇقسىز كاللامغا مۇنداق بىر خىيال كىرىپ قالدى، ئاساسلىقى يېقىندىن بۇيان نۇرقۇتتا بولۇپ ئۆتكەن تالاش تارتىش، ۋايساشلار ۋە تەرەققىياتلارغا بىرلەشتۈرۈپ يېپ يېڭى بىر پروگراممىنى ياساپ چىقساق، خۇددى «
تەلەي قاپىقىدەك » ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئىجادىيلىقى كۈچلۈك بولسا، قولايلىق ھەم ئەستە ساقلاشقا ئوڭاي بولسا، تورباشلارمۇ زىيارەتچىلەرمۇ ياقتۇرسا.....
كاللامغا كەلگەن خىياللىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسام بۇ خىيالنى لايىھە قىلىپ دۇنياغا تۆرەلدۈرۈش مومكىن بولامدۇ؟ تورباشلار ۋە زىيارەتچىلەر ھەممىمىز پىكىر بەرسەك.
شۇنداق بىر تور بېتىمىز بولسا، پروگراممىسى مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسا:
1: تۇنجى كىرگەن ئادەم ئۇيغۇر خەلقىنى بىلىدىغان ئادەم بولسا «ئۇيغۇرنىڭ تور بېتىكەن» دەپ قالسا.
2. زىيارەتچىلەر نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇ ساھەدىكى بېكەتلەرنى قاتارغا تىزىپ بەرسە، ئىزدەلگەن مەزمۇننىڭ مول ياكى ئازلىقىغا قاراپ رەتكە ئاپتۇماتىك تىزىپ بەرسە، ھەرگىزمۇ تور ئىگىسىنىڭ شەخسى ئۇلانمىلىرىنى ئالدىغا تىزىۋالمىسا. مەزمۇن بويىچە ئىزدىيەلىگەندىن سىرت رايۇنلار بويىچە، ئىشلەتكەن پروگراممىلار بويىچە ۋە ۋاقىت بويىچە تور بەت ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلسا.
مەسىلەن: تور بەت ياساش تۈرىنى باسسا نۇرقۇت قاتارلىقلارنى تىزىپ بەرسە، بۇنىڭدىن Discuz نى تاللىسا نۇرقۇت قاتارلىق دىسكاز پروگراممىلىرىنى ئىشلەتكەنلەرنى تىزىپ بەرسە، 2005 دىسە 2005-يىلىدىكىلەرنى ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە تىزىپ بەرسە...
3. بېكەت مەزمۇنى ئاساس ئېلانلار قوشۇمچە ئورۇننى ئىگىلىسە.
4. كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا نۇرقۇتنىڭ تەلەي قاپاقلىرى ئېسىلسا ياكى ئۇلانما تورى ۋە تەلەي قاپىقىغا ئوخشاش پروگرامما قىستۇرۇلسا، بۇ خىل مەزمۇننى بېكەت باشلىقى ئەمەس زىيارەتچىلەر يوللىسا.
5. باش بەت يۈزىدە تور ئادرېسلىرى تەمىنلەنسە، خەلقنىڭ رايىغا ئاساسەن خەلق باھالىشىدىن ئۆتكەن پاكىزە، ساغلام مەزموندىكى پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بېكەتلەر ئالدىن كۆرۈنسە.
6. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇيغۇرلاردىكى چوڭ-كىچىك بېكەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ساغلام مەزمۇندىكى بارلىق بېكەتلەر ئىلتىماسلىق ۋە ئىلتىماسسىز يۇسۇندا قوشۇپ قويۇلسا.
7. رايۇنلار بويىچە
....
-----------------------------------
يۇقارقى خىيال مېنىڭ شەخسى قارىشىم، ئاۋاز قوشىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار، قارشى پىكىردىكىلەرمۇ ئەركىن، پاكىزە ئىنكاس يازساڭلار قوبۇل قىلىمەن، تولۇقلىغاندا چوقۇم پىكرىڭىز ئىجادىيلىققا ئىگە بولسۇن، ئاللىنبۇرۇن ياسىلىپ بولۇنغان ئۇلىنىش ۋە ئىزدەش بەتلىرىنى تارتىپ چىقىرىپ «پىپەن» قىلىشقا بولمايدۇ، مىسرانىم ھەر ساھە كىشىلىرى توپلانغان سورۇن بولغاندىكىن زىيارەتچىلەر مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىڭ!
ناۋادا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالىساق ئارىمىزدىن بىرەيلەن بۇ خىلدىكى پروگراممىنى ياساشقا ئۇرۇنساقمۇ ياكى ئاممىۋى كۈچ تەشكىللەپ سىناق قىلىپ باقساقمۇ بولىدۇ، ئارتۇقچە دەپ قارىسىڭىز پىكرىڭىزدە قالسىڭىز بولىدۇ!