ھەي ،بۇ بەك ياخشى تىما بوپتۇ!!!!
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرگە تامامەن قوشۇلىمەن!!!
خۇدايىم بۇيرىسا باللىرىمنى يەسلىلەرگە بەرمەي ئانىسى بىلەن بىللە ئۆزىمىز تەربىيلەيمىز،
ھازىر بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار(دىھقانلارغۇ باللىرىمىزنى يەسلىدە بېقىپ بەرسە ،ئىشىمىزنى قىلىۋالدىكەنمىز دەپ ئويلايدۇ،خىلى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرمۇ بار)
باللىرىنى ئەتتىگىنى دەرۋازىدىن كىرگۈزۋىتىپ نىمە يەۋاتىدۇ،قانداق ئۇخلاۋاتىدۇ،ئۆسۈپ-يىتىلىشى قانداق بولىۋاتىدۇ؟....دىگەنلەرنى ئويلاپمۇ قويمايدىكەن.باشقا تىللاردىكى ناخشىدىن بىر نەچچىنى ئۆگىتىپ قويسا ۋاي مىنىڭ بالام ئۇنداق ئەقىللىق ....ۋاي ئالامەت....كارامەت دەپ .....خوش بولۇپ كىتىدىكەن.
بىر يەسلىگە كىرىپ قالدىم،باللار تاماق يەيدىغان شىرەگە بېشىنى قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ،بۇ نىمە ئىش دەپ سورىسام ،خانىملار كارۋاتقا باللارنىڭ يوتقان -كۆرپىسىنى سېلىپ،يىغىشنى ئاۋارچىلىق كۆرۈپ شۇنداق قىلغان ئىشكەن،بىچارە باللارغا قاراپ بەك ئىچىم ئاغرىدى،ئۇخلىيالماي ئۇيان-بۇيان قارىسا سەت تىللار بىلەن تىللاپ قورقۇتىۋاتقان.....
تېخى بەزى يەسلىلەردە خوتۈيچاڭ بىرىدىكەن،ئۇنى نىمىدە ياسايدۇ؟،تازلىق سۈپىتى قانداق ؟ھالالمۇ؟......ھەي