سۈبھى ئادۋوكاتل
يېتىلىۋاتقان ئەزا
سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغ يۈرۈشىگە ئاتلىنايلى
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ-راۋاجلىنىشى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش بولمايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى بىلەن گۈللىنىدۇ. ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى مۇھىم يىغىندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش تەكىتلەندى. بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشتا زور رېئال ئەھمىيەت ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مېڭىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت گۈللىنىشى قۇرۇلۇشىنى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈش بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋە جىددىي سىياسىي ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، «قارار»دا بېكىتىلگەن نىشان، پىلانلانغان ئىستراتېگىيە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىر بويىچە، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە چارىلىرىنى ياخشىلاپ، ئېدىئولوگىيە خىزمىتىنىڭ يېتەكچى كۈچىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش لازىم. بۇ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى. مەدەنىيەتنىڭ پائال جەلپ قىلىشى بولمىسا، خەلقنىڭ مەنىۋى ئالىمىنىڭ باياشاتلىقى بولمىسا، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەنىۋى كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىسا، بىر دۆلەت، بىر مىللەت دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ. خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 71 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ