مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jusey

تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈزۈم تال

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11685
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 10:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:23قەۋەتتىكى(good) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 24قەۋەت  hazniqi كە 2011-10-23 09:04 PMئەۋەتىلدى 23قەۋەتتىكى(good) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
ئۇھ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم ،ھېچقىسى يوق سىز ئابدۇۋەلى ئەپەندىنى ھاقارەتلىسىڭىزمۇ ھاقارەتلەۋىرىڭ ،،،،،،مەن تېخى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنى «باھالىغۇچىلار» ئىلمىي مۇنازىرە قىلغۇچىلاردىن ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى چىرايلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق دەپ قاراپتىكەنمەن  ...توردا بولۇپ تۇرىدۇ بۇنداق ئىشلار......نيۇتۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تەڭرى يەرشارىنى ئوڭ قولىدىن سول قولىغا قانداق يۆتكەيدۇ دەپ تەتقىقاتنىڭ كەيىنىنى چىقىرىپ بولالماي ، ئېينىشتىنى بور بىلەن مۇنازىرىلىشىپ بولالماي ۋاپات بولۇپتىكەن ،بۇ ئالىملار بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىققان بولسا شۇ خاتالىقى ئۈچۈن پىپەننى ئون يىل قىلاتتۇق ...بىراق خاتىرجەم بولوڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى مەن،بۇ ئەسەرنىمۇ بىر سۆزىنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇپ چىقتىم  ،ئەپسۇس بىر ئەسىرى ئۈچۈن گۈلەن ئەپەندىنى «كومپارتىيە ئەزاسى »بۇلۇشقا لايىق ھۆكۈمنى چىقىرىشقا مېنىڭ سالاھيىتىم توشمايدۇ ،«سالاھىيىتى توشىدىغانلار»نىڭ ئىختىيارى نېمە دېسە...تېما ئۈستىدە نېمە دېسە پىكىرىم يوق ،چۈنكى مەنمۇ سېيت نوچى مىللىي قەھرىمانىمىز دەپ قارايدىغانلاردىن مەن( ئېتىراپ قىلىمەن ئاپتورنىڭ ئەسىرىمۇ مېنى خېلى چوڭقۇر ئويغا سالدى ھەم ئويلاندۇرۋاتىدۇ)،باشقا تېمىلاردىمۇ مەيدانىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان ،لېكىن تىغ ئۇچىنى ئاپتورغا قارىتشقا قارشىمەن( قسىمەنلەردىن باشقىلار ) ،مەن تارىختىكى قەھرىمانلارغا ئوخشاش ،ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى قەھرىمانلارنىمۇ ھۆرمەتلەش كېرەك دەپ قارايمەن  ،،گەرچە قەھرىمانلىقىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلى دەۋرگە قاراپ ئوخشاش بولمىسىمۇ .!!!!،مەمتىلى ئەپەندىمۇ قەھرىمان ،سادىر پالۋانمۇ قەھرىمان ،خوجىنىياز ھاجىمۇ قەھرىمان ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ قەھرىمان ،، كۈرەش شەكلى ئوخشىمسىمۇ ،لېكىن بەزى ھاللاردا «قەھرىمان» لارغا بېرىلىدىغان نام ئۇلار دەۋرىدىن كۆپ كېيىن بولۇشىمۇ مۇمكىن ....




      قوشۇلدۇم .

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 11:20:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى كاللا بىلەن 1910- نەچچىنچى يىلدىكى كىشىلەرنى تەھلىل قىلش توغرا ئەمەس،
شۇ دەۋرىدىكى خەلىق ئۇنۇڭغا باھا بەرگەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5480
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2011-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 05:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىيىت نوچىغا باھا بەرگەنلەرنىڭ ئاساسى جەھەتتىن مۇنداق. 1. سىيىت نوچى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانى، شۇڭا سىيىت نوچىنى ئۇلۇغلاش كېرەككى باشقا تەھلىللەرگە يول يوق. چۈنكى بۇ ئۇيغۇلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن بايدىلىق. 2. سىيىت نوچىغا خەلق باھا بېرىپ داستان توقىغان شۇڭا خەلق قەھرىمان دېگەنلەر ھەققىدە گەپ قىلىش نالايىق 3. سىيىت نوچىغا تارىخ باھا بېرىپ بولدى شۇڭا باھا بېرىشكە بولمايدۇ.

مەنچە خەلق، تارىخ دېگەنلەر بەك تۇتۇق گەپلەر. بۇلار بىر ئادەمگە باھا بېرىپ بولالمايدۇ. بۇنداق دېگەنلىك تارىخنى خەلقنى شەخسلەشتۈرگەنلىك بولىدۇ. سىيىت نوچى ئۇيغۇرنىڭ قەھرىمانى شۇڭا ھەممە يېرى ئۇلۇق دېگەنلىك خۇپسەنلىك بولىدۇ. چۈنكى سىيىت نوچى داستانى ئەرەبچە ياكى سانسىكىرتچە ئەمەس، ساۋادى بار ئادەم ئوقۇپ مەن يازغان تەرەپلەرنى بايقىيالايدۇ. بىر ئادەم ئۇيغۇر بولسىلا، ئۇيغۇلار ئارىسىدا مەشھۇر بولسىلا ھەممە يېرى ئۇلۇغ بولۇپ كەتمەيدۇ. گابائىن خانىم، ئەھمەد كامال ۋە ھېلىقى ئۇيغۇرلارغا مۇكاپات بېرىۋاتقان ياپۇنلۇق كىشى... (ئەپسۇس ئىسمىنى ئۇنتۇپتىمەن، ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا دېگەن كىتابتا بار ئېدى) قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار قانچە ئۇلۇقلىسا ئەرزىگۈدەك كىشىلەر.

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5480
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2011-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 05:42:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز ئالدىمىزدا سىيىت نوچى داستانى تۇرسا ئوقۇپمۇ باقماي كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ماختاۋەرگەننىڭ پايدىسى يوق. بۇ يەردە ھىچكىم بۈگۈنگە قاراپ تارىخقا باھا بېرىۋاتقان يوق. شۇ تارىختىكى كىشى ھەققىدە شۇ ۋاقىتتتىن قالغان داستان ھەققىدە تەھلىل بولۇۋاتىدۇ. سىيىت نوچىنى ئۇلۇغ دېگەنلەر سىيىت نوچى داستانىنى ئوقۇپ باقمىغانلاردۇر. بۇنداق كىشىلەر قانچە ئاسان ماختىسا شۇنچە ئاسان سېسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تونۇشى بىر ئىلمىي ئاساسقا تايانمىغان.

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 05:55:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاتا ياتقان جايى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 1270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13979
تۆھپە نۇمۇرى: 1741
توردا: 8046 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 06:09:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە سىيىت نوچى تېمىسى  مۇنازىرلىشىش ياخشى ئىش لېكىن شۇ رەھمەتلىك سىيىت نوچىغا ئۇۋال بولىدىغان بولدى-دە .روھى قورۇنۇپ.

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

ئۈزۈم تال

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11685
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 10:49:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ... ئاتا -بوۋىلار تەرپىدىن ئەۋلاتلىرىمىز قەلبىگە نوچى دىگەن ئاتالغۇ سىڭدۇرلۇپ بولغان بىر ھالەتتە، بۇ يەردە يەنە بۇ كىشىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى مەيدانغا سۆرەپ چىقش بىلەن بىرگە ، بۇ كىشىگە ئانداق مۇنداق باھالارنى بىرىپ بۇ ئشتىن يامان تەسىر ئالساق ئالىمىزكى ھەرگىزمۇ ياخشى تەسىر ئالالمايمىز ،
     مىنىڭ كەسپىم ئەدىبىيات ئەمەس شۇنداقتىمۇ  ئويلىغانلىرىمنى توۋەندە ئوتتۇرغا قويۇپ قويدۇم ، ھەممۇ بۇ نۇقۇل ئالاھىيدە ۋاقىت چىقىرىپ پىشىقلاپ يازغان پىكىرمۇ ئەمەس ...  مىنىڭ ئويلىغىنىم  نوچى بىلەن قەھرىمان  دىگەن ئىككى سۆز بىر -بىرى بىلەن مەنە جەھەتتىن يۇزەكى ئويلىغاندا  بىر ئاز ئوخشىغاندەك قىلغان  بىلەن، چوڭقۇر تەھلىل قىلسا باشقا- باشقا مەنا چىقىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن ، بىز بۇ سۆزنى قىسقىلا چۇشەندۇرگەندە نوچى ئاتالغۇسى پەقەت قارام كۇچى بار ئەقىل جەھەتتە چولتىراق ئادەمگە تەدبىقلىنىشى مۇمكىن ،  قەھرىمان ئاتالغۇسى بولسا قەلەم  ۋە ئەلەم ماھارىتىدە يىتىشكەن ئادەمگە تەدبىقلىنىشى مۇمكى .... بۇ نۇقتىدىن خەلقىمىز سىيىت نوچىنى قەھرىمان دىمەي نوچى دىيشىنڭ ئۆزىلا شۇ چاغدىكى خەلىقىمىزنىڭ سىيىت نوچىغا يۇزەكى ئەمەس خىلىلا ئوتكۇر كۆز بىلەن سالماق  باھا بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس،
   بۇ نۇقتىدىن خەلقىمز سىيىت نوچىنى  پەقەت نوچىلىق مەيدانىغىلا چىقارغان ، ئەگەر سىيىت نوچىنى قەھرىمانلىق مەيدانىغا چىقارغان بولسا بەلكىم ئۇنىڭ ئىشلىرى توغۇرسىدا تەھلىل قىلىشقا  بىر ئاز  زامانىڭ ئىھتىياجى تەرپىدىن مەجبۇرەن قىستاش شەكىلىنەتتى دە، بۇ مەسىلىدە شۇ مىللەت قەھرىمانىنىڭ مىللەت ئىگىللىرى تەرىپىدىن ئىزدىنىش مۇقەررەر زورۇر  بولاتتى.  
     ... نوچى دىگىنىمىز ئوز خەلقىنىڭ دۇشمىنى بولغان كىشىدىن  مەيلى بىرنى ياكى ئىككىنى بولسىمۇ ئۇرغان ياكى ئولتۇرگەن ئىشلار بىلەن نوچى ئاتىلىشى مۇمكىن ، بۇ يەردە  ئوتتۇرغا چىقارماقچى بولغان مەسىلە  ،  نامسز نوچى ئوز خەلقىنىڭ دۇشمىندىن   مەيلى بىرنى مەيلى ئىككىنى ئولتۇرسۇن ياكى ئۆزى بۇلارنىڭ قولىدا ئولتۇرلسۇن بىز پەقەت بۇ نوچىنىڭ نىيتنىڭ خەلىقنى دەپلا  ئوزىنڭ قاراپ كۇچىنى بولسىمۇ پىدا قىلغان بۇ ئالىجاناپ روھىينى ئوتتۇرغا چىقىرىپ  چۇشىنىمىز .
    بۇ نۇقتىدا بىز ئۇنىڭ پەقەت شۇ نوچىلىق تەرەپلىرىنىلا چۇشەنسەكلا بولدى باشقا ئىشلىرى  توغۇرسىدا قول تۇتۇش شۇ زاماندىكى ئومومى خەلىقنىڭ قان-قىنىغا سىڭىپ كەتكەن مىجەز بىلەن ئوخشاش بولغانلىقتىن ،سىيت نوچىدكى ئاق كۆڭۇللۇك ،ساددىلىق ،نادانلىق...دىن ئىبارەت  بۇ مىجەز بىر مىللىتنىڭ ئومۇمىيۇزلۇك ھادىسگە ئايلنىپ بولغان ئۇ دەۋىردە  ،شۇ دەۋىردە ياشاۋاتقان سىيىت نوچىمۇ بۇ قان قىنىغا سىڭىپ كەتكەن مىجەزدىن چەتتە قالمىغان خالاس.شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇ ئشلىرنى ۋاستە قىلىپ تۇرپ  بىزنىڭ نوقۇل كۇچ چىقىرىپ مەجبۇرەن بۇ مەسىلە توغۇرسىدا ئويلنپ بۇنىڭدىن چىققان يەكۇنلەرنى  سىيىت نوچى ئۇستىدىن بىرىلىدىغان كۆز قاراشلارغا تەدبىقلاپ  باھا چىقىرىش  بىر ئاز  توغرا بولمىغان ئۇسۇل دەپ قارايمەن . 
    ...  قەھرىمان بولسا بىر مىللەتنىڭ مەلۇم سان ئىچىدىكى مەسىلەن 1000 ياكى 10000 ئادەمگە باش بولۇپ، مىللەتنڭ بەخىت- سائادىتىنى كۆزلەپ كۇرەش قىلغان ئادەمنى قەھرىمان دەپ چۇشىنشىمىز مۇكىن ۋە يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، بەلكىم بىرلا ئادەمنىڭ ئوزىمۇ مەلۇم بىر ئىشلار بىلەن قەھرىمان ئاتىلىپ قىلىشى مۇمكىن  .
      ...بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلشتىن بۇ دەۋىردە بىز ئۇچۇن مەنپەت ئالغۇدەك  ھىچقانچە نەتىجە چىقماسلىقى مۇمكىن.
  چىقىدۇ، دىگەندىمۇ سىيىت نوچىنىڭ شۇ ساۋاتسىزلىقتىن باشقا نادانلىق .ئاق كۆڭۇللۇك ، ساددىلىقلىقتىن ئىبارەت بۇ مىجەزىنىڭ بىشغا چىققانلىقىنى ھىس قىلىمىز   (  بىراق مۇنداق مىجەز  شۇ دەۋىردە يالغۇز سىيىت نوچىدىلا ئەمەس ئومومى خەلىقتە بار ئىدى )  ۋە بىزلەرنىڭمۇ بۇ ئىشتىن ساۋاق ئىلىشمىزدىن ئىبارەت بىر نۇقتىنى ئوتتۇرغا چىقرالايمىز خالاس .
    ئەگەر سىيىت نوچىنىڭ بۇ خاتالىغى شۇ دەۋىردە  زور خاتالىق ئۆتكەزدى دىگەندىمۇ بۇ خاتالىق   پەقەت بىر ئۆزنىڭ جىندىن باشقا قۇربانلىق بىرىلمەي  پەقەت بىر  ئوزى بىلەنلا كەتتى . ئەگەر بۇ خاتالىق بۇ دەۋىمىزگە باشقىچە بىر ئۇسۇل بىلەن يىتىپ كەلدى دەپ پەرەز قىلساقمۇ ئۇنداقتا مانا بۇگۇن كۆرۋاتقان ئوزىمىزنىڭ روھى ساۋاتسىزلىق سەۋەبىدىن يوقۇتۇپ قويغان  ماددىي -مەنىۋى بايلىقلىرىمز بىلەن بىر يەردە قويۇپ ئويلىساق ئۇنداقتا بىزنىڭ ئوزىمزىنڭ ئشىلىرىنى ھەل قىلىپ بولالماي تۇرپ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەھلىل قىلىپ يۇرشىمىزنىڭ ئوزىلا بىر كۇلكۇلۇك مەسىلە بولۇپ قالىدۇ خالاس
  ... شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىنى يەنە تەھلىل قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى  زامانغا ئىجابى جەھەتتىن پايدىسى بار ، دىگەن پەرەز بىلەن بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىنسا ، بۇ ۋاقىتتا بۇ ساۋاتسىز كىشىنى قويۇپ تۇرۇپ  ،  ساۋاتلىق بولغان  ۋە  ئازراق بولسىمۇ سىياسى ۋەزىيەتتىن خەۋىرى بار   تومۇر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجىم  ...  قاتارلىق  كىشىلەرنىڭ نىمە ئۇچۇن شۇ مەزگىلدە ساۋاتلىق تۇرپ  خاتالىق ئۆتكۇزگىننى بۇ ئىشلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىملەر ئويۇن ئوينىدى ... بۇلار نىمە ئىشلاردا ئامالسز ،ئىلاجىسىز قىلىپ  قۇزغۇنلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ قالدى دىگەندەك مەسىللەرنى يىشىپ چىقىش بىلەن بىرگە بىزلەرنىڭ بۇ ئىشتىن قانداق ساۋاق ئىلىشىمزدىن ئىبارەت بىر مەسىلىنى  تەھلىل قىلشقا توغرا كىلىدۇ .
   بىر- بىرىگە باغلىنىشلىق  ئىشلاردا  بۇلارنىڭ  ئىچىدىن ئاسانىنى ، ئوزىگە شامال تەگمەيدىغان  بىرنى تاللاپ،  بۇ ئىشنىڭ يىپتىن يىڭنىسقۇچە بىر تەرەپ قىلىىپ بۇ ئىشتا دىڭىزنى داۋالغۇتىمەن دىيىش . ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس دەپ قارايمەن .
   بۇ پىكىرىم چولتىراق شۇنداقتىمۇ ئويلىغانلىرىمىنى دەپ قويدۇم.
شەمشەرنىڭ جايىغا ئىشلىتىلمەي سەي توغراشقا ئىشلىتىلگىنى بەكلا ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
  خەزىنچى قىز ئىيتىپ ئوتكەندەك بىز بۇ يەردە قانداقتۇر گۇلەن ئاكىمزنىڭ بۇ تىمىس ئارقىلىق گۇلەن ئاكىمزىغا شامال تەككۇزۇش ئەمەس پەقەت گۇلەن ئاكىمزنىڭ ئالدىدا يۇز بىرۋاتقان  قىلشقا،  يىزىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشلارنى سەھنىگە چىقىرىپ بۇ ئارقىلىق  كۆزىمزىنى ئاچسا دىگەن ئۇمۇتتە خالاس.
...  لىكىن يۇقاردىكى بىر نەچچە ئەزانىڭ گۇلەن ئاكىمىزغا بىر تال قارا چىكىتنى باھانە قىلىپلا ئاسماندىن يەرگە تاشلايدىغان ئۇندق-مۇنداق پاراڭلارنى قىلىشى دىققىتىمىزنى تارتىدىغان ئشلار ئەمەس، ئۇلار  خەزىنچى قىز ئىيىتقانداق ئىلمى پىكىر قىلىدىغان يولدا دەرقەمدە ماڭالايدىغان ئادەملەردىن ئەمەس دىگەن پىكرىگە مەنمۇ  قوشۇلىمەن . مىنىڭ كىنايە قىلىپ قاباقباش سىيىت نوچى ئاكا سەنمۇ ئەينى يىللىرى ......  دىگەن گىپىم قانداقتۇر گۇلەن ئاكىمزى ئۇستىدىن دارتىملىغىنىم بولماستىن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزلۇپ كەتكەن سىيىت نوچى مەسىلىسگە بولغان تەھلىلى بايانلارنىڭ يەنە ئوتتۇرغا قويلىشىغا بولغان  نارازىلىق قارشىمنى كىنايە شەكىلدە ئىيتىشىم خالاس .     
  

تەپەككۇرسىز ھاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4818
تۆھپە نۇمۇرى: 128
توردا: 2378 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 01:06:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىىپ چوڭقۇر تەتقىقات بوپتۇ. ئويغۇر خەلىق داستانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلار بۇنى كۆرسە بىلىمى چوڭقۇرلاپ قالاتتى....خەلىق داستانلىرىنى سىز تەتقىق قىلسىڭىز بولغىدەك...پىكىرلىرىڭىز بەك ئورۇنلۇقكەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش