ئۆتكەندە «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» دەپ ئادىل مىجىتلار مەكتىپىمىزگە كىلىپ ئۇيۇن قۇيۇپ بەردى . مىنىڭچە مۇشۇنداق يېزا قىشلاقلارغا كىلىپ قويغان ئۇيۇنلىرىدىن ھەم يېزا قىشلاقلاردا بۇلۇۋاتقان ئىشلار ، تەرەققىياتلارنى ، ئىلغار شەخسلەرنى قوشۇپ ياساپ ئىشلىسە تېخىمۇ ياخشى چىقامدىكىن دەيمەن . نۇقۇل ھالداسەھنىدىلا ئىشلىگەندىن جىق ياخشى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ياش رىياسەتچىلەرنى چىقارماسلىق كېرەك . چۇنكى بىز ئۇلارنى جىق كۆرۈپ تۇيۇنۇپ كەتتۇق . بۇرۇنقى رىياسەتچىلەردىن تۇنجى قارارلىق رىياسەتچىلەردىن تارتىپ ، مۇنىرە غۇپۇرلارغىچە رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك ، دەپ قارايمەن . بەزى رىياسەتچىلىرىمىز بار ، ئارقا ئىشىكى بارمىكىن ، ھەممىلا كىچىلىكتە بار . ئادەمگە ھىچقانداق يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ .
دوستلار ، بۇ كىچىلىك ئىشلەيدىغانلار ئەسلى مىسرانىم مۇنبىرىگە بىر تىما يوللاپ قانداق ئىشلەشنى بىز بىلەن مەسلىھەتلەشكەن بولغان بولسا ، بىز كۆڭلىمىزدىكىنى دىگەن بولساق تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى ھە !