ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداشلار
80خالتا بلوگى (
www.80halta.com )نى يېزىشقا باشلىغىلىمۇ خىلى يىللار بولۇپ قاپتۇ. قارىسام ھازىر تورداشلار دەماللىققا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدىمەكچى بولسا ئۆزىگە لازىملىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشەلىگىدەك كۆلەمگە ئىگە بولغاندەك بوپتۇ. مۇشۇ ھالەتكە ئەكەلگىچە ئۆزۈممۇ كۆپ ئەجىر قىپتىمەن. تورداشلارمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ئىلھام-مەدەتلەرنى بىرىپ تۇرۇپتۇ. كىلىش ئالدىدا تۇرغان مۇبارەك قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 80خالتا بلوگ نامىدىن بارلىق تورداشلىرىمغا سەمىمى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە مۇنداق بىر پائالىيەت ھەققىدە تورداشلاردىن ئىختىيار ئەتكەنلەرنى 80خالتا بلوگىغا تەكلىپ ئەتمەكچىمەن.
بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە تىل سەۋيەسى بارلار 2 پارچىدىن تەرجىمە ماقالە تەييارلاپ ماڭا ئەۋەتىپ بىرىدۇ. ماقالىنىڭ تېمىسى ئاساسلىقى ساقلىقنى ساقلاش، خەلقئارادا دىققەتنى قوزغىغان تېببى ئۇچۇر ياكى خەۋەرلەر، زامانىمىزدىكى ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغۇچى ئامىللار دېگەندەك مەزمۇنلار بولسا بولىدۇ. ماقالە تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن 80خالتا بلوگىدا ئىسم-شەرپىڭىز بىلەن قوشۇپ ئىلان قىلىنىدۇ.
بۇ ئەجىرىڭىزگە بىزنىڭ قىلىپ بەرمەكچى بولغىنىمىز :
دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ئالىي ھەسەل: بىر كىلو (بۇ ھەسەل ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇر - 80خالتا دۇكىنىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھەسەل ئۇچۇرلىرى دېگەن تېمىدىن كۆرۈڭ!
ھېيتلىق داستخىنىڭىزغا دەملىگىنى خۇشپۇراق ئېسىل چېچەك چاي: بىر بولاق ( تەخمىنەن 200 گىرام ئەتراپىدا)
ئادرىسىڭىز ياكى تېلفۇن نۇمۇرىڭىز بىلەن ئىسمىڭىزنى بەرسىڭىز كىرانى ئۆزىمىز تۆلەپ يەتكۈزۈپ بىرىمىز. تاللىغان تەرجىمە ماقالىسى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ۋە ياخشى چىقسا قۇياش نۇرىغا تويدۇرۇپ پۇشۇرغان بىر قۇتا ئېسىل ئاپتاۋى گۈلقەنتىمىزمۇ ئىشتىھايىڭىزدا بولىدۇ. بۇلار سىزنىڭ قىلغان ئەجىر-ئەمگىكىڭىزگە نىسبەتەن ئىلىپ ئېيتقاندا ئەرزىمىسىمۇ بىرزات ئەپەندىمنىڭ كىچىككىنە كۆڭلى دەپ بىلگەيسىز. سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا تەرجىمە قىلىپ سۇنغان ئەمگىكىڭىز 80خالتا بلوگى ئۈچۈن قىلىپ بەرگىنىڭىز بولۇپ قالغاي!
بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى ئىختىيار قىلغۇچى تورداش مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۇچۇر بەرسە ياكى 13565662787 يانفۇنغا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە يوللاپ بەرسە بولىدۇ. ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ پۈتكەندە
birzatjan@qq.co غا ۋورد شەكلىدە يوللاپ بەرسە ياكى مىسرانىمنىڭ ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ.
پائالىيەت ۋاقتى : قۇربان ھېيت كۈنىگىچە
تەكلىپ قىلغۇچى: بىرزات
سورۇن: 80خالتا بلوگى (
www.80halta.com )