ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 17قەۋەت muqam كە 2011-10-29 12:49 PMئەۋەتىلدى :
دوستلار بۇ تېمىنى كۆرۈپ بېشىدىلا كەچۈرۈشكە بولمايدىغان خاتالىقنىڭ بارلىقىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. تېمىدا (ئۈچتۇرپان) دەپ يېزىلىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىنىڭ ئىسمىنىمۇ توغرا يازالمىساق باشقىلار بىزنى مازاق قىلىشى تۇرغان گەپ ..... ئەسلى (ئۇچتۇرپان) دەپ يېزىلسا توغرا بولىدۇ. بۇ يەردىكى (ئۈ) بىلەن (ئۇ) نۇرغۇن ئادەملەر دىققەت قىلمايدىغان جايلارنىڭ بىرى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ھەرىپنىڭ ئوقۇلۇشىمۇ ئوخشىمايدىغان تۇرسا كىشىلەر ئېغىز تىلى بىلەن ئاتىلىپ كۆنۈپ كەتكەن ئاھاڭ بىلەن خاتا يېزىپ كېلىۋاتىدۇ. دوستلار ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلى ئەمەلىيەتتە پەرقلىق بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىغا قاتتىق دىققەت قىلساق دەيمەن.
ئۆز يېزىقىمىزنى قەدىرلەيلى!!!
بەزىلەر خېلى بىر يەرلەردىن كېلىپ خېلى بىر ئىشلارنى قىلىپ كەتسە كەچۈرۈشكە بولىدۇ، ئەمما مەن ياخشى كۆڭلۈم بىلەن تېما يوللىسام كەچۈرۈشكە بولمامدۇ؟ ئۇنداق بولسا سىز قىلچە خاتالىق يوق تېمىدىن بىرەرنى يوللاپ خاتالىقىمنى تۈزىتىپ بېرىڭ، يۇرتنى سۆيۈش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
چىۋىن قونسا غىڭشىيسەن، كالتەك تەگسە جىم.
بىر مىللەت بولغاندىكىن بەك تالىشىپ كەتمەيلى.