دوختۇرلارنى چۈشىنىدىغانلار راس ئازكەن.
دوختۇرخانىدا ئادەتتە بەزى تەكشۈرۈشلەرنى قىلمايمەن دېسە، ئىمزا قويۇپ بەرسىلا تەكشۈرتمىسىمۇ بولىدۇ. (ئۆزىگە بەك ئىشەنگەنلەر)، خىزمەت ئورنى بارلار قورقماي تەكشۈرتىۋېرىدۇ. خىزمەت ئورنى يوقلار تەكشۈرتكۈسى باريۇ، پۇلغا چىدىمايدۇ. كىممۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىدە كېسەل بار يوقلۇقىنى بىلىشنى خالىمايدۇ.
تېخى ئۆتكەندە بىرسى «دوختۇرخانىغا يىلدا مانچىلىك ئادەم ئۆلسۈن دەپ بەلگىلەپ بېرىدىكەن ھە» دەيدۇ. قانداق گەپ ئۇ، بىر ئادەم ئۆلسە مىڭ پاتمان باش ئاغرىقى، ئېغىر كېسەللەرنى چىقىرىۋېتىشكە ئالدىرايدۇ تېخى، دوختۇرلۇقنىڭ بېسىمى بەك چوڭ قېرىنداشلار، ئادەم بىلەن ھايۋان ۋە سايمانلار ئوخشىمايدۇ. قىلدىن قىژىق كەتسە، ئۆيىدىكىلەر پىچاق كۆتۈرۈپ كېلىپ چاناۋاتقان...