ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
باي ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
باي ناھىيە ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى
ھازىرغىچە باي ناھىيە تەۋەسىدە ئويغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز… قاتارلىق 15 مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسى ئىككى يۈز مىڭ ئەتىراپىدا.
ئويغۇرلار: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى مۇڭغۇل يايلاقلىرى ۋە سىبىريە ئەتراپى بولۇپ، ئۇلار مىلادىي 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرپكە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇپ- شىمالىغا كۆچكەن. ئۇلار غەرپكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى مانى دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. غەرپكە كۆچكەندىن كېيىن، كۆسەن خانلىقى بۇدىستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ، بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلغان. بۇددا دىنى تەخمىنەن مىلادىيە 1- ئەسىرلەردە ھىندىستاندىن ئېلىمىزنىڭ غەرىبىي رايۇنلىرىغا جۈملىدىن باي ناھىيىسىگە كىرگەن. 10-ئەسىردە سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ تەخت ۋارىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي پاناھلىق تىلەپ، قارا خانىيلار تەۋەسىگە كەلدى. ھەم قارا خانىيلارنىڭ تەخت تاماسىدا يۈرىۋاتقان شاھزادىسى ساتۇق بىلەن ئۇچىراشتى. نەتىجىدە تەخت تاماسىدا پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۋاتقان بۇ ئىككى شاھزادە تېزلا چىقىشىپ قالدى. ساتۇق ئەبۇ نەسىر سامانىيدىن تۇنجى بولۇپ قۇرئان ئايەتلىرىنى، ناماز ئوقۇشنى ئۆگەندى. كېيىن ئۇ پادىشا بولۇپ، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنىي قىلىپ بەلگىلىدى ھەمدە ئۇنى پۇتۇن قارا خانىيلار تەۋەسىدە ئومۇملاشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئويغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىدى.
ھازىر ناھىيە تەۋەسىدىكى ئويغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى نەپەرگە يىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يىمەك-ئىچمىكى نان، پولو، لەڭمەن، مانتا، كۇچا، سامسا، چۆچۈرە، قاتلىما، يوتازا، ساڭزا، ئۈگرە، قۇيماق، پوشكال، ئۆپكە-ھېسىپ، شورپا، كاۋاپ، پەرمۇدە، چۆپ، شويلا، سۈملەك، ھالۋا، پۆرە، شىرنە، ھەرخىل مىۋە ۋە مىۋە سۈيى، قېتىق، سۈت، دوغاپ، قوغۇن-تاۋۇز، مۇراببا، گۈلقەنت، ھەسەل، يەرلىك چايلار، قەنت-ناۋات، تۇخۇم، سەي- كۆكتات، مۇسەللەس، بۇزا قاتارلىقلار
كىيىم-كېچەك ئادىتى: ئەرلەر باش كىيىملەردىن رايۇن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەر خىل دوپپا، تۇماق ۋە قۇلاقچىلارنى كىيىپ يۈرەتتى. تونچە ئۇزۇن چاپان كىيىپ بېلىگە بۇلۋاق باغلايتى. ئېغى كەڭ ئۇزۇن ئىشتان كىيەتتى. پۇتىغا كوسەي، چۇرۇق، بەتىنكە، ئۆتۈك، مەسە-كالاچ، پىما قاتارلىقلارنى كىيەتتى. 1960-يىللاردىن باشلاپ تۆت يانچۇقلۇق «جۇڭسەن» پاسۇندىكى چاپان كىيىدىغان بولدى. ئاياللار ياغلىق چىگىپ رومال ئارتاتتى. چىرايلىق دوپپىلارنى ياراشتۇرۇپ كىيەتتى. ئۇزۇن چاچ قويۇپ، چىرايلىق تاراپ يۈرەتتى. توي قىلغان ئاياللار ماڭلاي چاچ قويماي، چېچىنى ئارقىغا تاراپ ئىككىگە ئايرىپ ئۆرىۋالاتتى. قىزلار ماڭلاي چاچ قويغاندىن باشقا يەنە چېچىنى ئارقىغا تاراپ، ئىنچىكە قىلىپ ، نەچچىگە ئايرىپ ئۆرىۋالاتتى. كىشىلەر ئايال زاتىنىڭ توي قىلغان ياكى توي قىلمىغانلىقىنى چېچىغا قاراپ ئايرىۋالاتتى. ھازىر بۇ ئەھۋال بەكمۇ مۇررەككەپلىشىپ كەتتى.چىرايلىق يارشىملىق ئوزۇن كۆينەكلەرنى كىيىدىغانلار بارغانسىرى ئازلاۋاتىدۇ. ئۇزۇن كۆينەككە ئۇزۇن ئىشتانى پارا كەلتۈرۈپ كىيىدىغان ئاياللارنى «ساراڭ»، «مەتۆ» ياكى«قېرىلارنىڭ كىيىمى» دەپ قاراش ئومۇملۇققا ئايلاندى. ئۇزۇن كۆينەك يوپكىغا ئايلاندى. ئىشتانلار كۇسارغا ئورۇن بوشاتتى. ھازىر قىزلار، ياش ۋە ئوتتۇر ياش ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قىسقا ياكى ئوتتۇرا ئىتەك يوپكا بىلەن كۇسارنى، ياكى بولمىسا «ۋاسسىدە» ئېتىلىپ كىتەي دەپ قالغان ئىشتان بىلەن بەدەنلىرى لىققىدە كەلگەن چاپانلارنى پار كەلتۈرۈپ كىيىشىدۇ. پۇتىدا چەتنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايىقى. چاچ كېسىش. بۈدىرە قىلىش، چاچنى قويىۋېتىش، تۈرمەكلىۋېلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندى. «قېنى قارا چاچ» دىگەن ناخشىلار، سابىق ئۆلكە رەئىسىمىز تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ 1985-يىللىرى ئويغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇپ، ئوزۇن كۆينەك كىيىپ يۈرىشى توغرىسىدا چىقارغان باياناتى ھىچ قانداق ئۈنۈم كۆرسىتەلمىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئىچىدىن بىرەر ئويغۇر ئايالنى، ھەتتا ئۆز ئانا، خوتۇن-قىزلىرىمىزنى پەرق ئەتمەكمۇ تەس بولدى.«ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دىگەن ھېكمەت سەۋەبى نۇرغۇن ئىشلاردا ئاياللارنى گۇناھكار قىلىپ كەلگەن ئىدۇق.« ئەر»دىگەن شۇنداق قۇدىرەتلىك، شۇنداق جاسارەتلىك. تەڭرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا شۇنداق كۈچ- غەيرەتنى، شۇنداق ئىرادىنى مۇجەسەملىگەن. شۇڭا ئۇنىڭغا بىرەر ئائىلىنى، بىرەر ئايماقنى، مەھەللىنى، جەمىيەتنى، ھەتتا پۈتۈن بىر دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. بىزگە لازىم بولغىنى مىقدارى جەھەتتىكى ئەرلەر ئەمەس، بەلكى غورورى، ۋىژدانى، سۈپەت جەھەتتىكى ئەرلەر. ھازىرقى جەمىيەت ئوچىقىنى ئېيتساق ئاياللارنىڭ ئەمەس بەلكى ئەرلەرنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنى ئۇلار يۇمشاقلىشىپ كەتتى. كۆپقىرلىق ھالىتى بۇزۇلۇپ، يۇملاق، سىلىق، غىلتاڭ بولۇپ كەتتى. خانىشلار ھاكىميەت ئىشلىرىغا ئارلاشقاندەك، ئائىلىدە، جەمىيەتتە ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئېغىزىغا باقماس بولدى. قىسقىسى ئەرلەر ئائىلە، جەمىيەت، مەھەللە- ئايماق ئەمەس ئۆزىنى- ئۆزى قوغدىيالمىدى. ياكى شۇنچىلىك ئىختىدار ئۇلاردا قالمىدى.
خەنزۇلار: ناھىيە تەۋەسىگە خەنزۇلار ئاساسەن چىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ كېلىشكە باشلىغان. مىنگو دەۋرىدە ناھىيە تەۋەسىدە نەچچە 10 خەنزۇ ئاھالىسى بار ئىدى. 1950- يىللاردا بىر قىسىم خەنزۇ كوماندىر-جەڭچىلەر كەسپ ئالماشتۇرۇپ، باي ناھىيىسىگە خىزمەتكە كەلدى. 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا زور بىر تۈركۈم خەنزۇ كادىرلار كەلدى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شەندۇڭ، جاڭسۇ قاتارلىق جايلاردىن يەنە كۆپ مىقداردا خەنزۇ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر كەلدى. ئۇلار ئاساسەن ناھىيىمىزنىڭ باي بازىرى، تېرەك بازىرى ۋە داۋانچى، ياقېرىق دىخانچىلىق مەيدانلىرىغا ئورۇنلاشتى.
قىرغىزلار: مىنگونىڭ 9-يىلى (1920-يىلى) قارا كۆل ئەتراپىدىكى بىر قىسىم قىرغىزلار ئۈچتۇرپان، ئاقچى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كەلدى. كېيىنچە ئۇ جايلاردىن ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى قاراباغ، ياقائېرىق، داۋانچى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كەلدى.
خۇيزۇلار: چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇڭجى يىللىرىدا بەي يەنخۇا توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم قالدۇق قىسىملىرى باي ناھىيىسىگە قېچىپ كەلدى.گۇاڭشۈنىڭ 34-يىلى (1908-يىلى)، مىنگونىڭ 3-4-يىللىرى(1914-1915-يىللىرى) ۋە 21-22-يىللىرى (1932-1933-يىللىرى) شىنجاڭدا يۈز بەرگەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غەلبە مىۋىسىگە شېرىك بولۇش ئۈچۈن گەنسۇدىن چىققان ماجۇڭيىڭنىڭ بىر قىسىم قالدۇق كۈچلىرى، ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان، پىچان قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم خۇيزۇلار باي ناھىيىسىگە كىلىپ ئولتۇراقلاشتى.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى،مەنزىرلىك جايلار ۋە ساياھەتچىلىك
باي ناھىيىسى قەدىمدە كۆسەن دۆلىتى قۇم بەگلىكىگە تەۋە ئىدى. ناھىيە تەۋەسىدە ھەر قايسى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارە- ئەتىقىلەر بار. 2000- يىلى 10- ئايدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 67 سى تىزىملىنىپ روھىخەتكە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن: قىزىل مىڭ ئۆيى، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: ئونباش مىڭ ئۆيى، لىيۇ پىڭگونىڭ چېگرا قۇرۇلىنى باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان تاش ئويما، دۇگان قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قۇملۇق ئېقىن قاتارلىقلار بار. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: 61 ى بار.
ناھىيە تەۋەسىدە ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، گۇمانتارلىق مەنزىرە نوقتىسى ۋە تەبىئى مەنزىرە نوقتىسىدىن 124 ى بار. ئۇلار يالغۇز باي ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرلىك جايلىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تارىخي، ئارخىلوگىيەلىك قىممەتكىمۇ ئىگە.
ساياھەتچىلىك
70- يىللاردىن بويان ناھىيە قىزىل مىڭ ئۆيىدە مۇللازىمەت نوقتىسى قۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆپ قېتىم كۈتىۋالدى. چەتئەللەردىن، چەتئەللەردىكى جوڭگو مۇھاجىرلىرىدىن، شاڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر باي ناھىيىسىگە ئارقا- ئارقىدىن ساياھەتكە كەلدى. 90- يىللاردىن باشلاپ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىدە كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنلىكتىن، ساياھەتچىلىك خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى موھىم بىر تۈر بولۇپ قالدى. ھازىر ناھىيە بازىرىنى مەركەز قىلغان، كۆللىكتىپ ۋە شەخسلەر باشقۇرۇشىدىكى ساياھەت نوقتىلىرى قۇرۇلۇپ، ساياھەت تورى شەكىللەندى.
1997- يىلى تاشقى ئىشلار ــ مۇھاجىرلار ئىشلىرى ــ ساياھەتچىلىك ئىشخانىسى قۇرۇلدى. 1999 - يىلى 7- ئايدا ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى قۇرۇلدى. 8- ئايدا ساياھەت شېركىتى قۇرۇلدى.
ساياھەت تۈرلىرى
ناھىيىنىڭ ساياھەت تارمىقى ئېچىپ يولغا قويغان ساياھەت تۈرلىرى ئاساسلىقى قىزىل مىڭ ئۆي، قىزىل سۇ ئامبىرى، تېرەك ئارشىڭى، باراباغ- قېيىر خەلقئارا ئوۋچىلىق مەيدانى، قىزىل ئالۋاستى شەھرى، باي ناھىيە بازىرى، قارا2- گازلىقى، چوڭ ئاپا ھور ئارشىڭى، قىزىل كۆل بويى ئارامگاھى، ئەسىر مەيدانى، ياقا ئېرىق يارداڭلىقى، تېرەك ئورمان باغچىسىدىن ئىبارەت 12 ساياھەت نوقتىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
ھازىرچە ئېچىلغان ساياھەت لېنىيىسى تۆت.
1- لېنىيە: قىزىل مىڭ ئۆي ← قىزىل سۇ ئامبىرى ← قىزىل كۆلبويى ئارامگاھى ← مىللىي تۇرالغۇ ← مىللىي ئۆرپ- ئادەت كوچىسى ← باي ناھىيە بازىرى.
2- لېنىيە: قىزىل مىڭ ئۆيى ← قىزىل ئالۋاستى شەھرى ← قارا 2- گازلىقى ← لىيۇ پىڭگونىڭ چېگرا قۇرۇلىنى باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان تاش ئويما ← باي ناھىيە بازىرى.
3- لېنىيە: ياقا ئېرىق يارداڭلىقى ← ئەسىر مەيدانى ← تېرەك ئورمان باغچىسى ← تېرەك ئارشىڭى ← باي ناھىيە بازىرى.
4- لېنىيە: ئېكىسپىدىتسىيەلىك ساياھەت ← قار لەيلىسى چوققىسى ← چوڭ ئارپا ھور ئارشىڭى.
ئەسلى مەنبە: گۈزەل باي تورى
www.guzalbay.com
مىسرانىم مۇنبىردىكى دوستلارنىڭ گۈزەل باي ناھيىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشى ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم ،دوستلارنىڭ ياخشى ئۇقۇپ چىقىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .