باتۇر ئوغلانمىز ئەھەت يۈسۈپ 10- ئاينىڭ 13 - كۈنى تۆمۇر سەكرىمە ئاياق بىلەن غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە يولغا چىقىپ شۇ كۈنى كەچ سۈيدۇڭگە يېتىپ بېرىپ سۇيدۇڭدە ئارام ئالغاندىن كىيىن،20 كېلومېتىر يولنى بېسىپ چىڭسوخوزىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئۇيەردە تەلكە داۋىنىنى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىگە پۈختا تەييارلىق قىلىپ بۇ سەپەرنىڭ ئەڭ مۇشكۈل بولغان قىسمىنى تامالاش ئۈچۈن قايتا تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ تاماملىدى . ئاللا ئامانچىلىقنى بىرىپ يەنى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى چىڭسوخوزىدىن يولغا چىقىپ تەلكە تىغېى ئىچىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تەلكە داۋىنىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان سەپەرنىڭ ئەڭ قىيىن باسقۇچىنى تاماملىماقچى، تىك داۋان، سوغۇق ھاۋا رايى ئۇنىڭ ئۈچۈن توسالغۇ بولالمايدۇ.!
تومۇرىدا ئوقچۇپ تۇرغان ئۇيغۇر قېنىنى نامەيەن قىلىپ، دىلىغا يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈكۈپ، ئالدىنى توسۇپ تۇرغان تىك قىيا چوققىلارغا پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇرنىڭجاسارىتى، غەيرىتىنى پۈتكۈل ئالامگە نامەيەن قىلىپ، باتۇرانە قەدەم تاشلىغان ئۇچۇرلار تۇرىنىڭ قۇرغۇچى ئەخەت يۈسۈپ بۈگۈن تومۇر سەكلىرىمە ئاياق بىلەن غۇلجا ئۇرۇمىچى مېڭىپ بېرىش سەپىرىنى باشلىدى.
ھازىرقى بىر بىكەت يولىنىمۇپىيادە مېڭىشنى خالىمايدىغان ياشلارغا ئۆز جاسارىتى ۋە ھەركىتى بىلەن ئۈلگە بولۇپ،قيىنچىلىق ۋە مۇشكىلاتلارغا باش ئەگمەسلىكتەك باتۇرانە قەيسەر روھىنى نامەيەن قىلدى .غۈلجىدىن ئۇرۇمچىگە بولغان 700 كېلومېتىردىن ئارتۇق يولنى تومۇر ئاياقبىلەن پىيادە مېڭىش، بولۇپمۇ ھازىرقى كەچ كۈزدىكى سوغدا تاغ _ داۋانلاردىن ئېچىپ شىۋىرغان بورانلارغا بەرداشلىق بېرىپ بويسۇندۇرۇش، قاچلىق چىدامچانلىق ، غەيرەت ۋەئېرادىنى تەلەپ قىلىدۇ ؟ بۇنى ھەممىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىز ئەلۋەتتە .
ئۇبەرداشلىق بېرەلەرمۇ ؟ تاغ _ داۋانلار ، بوران _ چاپقۇن ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قالارمۇ؟ ... ھەممىز ئۇنىڭغا مەدەت بولدۇق . ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنى غەلبىلىك تاماملاپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتى، باتۇرلۇقى ، غەيرىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى يەنە بىر قېتىم
پۈتكۈل جاھانغا نامەيەن قىلىشىغا، قوللىرمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدۇق ئاق يول تىلدۇق ، يوللىرىڭ راۋان بۇلىشغا ئاللادىن مەدەت تىلدۇق ، مانا بۇگۈنگە كەلگەندە ئەخەت يۈسۈپ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە كەلدى .دەل جۈمە ۋاقتى بىلەن ئۈرۈمچى خەلىقئارا چوڭ بازىرغا يىتىپ كەلدى،ئۇنىڭ كۈتكەن مىنۇت لىرى ئاخىرى يىتىپ كەلدى ، ئۈرۈمچى خەلىقئارا چوڭ بازىرغا يىتىپ كىلشى بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئۇلارنى قارشى ئالدى !بېشىغا كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاتتى ، ئەخەت يۈسۈپ ھاياجانلاندى ،خەلقىمىز ھاياجانلاندى ،باتۇر ئەزمەت ئەخەت يۇسۇپكە ،بارىكاللا ئېيتى،
نەق مەيدانغا يەنە شىنجاڭ تىلۋىزيە ئىستانىسىنىڭمۇ كىلىپ زىيارەت قىلدى!
تاغ _ داۋانلار ، بوران _ چاپقۇنلارغا تولغان 700كىلومىترلىق جاپا مۇشەققەتلىك يول ئاخرى تۈگدى ، ئەزمەت ئەخەت يۈسۈپ بۇ مۇساپىنى ئازادە ئاپتۇبۇس بىلەن ئەمەس 8كىلوگىرام ئىغرلىقتىكى تۆمۈر ئاياق بىلان تاماملىدى!
بۇ قېتىملىق دىلشات ۋە ئەھەت يۈسۈپ غۇلجا _ ئۇرۇمچى سەپىرىنى ، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنيەتئىدارىسى ۋە تەشۋىقات ئىدارىسى بار كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، ئېلى دەريا ئىشباشقارمىسى ۋە خۇمدان مەھەللە ئاھالىلەر كومىتىتىدىكى ھەر قايسى خادىملار يىقىندىن ياردەمدە بولدى . ئېلى گېزىتى ، ئېلى كەچلىك گېزىت ، ئېلى تىلۋىزىيە ئىستانىسىقاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى زىيارەت قىلدى ! ئېلى دادافا تىرانسىپورت شىركىتى ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەمدە بولدى !
مانا بۇ زىيارەتنى قۇبۇل قىلۋاتقان ياش بىزنىڭ نامسىز قەھىرمانىمىز شوپۇر -تاشمەمەت ،تاشمەمەت دەسلەپ زىيارەتنى قەتئي قۇبۇل قىلغىلى ئۇنمىدى ،كىيىن مۇخپۇرلار زورلاپ يۇرۇپ ئاران ماقۇل بولدى ، تاشمەمەت:بۇسەپەر ھەققيقەتەنمۇ جاپالىق بولدى ،يول بۇيى شۇنداق جاپالارنى تارتۇق ،لىكن بۇ ئىككىسى قەتئىي بۇشاپ قالمىدى ،يول بۇيى ئاچ-توق دىگۇدەك يۈرۈپ ماڭدۇق ،يامغۇرلاردا،قاتتىق بورانلاردا ،سۇغۇق ھاۋارايىغا ،بۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇردۇق،15كۇندە ،ھەركۈنى ئەتتگەن سائەت 6دە يولغا چىقىپ كەچ سائەت 7:30دا ئاران دەم ئالدۇق ،جىقىراق دەم ئېلىڭلار دىسەممۇ ئۇلار ئۇنمىدى ،سەپەرنى قەتئىي داۋام قىلدى ،بۇلار ھەققىيقەتەن مانا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى ، مەن دەسلەپ بۇلارنىڭ بۇ سەپەرنى باشلىماقچى بولغىننى ئاڭلاپ شۇنداق قايىل بولغان ،كىيىن ئاڭلىسام بىر شوپۇرغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ دەرھال بىرىپ ھەقسىز ياردەم قىلدىغانلىقىمنى ئىيتىم ،ئۇلار ئۇنماي قويدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەر مۇشۇنداق ئۇلۇق ئىشنى قىلساڭلار مەن پۇلغا قىلسام خۇدايىم مىنى كەچۈرمەيدۇ دەپ ئۇنمىدىم ،ئۇلارنى مىڭ تەسلەكتە قايىل قىلىپ ئاران ماقۇل كەلتۈرۈپ ،بۇ خاسىيەتلىك سەپەرگە ئاتلاندۇق ،گەرچە يولدا نۇرغۇنلىغان جاپالارنى تارتقان بۇلساقمۇ ،لكىن مەن بۇجاپالار ئۈچۈن رازى دىدى!
ياشا تاشمەمەت !
كۆپچىلىككە مەلۇم ،پەخىرلىك ئوغلانىمىز دىلشات ئابدۇغۇپۇر شىنجاڭ تەنتەربىيەسى جۈملىدىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى مەملىكەتكە ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە بىر قېتىملىق جاپالىق سەپەرنى باشتىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ئۇ شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى خەلىق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزكۆزى بىلەن كۆرۈپ ،ئۇلارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسى ،تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى بايقاپ چىقتى، يەنە كۆپ قىسىم جايدا ئۇ خەلىقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ بەزى جايلاردا ئادەمنىڭ نېرۋېسىنى ئۆرلىتىدىغان بىر قىسىم ئىشلارغا دۇچ كەلگەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇ 48 كۈنلۈك شىنجاڭنى توپ تىپىپ ئايلىنىش سەپىرىنى ئامان-ئېسەن تاماملىۋالدى. كۆپ قىسىم تورداشلار ئۇنىڭغا روھى جەھەتتىن كۆپ مەدەتلەرنى بېرىپ تۇردى، لېكىن دىلشاتنىڭ بۇ سەپىرى پەقەت شىمالى شىنجاڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر ‹‹ ئۇ نىمىشقا جەنۇپقا كەلمەيدۇ؟ ›› دىگەن سوئالغا جاۋاپ تاپالمايلا قالدى. ئەسلىدە ئۇ سەپەرگە چىقىدىغان ۋاقىتتا بەلنى راۋۇرۇس باغلاپ پۈتۈن شىنجاڭنى كېزىش ئىرادىسى بىلەن چىققان ، لېكىن ئۇ نىمىشقا توختاپ قالىدۇ؟ نىمىشقا پەقەت شىمالى شىنجاڭنى ئايلىنىش بىلەنلا توختاپ قالىدۇ؟ ئەجىبا ئۇنىڭ ئىرادىسى بوشاپ قالدىمۇ؟
دەسلەپ يولغا چىقىپ بىر نەچچە كۈن يۈرگەندىن كېيىن چېكىنىشنىمۇ ئويلاپ بېقىپتۇ، لېكىن شۇنچە كۆپ خەلق ئۇنىڭ شۇنداق بىر ئۇلۇغ سەپەرنى باشلىغانلىقىنى بىلىدۇ، يەنە كىلىپ ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ، شۇنداق قىلىپ سەپەر داۋام ئەتتى ، كىيىن ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئۇكىسىنى ئەۋەتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ مۈشكۈل ۋە ئەھمىيەتلىك سەپەرنى داۋام ئەتتى. يول بويى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ھۇررا توۋلاپ ، بارغانلىكى جايدا خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئۇچرىدى.... شۇندق قىلىپ ئۇ بىركۈن -بىر كۈندىن يول مېڭىپ خېلى كۆپ مۇساپىنى تاماملىغان ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بارغانسىرى كۈچ كىرگەن، بەلكىم مۇنبەردىكى ۋە جەمىيەتتىكى كۆپ قىسىم دوسلىرىمىز ئۇنىڭ يولدا ئۇچرىغان پېشكەللىكلىرىنى بىلىدۇ، ئۇ تۇرپاندا قاتتىق شامال چىقىپ كېتىپ كۆۋرۈك ئاستىدا دەم ئېلىۋاتقاندا ھېلىقى بىرتوپ ھايۋانلارنىڭ ئۇنىڭغا قول سېلىپ بۇلاپ كەتكىنىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ ،، نىمىشقا ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان،؟ ئۇ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يول يۈرۈپ ھېرىپ ھالى قالمىغاندا بۇنىڭغا راستىنلا .ئامال يوقكەن !دۇنيادا ھەرخىل ئادەملەر بار ،بۇلاڭچىلار ئەنە شۇ پەسكەشلەرنىڭ بىر تۈرى !
ئۇشۇنداق قىيىچىلىقلارنى يېڭىپ ئاندىقى قېتىم شىمالى شىنجاڭنى ئايلىنىش سەپىرىنى تامانلىغان ،
بۇقېتىم تۆمۈر ئاياق ئەخەت يۈسۈپ ئۈرۈمچىگە ئاتلانماقچى بولغاندا ،بىلە مېڭشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىغاندا ،
دىلشات مانا ھەقىقى بۇتپۇل ئەلچىسى بۇ خەتەرلىك ،بوران چاپقۇنلىق سەپەرگە بىللە ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلغان!بۇنىڭدىن باشقا بىلە ھەمرا بۇلۇپ يول بۇيى تۈرلۈك قىيىچىلىقلارغا باشئەگمەي كەلگەن شوپۇر تاشمەمەت بۇرادەرمۇ بۇقېتىمقى سەپەرگە يول بۇيى ھەمرا بۇلۇپ كەلگەن ،700كىلومىتى ئازيول ئەمەس ،ئۇلار يول بۇيى سۇ بىلەن نان يەپ ،سۇغۇق ھاۋدا يول بۇيدا قۇنۇپ،بۇ مۇشەققەتلىك سەپەرنى باشلىغان،توپتوغرا 15كۈندە بۇ سەپەرنى تاماملىغان ،ھەققەتەن ئاسان ئەمەس!بەلكىم غۇلجا تەرەپكە ئۆتۈپ باققانلار بىلدۇ يول بۇيدا ئارا نەچچە يەردە ئاشخانا باركەن ،15 كۈندە ئاران نەچچە قېتىملا تاماق يىيەلىگەن ، نىمىدىگەن قەيسەر ياشلار ھە !مانا بۇ بىزنىڭ بەخىرمىز ،تالاي يىللار جاھاننى سورىغان تۇرك قەۋەمىنىڭ ،جاھانغا مەشھۇر ئۇيغۇرخەلقىنىڭ ،جاھان كەزدى مەھمۇت قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئەۋلاتلىرى پەخىرلىك ئويغۇر ئوغلانلىرى !
دىشات ئۈرۈمچىگە كىلشى بىلەن ھەر ساھەدىكى دوسلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلشىغا ئىرىشتى،ئەخەت يۇسۇپ بىلەن تىلۋىزيە ئىستانىستىكىلەرنىڭ بىرلىكتە زىيارەت قىلشىا مۇيەسسەر بولدى ،ھەمدە نەق مەيداندا پۇتپۇل ماھارىتى كۆرسىتىپ نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى ،
دىلشاتىنىڭ بۇقېتىمقى مەقسىتى شىنجاڭ تەنتەربىيسىنى شىنجاڭ بۇتپۇلچىلقىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش بۇلۇپ ،توپ تېپىپ شىنجاڭنى ئايلىنىپ ،پۇتپۇلنى شىجاڭ خەلقىغە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ،شىنجاڭدا پۇتپۇل ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ يايدۇرۇش ،بارى مىر ئەخمەتلەردە چولپانلارنىڭ تىخمۇ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
دىشات ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپتىمۇ نۇرغۇنلىغان بۇتپۇل مايسىلىرىنى تەربىلەپ يىتىشتۇرگەن بۇلۇپ،ھەتتە بىر نەچچسى ئالدىقى يىللىق مەملىكەتلىك ئۇسمۈرلەر لوڭقىسى پۇتپۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ قوش چىمپىيۇونلىقنى قولغا كەلتۈگەن ،
شۇكۈنى دىلشات ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىگە بىرىپ ھال سورىدى ۋە ياش غۇنچىلارنى يوقلىدى،
بۇيەردىمۇ دىلشات تەربىيلىگەن نۇرغۇن مايسىلار بار ئىكەن،كىچىك دوسلارمۇ دىلشاتنى ھۇررا تولاپ كۈتۈۋالدى ،بەس بەستە كۆتۈرۈپ كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىدى!