پاھ...پاھ...پاھ...! بۇ يەردىمۇ «ئۆلىما » ۋاشاڭكەنغۇ!
مەنمۇ گەپ قىستۇرۇپ قوياي:
جوڭگۇغا ئىسلام دىنى مىلادى 651- كىرىشكە باشلىغان.
گۇاڭجۇدىكى خۇەيشېنسى مەسچىتى(پەيغەمبەرنى ياد ئېتىش مەسچىتى) . خەلىپە راشىددىنلار دەۋرىدە سەئىت ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى تاڭ پادىشالىقىغا كەلگەن. بىر مەزگىلدىن كىيىن قايتىش سەپىرىدە سەئىت ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گۇاڭجۇدا ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قەبرىسى يېنىغا مەسچىت سېلىنغان، مانا بۇ خۇەيشېنسى مەسچىتىدۇر. دىمەك ، بۇ مەسچىت مىلادى7- ئەسىردە سېلىنغان.
چۇەنجو گۇاڭدوڭدا ئەمەس، فۇجىەندە.
چۇەنجۇ مەسچىتى مىلادى 1009 - يىلى سېلىنغان.
قەشقەر ھېيتگاھنى سۇتۇق بۇغراخان سالمىغان.( ئىشەنمىسىڭىز قەشقەرگە بېرىپ ھېيتگاھنىڭ تەزكىرىسىنى كۈرۈپ بېقىڭ.
سۈيۈملۈك، ئۇماق، دانا «ئۇلىما»لىرىم، بۇ يەردە « كاتتامۇنازىرە » قىلىمىز دەپ ۋاقتىڭلانى ئىسراپ قىلماي، كىتاپمۇ ۋاراقلاپ قويۇڭلا، پايدىسى بار.
ھە، يەنە بىر گەپ: «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» دىگەن سۆز ئەسلى خاسىيەتلىك ئەپسۇنمىش، ئۇنى سىلەر «ئۆلىما»لار ئوڭ قۇلۇڭلا بىلەن سول ئالقىنىڭلاغا كۈندە يەتتە قىتىم يېزىپ بەرسەڭلا ، سىلەردىكى نۇرغۇن كىسەللەرگە شىپا بۇلىدۇ، دەيدۇ. سىناپ كۆرگەيسىلە.