ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 56قەۋەت Khalifa كە 2011-11-06 08:51 PMئەۋەتىلدى :
كىنوغا ئاۋاز بېرىشمۇ بىرخىل سەنئەت،ئاۋازمۇ كىنونىڭ بىرقىسىمى،ھۆرىيەت شىركىتىنىڭ بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.كىنو ئىشلەيمەن دەپ،مەيدىڭىزگە مۇش ئۇرۇپ،ئەمدى 3،4قىسىمى ئىشلەش ئۈچۈن 2،3ئاي ۋاقىت كەتسە،تاماشىبىنلارغا ئەكس تەسىر بېرىپ قۇيىشىڭلارنى ئويلاپ باقمىغانما؟ سىلەر ئاز دېگەندە 10قىسىم كىنونى ئىشلىگىدەك پۇلىنى تېپىپ بۇلغاندىن كېيىن ،ئاندىن بازارغا سالساڭلار.كېينىكى 10قىسىمنىڭ مەبلىغى چىقماسمىدى؟
مېنىڭغۇ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنى قوللاپ،تەرەققىي قىلىشىغا،بىركىشلىك تۆھپە قوشقۇم بار،بىراق سىلەرنىڭ سىتودىيە شىركىتىڭلاردىكى بىر قىسىم يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەر،كىنونىڭ تەرەقىياتنى .ئويلاپ يىتەلمەيدىكەن..كۆرۈرمەنلەرنىڭ دېقىتىنى قوزغۇيالمايدىكەن.ھەممە ئىشلارنىڭ مەبلەغ بىلەن چىتىۋىلىپ،كۆرۈرمەنلەردىن ئاغرىنسىڭىز ،پىلاستىنكا دېسكىڭىزنى ساتالمىسىڭىز ،تورغا ۋەھىمە تۈسىدىكى ئېلان بېرىپ يۈرۈپسىز..ئەڭ ياخشىسى سىزلەرگە بىر تەكلىپ،مەبلىغىڭىزنى 5-10قىسىم كىنو ئايلاندۇرغۇدەك پۇل تېپىپ ،ئاندىن فىلىمىڭىزنى بازاغا سىېلىڭ.ئىشلىگىنىڭىز ھەرگىز‹خاررى پوتتىر›كىنوسىغا ئوخشاش،10يىلدا 10قىسىم ئىشلەيدىغان بۇلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىنو بىلەن كۆپ قىسملىق فىلىمنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ يېتىڭ...
توردا ئۇششۇقلۇق قىلىپ،ئېلان تارقىتىپ ،تورداشلارنىڭ كەيپىياتىنى ئۇچۇرىدىغان گەپ سۆز تارقىتىپسىلەر،بۇ سىلەرنىڭ سەۋىيەلىرىڭلارنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە سىلەر كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى سىلەردىن ئۆتە ئۇششۇقلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئۈمدى قىلىمەن.
سىز ئويلىغاننى ئۇلار ئويلىماي قالارمۇ ؟
مەن ھۆرىيەت شىركىتىنى ۋە بۇ فىلىمگە ئەجىر سىڭدۇرىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى قوللايمەن . ھەممە ئىش بىخ ھالىتدىن باشلاپ يۇكسىلىدۇ . بۇۋاق بالىمۇ تەمتىم ماڭغاندا، گاھ يىقىلىپ گاھ قوپۇپ ئاندىن تەندۇرۇس مىڭىشقا يىتىلىدۇ .بىراقلا ئۇستۇكنى ئويلاش ئەقلى چولتا نادانلارنىڭ كۆز قارىشىدىن ئىبارەت خالاس.
بىز ئۇلارغا مەدەت بىرىش بىلەن بىرگە خاتالىقلىرىنى سەمىمي ھالدا كۆرسىتىپ بىرىشىمىز ، ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولىشىمىز كىرەك . شۇندىلا ئۇيغۇرىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرلىيەلەيدۇ .