ھۆ!!!!!!!! كۆڭلىڭىز ئېلىشامدىكىن؟ ئوقۇپ بېقىڭ
(ئەسىرىمنى پۈتۈنلەي ئالا-جوقا گەپلەر بىلەن يازدىم،ساراڭ تىلىنى چۈشەنسىڭىز ھوزۇرلىنىڭ،بولمىسا <ئىنكاس يازماپلا> دەپ ئېسىلىۋالمايمەن.بۇ ئۇيغۇرتىلىمغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئەمەس بەلكى تىلىمدىن سىلەرگە سۇنۇلغان قىزىقارلىق قالايمىقان جۈملىلەر.توغرا چۈشەنگەيسىلەر،تېنچ!تېنچ!)
سەھەر،تۈڭلۈكتىن ماراپ تۇرغان چاشقان بالدۇرلا قونداققا چىقىۋالغان ئىدى.تۈلكىنىڭ ئەنسىز چىللىشى مېنى قىلتاققا چۈشۈردى.ئەتراپ قىغ پۇراپ تۇرسىمۇ،تاش ئۈستىدە ئېچىلغان قۇلۇپ كىشىگە باشقىچە ئورۇن بېرەتتى.مەن كۈلدۈم،چۈنكى پۈتكۈل سامانلىق ئايروپىلان بىلەن لىق توشقان ئىدى.خۇشاللىقتىن يۈزۈم قىزىرىپ ئېشەككە مىنىۋالدىم.بۇرۇتۇم ئۇزۇن تۇرسا دوختۇرغا كۆرۈنمىسەم كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.
مېڭىۋاتىمەن،مېڭىۋاتىمەن.يېشىم ئۇپراپ كۆزۈمدە تاغدەك ماغدۇر يوق.مەن تىرىشتىم،ئۆلسەم بولمايتتى،شۇڭا بار كۈچۈم بىلەن توۋلىدىم.پەقەت ئېشەكلا ماڭا ئەگەشكەندىن باشقا،ئاۋازىمنى توخۇ-كەپتەرلەر چوقۇپ يەپ بوپتۇ.ئاچچىقىمدا قولۇمغا كىتابنى ئالدىم-دە كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئەتراپنى بىر كېچە كۆزىتىپ چىقتىم.كېچىچە ئاپتاپ چىقىپ بۇرنۇممۇ ئىششىپ قاپتۇ مانا.نېمىشقىكىن ئىت پوق يېمەستە پاقىلار كوركىراپ شۇنداق تاياق يېگۈم كېلىپ كەتتى.ئەپسۇس،بىزنىڭ باغدا قالماپتۇ،شۇنىڭ بىلەن قوشنىمىزنىڭ چېلىكىنى ئارىيەت ئالدىم.بىر چېلەك سۇ بىلەن تۆگە ئوت ئالدى،ماينى قۇلاققىچە بېرىپ قازناق ئۆيگە تىقىپ قويدۇم.قورسىقىم راستلا بەك قىچىشىپ كەتتى.مانا ئەمدى گۆش يېگۈم كېلىپ قۇلىقىمغا مۇش پۇراپلا تۇرىدۇ.يالغۇزلۇق،ئېغىلدا مەندىن باشقا تاماق قىلغىدەك شوتا يوق.توي كۈنىنى ئويلىساملا بۇرنۇمدىن لامپۇچكا يانغىنى يانغان،ئۇ چاغدا ئۆزۈمنى سايىم نوچى بىلەن سېلىشتۇرۇپ پەخىرلەنگىنىمنى سورىمايلا قوياي. دادام قۇلىقىمنى چاينىغاچ ئېغىزىمغا"بالام،ئەمدى بىز بېيىدۇق،كۆزلەر قانغا ياقىلار پىتقا تولدى،سېنىمۇ ئاخىرى مېيىپ قىلىۋالدىم،ئەمدى قالغىنى ساڭا قالدى...."دېسە شۇ چاغدا يېمەپتىكەنمەن.ئېسىت،بۇكۈنلەردە سىبىرىيەدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى.ئامالسىز ئىككى تال ئۆتۈكنى سۇغا تاشلاپلا شورپا قىلدىم.قورداق شۇنداق ھەيۋەتلىك چىقىپتىكەنكى،غاجاپ-غاجاپ كۆزلەر ياشقا تولاتتتى.
ئاپتاپمۇ چىقىپ قۇشقاچلار سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى.كۆڭلۈم بىر نېمىنى سىلىغاندەك قىلىپ ئىشىك تۈۋىگە چىقسام بىر پېشقەدەم قاغا تېرەك تۈۋىدە شۈمشىيىپ يىغلاۋېتىپتىكەن،ئىككىلىنىپ-ئۈچلىنىپ قېشىغا بېرىپ ئاستا بېشىنى چىشلىدىم،ئۇ ئاپئاق قوللىرى بىلەن تىزلىنىپ ماڭا يالۋۇردى،مەن تاكى ساۋادىم چىققۇچە ئۇنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم.قايتىپ كەلگىنىمدە ھەممە ئادەم ئېزىپ كېتىپتۇ،بۇرۇنقى مەينەتچىلىكتىن ئەسەرمۇ يوق،ھەتتا ئۇخلاپ ئويغانسىمۇ ئۆلمەس بوپ كېتىپتۇ.تېخى قوشنىمىزنىڭ تۆت ياشلىق قىزى قىلچە تەپ تارتماستىن قىزىرىپ تۇرۇپ سالام قىلماسمۇ!توۋا.....دەپ پېتىكىمنى بىرنى چاينىۋەتتىمدە.ئەرۋايىم بەش جىڭ ئۇرۇقلاپ،ھېساۋاتتىن چوڭ چاتاق چىقتى.
ۋاي مانا نەس باستى!ۋېلىسپىتىم رېماتىزىم بوپ قېلىپ ھەپتە ئاسما ئاستۇردۇم،تېلىۋىزورغا سوقۇر ئۈچەي ئوپراتسىيىسى قىلدۇرىمەن دەپ ئاجايىپ جىق پۇل كەتمىدى،سۆگەتتىن يىقىلىپ قولۇم بەك تەسىرلىنىپ كەتتى،مىڭ بىر جاپادا تاغا يامىشىپ كىچىك تىنىۋىدىم دادام پېنسىيىگە چىقىۋالدى،شۇنچە يالۋۇرساممۇ قۇلىقىم قىچىشىۋەردى.خوتۇن كومپيوتېرغا سېزىك بولۇپ بۇغدايلىققا پاختا تەرگىلى بارغىلى ئۇنىمىدى،يېپەك يانچۇقۇمنى ئوغرى ئېلىپ قەغەز پۇللىرىم قالدى.مۇشۇ يېقىندا ئۆيگە پولات سىم كەملەپ ياغاچچچىنىڭ يېنىغا بارسام مېنى<ئۈمىدلىك ياش> دەپ ماختاپ كەتتى،راڭپىزىخانىغا تورت ئالاي دەپ كىرسەم مىخ بىلەن مۇكاپاتلىدى......سۈرلۈك ئىش،نېمىتى بۇلار؟كىچىككىنە كەشپىياتىمغىمۇ شۇنداق قىلىش كېتەمدۇ دەيمەن؟
مېڭىپ-مېڭىپ بۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئېتىزلىقتا نان يەپ ساپتىمەن. بىر چاغدا مۇئەللىم قىرلىق ئىستاكاندا مەندىن سوئال سورىماسمۇ!شۇنچە تىرىشساممۇ يۆتىلەلمەي ئامالسىز تۇۋاقنى ئاچسام ھېچنىمە يوق.ئانامغا تەلمۈرۈپ بىرھازا كايىپ چوڭ بولغاندا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.مانا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكىم يوق.شۇنچە كۈچىسەممۇ ساغلىقتىن سۈت چىقمىغاچ،چوڭ يىغىندا بۇقىنى كېلىشتۈرۈپ سېتىۋەتتىم.شۇ ئاچچىقىمدا بېشىمدا لىق چاچ.
بازار ھەقىقەتەن ئاۋات ئىدى.زەرگەرخانىدا خۇمارلىق پاختا يەۋاتقانلار رەت-رەت بولۇپ ئويۇن كۆرىۋاتقان ئىكەن.مەنمۇ ئاستا قاچتىم،شۇ قاچقانچە يانتۇ مېڭىپ ئوبۇرنىدا توختىيالمىدىم.شوپۇر قايناپ لەۋلىرىدىن سۈت تېمىپ تۇرماقتا.ئامالسىز ھارۋىدىن چۈشۈپ قارلىق يولدا كەشىمنى قىستۇرۇپ خاتىرە رەسىمگە چۈشتۈم.
ئاي نەيزە بويى ئۆرلىگەن يامغۇرلۇق كېچە.مەن تېخى ئۇيقۇدا.گۈللەر ئېچىلسىمۇ كارىم يوق ناشتا قىلىۋەردىم.بولمىدى،زادى بولمىدى،تونۇر بېشىدا پۇل سانىمىسام،مەسچىتتىن قەرز ئېلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ چىش سالدۇرۇپ،تېۋىپلارغا رېتىسىپ يېزىپ بەرمىسەم كېيىنچە تۇغۇلغاندا خەلقىمگە قانداق رەھمەت ئېېيتمەن؟
قېنى جاۋابىنى بىلگۈچىلەر بولسا مۇزخانىغا تىقىپ قويماي ۋاقتىدا توي قىلىۋېلىڭلار.خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆڭلى ئېچىلغۇچە ئۈچەي كاۋىپى بىلەن جازالىنىدۇ......
بولدى مۇشۇ يەرگىچە يازاي،ئۆزۈممۇ ئېلىشىپ قالاي دېدىم.
بۇ رومان ھەققىدە يۇمۇلغان تەسىراتىڭلار ئوق تەگكەندە رېتىسىپ قىلىنىپ مەجبۇرى سېتىلىدۇ.ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلدى.
باشقا گەپ سۆزلەر بولمىسا:ئۇنىمايمەن