ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 36قەۋەت gulbaxikar كە 2011-11-15 03:04 PMئەۋەتىلدى :
سورىشىنىڭ كارى چاغلىق، ئادەم دىگەندە ھەمىشە تەل بولىۋەرمەيدۇ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم قىلىپ تۇرۇش ياخشى خىسلەت ، ئەمما ياردەمنى ۋاقتىدا ياخشى قىلغاندىكىن چۇقۇم ۋاقتىدا قايتۇرۇشى، ئامال بار ئەپلەشتۈرەلمىسە بىر مەزگىل كەينىگە سۈرۈپ بېرىشنى ياخشى گەپ بىلەن دىسە بولىدۇ، ئەسكىلىك قىلىپ قايتۇرمايدىغانغا قازان ئاسىدىغان بېزەڭ ئوغۇللارمۇ بار جۇمۇ! بۇنداقلارنى نىمە دەيمىز ئەمدى!
توغرا دەيسىز،ئادەم دىگەندە پۇل بارمۇ بولىدۇ يوقمۇ بولىدۇ،باشقا كۈن چۈشكەندە جىنىغا ئەسقاتقان كىشى ھەقىقى ئىسىل نوچى ئادەم بولىدۇ.لىكىن ھازىر ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدا ئىشىنى يەپ تاۋىقىنى چاقىدىغانلارمۇ يوق ئەمەسكەن.
بىر دوستۇمنىڭ دىيىشىچە يىگىتى ئۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يۇئەن پۇل ئىلىپ ھۆججەت يىزىپ بېرىپتىكەن،بىر كۈنى ھۆجەتنى ئىلىپ چىقىشىنى ھەم پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.دوستۇم گىپىگە ئىشىنىپ ھۆجەتنى ئەپ چىقىپتىكەن كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ يازغان ھۆجىتىنى يىرتىۋىتىپتۇ ئاندىن ،سەندىن پۇل ئالغىنىمغا كىم گۇۋا؟ھۆجەتنى يىرتىۋەتتىم،ئەمدى ئوتۇرىمىزدا ئىلىم بېرىم ئىشىمىز قالمىدى ...دەپتۇ.توۋا دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ۋىجدانسىز غورۇرى يوق ئەرلەرمۇ باركەن.
بۇنداق ئەرلەرنى بىز نىمە دىسەك بولار؟