قارىسام
Cydia مەنبە ۋە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغان دېتاللارنى ھەمبەھىرلەنسەك بۇ تېمىدا خىلى قوللىنىشچان دېتاللار يىغىلىپ قاپتۇ شۇڭا دوسلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن سۇندۇم .
Cydia بولسا بىر كەڭرى دۇنيا ئىچىگە ھەرقايسى تور بېكەتلەر تەمىنلىگەن مەنبەنى قوشۇش ئارقىلق ئۇ مەنبەلەردىن ھەرخىل ئۈنۈم دېتاللىرى ۋە يانفون دېتاللىرىغا ۋە بەزىبىر كېرەكلىك قىستۇرما دېتاللارغا ئىرىشىمىز (بىزمۇ Cydia مەنبە قۇرۇش ئىشلىرى بىلەن خىلى ئىتىشتۇق لېكىن ئەپلەشتۈرۈپ بولالماي قالدۇق ،لېكىن يەنە ئىزدىنىۋاتىمىز) . لېكىن بۇ مەنبەلەردىكى دېتاللارنىڭ ھەممىنى چۈشۈپ سىناپ بولالمايمىز تولالىقىدىن ،شۇڭا كۆپچىلىك بىلەن ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان Cydia مەنبە ۋە شۇ مەنبەلەردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان دېتاللار توغۇرلۇق مۇنازىرەلەشسەك قانداق ؟
مەن ئاۋال ئۆزۈم ئىشلىتىدىغان مەنبە ۋە قىستۇرما دېتاللارنى قالدۇراي ،داۋاملاشتۇرغۇچىلار ئۈستىدە تىلغا ئېلىنغانلىرى بولسا قالدۇرۇپ قويۇپ ،باشقىلىرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار .
بىرىنچىسى :
http://cydia.hackulo.us بۇ مەنبەنى iPa قىستۇرمىسىنى قوشۇشقا ئىشلىتىمەن (appsync for 4.0+) ئادەتتە بۇ قىستۇرما دېتال 178 ۋە weifeng لاردا باركەن ،لېكىن مەن يەنىلا مۇشۇ مەنبەدىن چۈشۈرپ قاچىلاشقا كۆنۈپ قاپتىمەن .
ئىككىنچىسى :
http://apt.178.com بۇ مەنبەنى دىسەم دىمىسەك كۆپىنچىمىز قوشۇپ ئىشلىتىمىزغۇ دەيمەن ،
بۇ مەنبەدىن winterboard ،keyboard fixer ios4.3+ لارنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش ئۈچۈن قاچىلايمەن (ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى دىمىسەم winterboard نى قەتتىي قاچىلىغۇم يوق بەك توك خورىتىدىغان كاساپەتكەن بۇ )
iconrenamer بۇ قىستۇرما دېتالنى ھۆججەت خالتىلىرى ۋە ئايكون (سىن بەلگىلەر)لارنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە قاچىلايمەن.
barrel 3d 桌面翻页 نى ئېكران بەت ئالمىشىش ئۈنىمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قاچىلايمەن .
kuaidail نى يانفون دەپتىرىدىن نومۇر ئىزدەش ، كەلگەن ،ئۇرغان تېلېفون تەۋەلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن قاچىلايمەن .
Activator ئېكراننى سۈرۈش ئارقىلىق ھەرخىل ئۈنۈملەرنى تەڭشەشكە بولىدۇ .
Barrle 3D ئېكراننىڭ ئالمىشىش ئۈنۈمىنى ھەرخىل ئۈنۈمگە ئۆزگەرتىپ بىرىدۇ
Backgrounder ئارقا سەپ دېتالى (QQ نى ئىچىپ قويىدىغانلار چوقۇم قاچىلايدىغان دېتال)
biteSMS 5.2 چوقۇم قاچىلايدىغان قىسقا ئۇچۇر ياردەمچىسى دېتالى
CameraButtons ئاپارات ياردەمچىسى ،رەسىم تارتىشنى ئاۋاز كونۇپكىسى قاتارلىق كونۇپكىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ .
CleanStatus ۋەزىپە ئىستونىدىكى سىن بەلگىلەرنى يوشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ مەسىلەن : ماي بەلگىسى قاتارلىق
Clock Hide ئېكران قۇلپى ھالىتىدىكى ۋاقىت ۋە باشقا سىسىتېما ئۆزگىرىشلىرىنى يوشۇرىدىغان دېتال
Display Recorder ئېكران سىنغا ئىلىش دېتالى (دىققەت : ئېكراننى رەسسىم تۇتمايدۇ،ئېكراندىكى مەشغۇلاتنى سىنشەكلىدە تۇتۇپ بىرىدۇ)
Graviboard ئېكراندىكى سىن بەلگىلەرنى ئىغىرلىق كۈچىگە ئېگە قىلىدۇ ، يانفوننى سىلكىپ بىقىڭ .
Gridlock ئېكراندىكى سىن بەلگىلەرنى خالىغان ئورۇنغا قويغىلى بولىدۇ
IconRenamer سىن بەلگىنىڭ ئىسىمى ئۆزگەرتىش دېتالى
Infinidock بولسا dock ئىستونى ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ سىنبەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
iFile يانفوننىڭ ھۆججەت باشقۇرۇش قورالى
Installous يىشىۋىتىلگەن دېتال ئويۇنلارنى چۈشۈرىدىغان ياخشى دېتال
Infinifolder ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە چەكسىز سىنبەلگىلەرنى قويغىلى بولىدۇ
Insomnia بۇ دېتال بولسا wifi ،3G سىگنالى ئۈزۈلۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
Lockdown Pro پىروگراممىلارغا مەخپىي نومۇر ئورنىتىدىغان دېتال (مەسىلەن : ئالبۇم دېگەندەك)
NTPdate ۋاقىتنى تورئارقىلىق توغۇرلايدىغان دېتال يەنى تېلېفوننىڭ ۋاقتى بىۋاستە توردىكى مۇلازىمىتىرنىڭ ۋاقتى بىلەن توغرىلىنىدۇ .
QuickDo ئىقتىدارى ياخشى بولغان قول ئىشارىسى دېتالى Activator بىلەن شۇنداق ياخشى ماسلىشىدۇ .
SBSetting يانفوندىكى ئىقتىدارلارنى تىز سۈرئەتتە ئىتىپ-ئىچىش دېتالى ،قاچىلاپ بولۇپ بارمىقىڭىزنى ۋەزىپە ئىستونى ئۈستىدە ئوڭ-سولغا سۈرسىڭىز ئۈنىمىنى كۆرەلەيسىز (بۇ يەردىن تور ،3G,Wifi ،كۆك چىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىر يولىلا تاقاپ ئىچىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ)
SBRotator for 4x ئېكراننى ipad كە ئوخشاش ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ
swipeToMoveCursor بۇنى قاچىلىماستا قىسقا ئۇچۇر خاتىرە دەپتەرنى تەھرىرلىسەك ،ئاۋال ئېكراننى بىسىپ تۇرۇپ ئۇيان-بۇيانغا سۈرۈش ئارقىلىق ئورۇن بىكىتەتتۇق ،بۇنى قاچىلىساق ئېكران ئۈستىدە بارمىقىمىزنى سۈرسەكلا ئورۇن بىكەتكىلى بولىدۇ .
SwitcherMod قولايلىق ئارقا سەپ باشقۇرۇش دېتالى .
WeatherIcon ھالەت ئىستونىدا ھاۋارايى كۆرسىتىپ بىرىدىغان دېتال
WinterBoard سىستېمىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان ياخشى دېتال .
killbackground ئارقا سەپتە ئىجرا بولىۋاتقان پىروگراممىلارنىڭ ھەممىنى بىراقلا ئۆچۈرۋەتكىلى بولىدۇ .
تېما مەنبەسى :
ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى Cydia مەنبە ۋە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغان دېتاللارنى ھەمبەھىرلەنسەك
http://www.xjmac.com/mac/forum.p ... 5&fromuid=4