مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار سەمىگە:
يۇقارقى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا مەبلەغ يۆتكەپ ئىلىپ قىچىش ۋەقەلىرى مۇنبىرىمىزدىمۇ يۈز بىرىدىغاندەك قىلىدۇ. يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسىم ئەزالارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ مۇنبەر پۇلىنى ئىلىپ قىچىش ۋەقەلىرىنىڭ مۇنبىرىمىزدە يۈز بىرىپ مۇنبەر ئىقتىسادىنى كىرزىسقا سۆرەپ ئەكىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە جىددى تەدبىر قوللىنىشىنى ئىنتايىن زۆرۆر دەپ قارايمەن. شۇڭا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەكلىپ لاھىيەمنى سۇندۇم .
1. مۇنبەرنىڭ چىگىرا مۇداپىيە، كىرىپ - چىقىش، پاسپورت بىجىرىش ئىشلىرى چېڭىتىلسا.
2.مۇنبەر بانكىسىنى قوغداش كۈچەيتىلسە، يەنى ئەزالاردىن جانبازلقىنى بىلىدىغانلارنى ئەمەلىيەت ۋە يۈز تۇرا ئىمتىھان ئارقىلىق قوغداش خادىملىققا قۇبۇل قىلىپ، بولسا تاپانچا، زەمبىرەك، پىلىمۇت، تانكا ۋە كۈرەشچى ئايرۇپىلانلاردىن بىردىن تارقىتىپ بىرىلسە.
3.مۇنبەر ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىگە تەڭشەش ئىلىپ بىرىلىپ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى ئەزالارغا قوشۇن بىرىلىدىغان ئىنكاس ھەققى كۆپەيتىلسە .
4.يۇقىرى كىرىملىك ئەزالارغا قارىتا تاپاۋەت بىجى بىكىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، مەندەك ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى ئەزالارغا رىغبەت سۈپىتىدە بىرىلسە