مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kok-sultan

لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغنلىقىنىڭ 89 يىللىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62783
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3959
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1209 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2012-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 09:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ئادەم بۇ ،،!!
مەن  ھەقىقىي  قول قويدىغان ئادەم  بۇ  !!
23 ياشلىق ھاياتىدا شۇنچىلىك زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ،،
ئەمما بىزچۇ ،،؟؟

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:19:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇرخەلقىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس شائىرى ، ئۇ ئۆلمىدى ئۇنىڭ شىېرلىرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ ، بىز ئۇنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5873
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە يېزىلغان قاينام ئۆركىشى دېگەن تارىخىي روماننى كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغانىدىم ، ماڭا بەك تەسىر قىلغانىدى.

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16211
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7922
تۆھپە نۇمۇرى: 493
توردا: 5832 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:34:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى لېۋىڭ ئارىسىدىن چىقققان سەدىقە ،كۆپ چاغلاردا ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىدىن چىققان سەدىقىدىن ياخشىراق.
ئەللامە زەمەخشەرى سۆزى.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىزگە شۇنداق نەرسىنى قالدۇردىكى ،ئۇ ماڭغان يولدا بىز ماڭالمىدۇق. لۇتپۇللانىڭ خەلىقنىڭ سۇيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيۈشلىرى ، ئەۋلادلارنىڭ گومىنداڭنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇپ، ھاراق، نېشە ، رېستۇران ،يەنە ئاللىقانداق سورۇنلارغا كەڭتاشا مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈنمىدى!  بىز كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشنى قويۇپ ، لايغەزەللىك، كەيىپ- ساپا ، ۋىجدانسىزلىق يوللىرىدا ئەركىن يايراپ يۈرمەكتىمىز.

ەاقدقدەىقسشاندشىندىقنشدەبنشۈبندەىنشبن

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12391
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32439
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:42:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن 6- سائەتتە لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ بالىلىق ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان‹‹13.ساۋات چىقىرىش››دېگەن تېكىستنى ئوچۇق دەرس قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم.....

ئوت يۈرەك ،ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات...

لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى بەكلا تاشلىنپ قاپتۇ باشقىلاردىن ئاڭلىسام...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 892 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:05:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاجايىپت تۇغما تالانىت ئىگىسى چاقماق چاققاندەك بۇ قىسقىغىنە ھاياتىدائۆز يىشىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق  شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى .
    ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ تالانتىغا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ .چۇنكى بۇنداق كىشلەر نەچچە يۇز يىلدا ئاران بىر قىتىم كىلىشى مومكىن .   
     بىز ئۇنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ۋە ئۆلمەس شېئرلىرى ئارقىلىق ئۇنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىمىز!!!!!

                 يىللارغا جاۋاپ

               لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا

قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب
   (يۇقىردىكى بۇ شېئرى گىرمانىيەنىڭ بىرلىن موزىيخانىسىدا ئالتۇندىن ھەل بىرىلىپ ساقلانماقتا ..ھەم ئالىملار تەرىپىدىن ۋاقىتنى ھەم ھاياتنى ئەڭ توغرا شەرىھلەپ بەرگەن شېئر دەپ قارالماقتا.........)
               
                     خىيالچان تىلەك

                    لۇتپۇللا مۇتەللىىپ

تېڭىرقىمايمەن،دوستلار،تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ،

چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.


مەرد باغۋەن خازان قىلمايدۇ ۋاقىتسز باغنى،

تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل -چىچەكلەرنى.

خىيالىم خۇددى تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،

ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.

لەززەتلىك خىيال ئارسىدا بېقىپ ئاسىمانلارغا،

تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.

جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈن تولغانماس؟

ئاشقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى…..

نىمشىقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،

سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە بۇ يۈرەكلەرنى.

ئەزەلدىنلا خىيالچان…..مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم ،

تىڭشىغاچقا مومام ئاغزدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.

سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلۇقىدا مەن قاينام تۇرسام ،

ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:26:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەڭ ياقتۇردىغان شئىر ، ل.مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ»
....
بىز نېمىلەرگە ئېرىشىپ نىمىلەرنى يىتتۈرۈپ قويدۇق؟
كۆپچىلىك ئوبدان بېر ئويلاپ باقايلى!!!!!

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

يىغلاپ تۇغۇلدۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62656
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 996
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 03:48:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى تورداشلار بىز يىللارغا قانداق جاۋاپ بېرىمىز ؟ئۆزىمىزگە سۇئال قويۇپ باقايلى.

تەغدىر ماڭا كۆرسەتتى ئويۇن، ھايات يولۇم باشـلاندى يېڭى. شۇندىمۇ ھىچ ئەپسۇزلانمايمەن، يىگىرمە گۈل ئېچىـلىپتۇ تېـخى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54988
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3146 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 07:28:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 22 يىل 8 ئاي ياشىدى.23 ياشقا كىرىشىگە يەنە قىممەتلىك 4 ئاي بار ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60471
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3324
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1148 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 10:52:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بۇلغاي..........
ئۇت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ كىلەر يىلى 90يىللىق خاتىرسىگە ئاتاپ بىرەر خاتىرە بۇيۇمى تاقىتىشنى ئۇيلۇشۇپ باقساقمىكىن دەيمەن ....كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش، ئەجداتلارغا ھۇرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇلسا قانداق .
بۇنداق بۇلغاندا، شۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلغان بۇلاتتۇق قېرىنداشلار .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش