مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: .momay

موماڭلار سىلەرنى مېھمانغا چاقىردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27491
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2112
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 05:27:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1431
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3361 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 05:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موما سىزگە نىمە بولدى ؟ كىم سىزنى رەنجىتتى ؟ ماڭا دەڭە ، مانا مەن شەھىدە نەۋرىڭىز بار . كىم سىزنى خاپا قىلسا ئۆزۈم ئەدىپىنى بېرىمەن . ھەي مىھمانلار نىمە قىلغىنىڭلار بۇ ؟ مومام بىر كۈن پايپىتەك بولۇپ سىلەرگە تائام تەييارلىسا ، مىھمان بولۇپلا كەتمەي ، مومامنىڭ شەخسى ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ نىمە قىلىسىلەر دەيمەن . مومان مۇنبەرگە بىزگە كۈلكە، خۇشاللىق ئاتا قىلغىلى كىرگەن . ئەمدى ئۇنى رەنجىتمەڭلار.

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48047
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3121
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 1043 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 06:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مۇمامنى رەنجىتىپ قويۇپسىلەرغۇ! مانا كىتىپتۇ بىزنى تاشلاپ.......ۋاي موما!!!!!!!!!

مائارىپنىڭ ئاخى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52566
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1091 سائەت
تىزىم: 2011-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 10:20:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورساق ھەجەپ ئاچقانتى ئەمىسە تاتىنماي داسىتخانغا كېلىۋەدىم . ۋا بەك ئوخشاپتۇ  رەخمەت موما

مائارىپنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، لېكىن ئۆگۈنۈش مەڭگۈ توختىمايدۇ.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8882
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 2351 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 11:43:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىغاندا جاپا تارتىپ بەكلا جۇۋاپسىز رەھمەت موما ، ئاللا ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشكە نېسىپ قىلغان سالامەت بولۇڭ .

ئۈزۈم تال

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11685
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 03:20:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  gunahmu كە 2011-11-16 09:52 PMئەۋەتىلدى  :
مەن سەكسەنگە كىرگىنىم بىلەن.

ھاسا تاياقتا يۈرگىنىم بىلەن.

ئۆزۇم مومايسىز يۇرگىنىم بىلەن،

موماي بولسا خەۋەر قىلىڭلار.  


  موما موما خۇش خەۋەر ! خۇش خەۋەر !
ماڭا سۆيۇنچە ! ماڭا سۆيۇنچە ! .....ئۇف !  ۋاي ۋۇي موما ئالدىراتماي تۇرىڭە بولامدۇ ؟
سىزگە خۇش خەۋەر يەتكۇزىمەن دەپ بەك تىز يۇگۇرۇپ كىتىپتىمەن بىر چاغدا بىرسى مىنى چاقىرغاندەك قىلدى قارسام  .بىر باققالنىڭ ئالدىدا قاق ئىلغاۋاتقان نىمە جاپا دىگەن تورداش ئىكەن.نىمە گىلىڭغا قاق تۇرۇپ قالغان قاغىدەك كاكىرايسەن ؟ دىسەم .
- ھەي شۇمتەك قۇلۇقۇڭغا قارا مۇنداق قۇلۇقىڭغا دەيدۇ .
-قۇلۇقۇمغا قارسام ئوھ ! قۇلۇغىمدىن  ھىندىستاننىڭ كۆمۇر پويىزىدەك پۇقىراپ ھۆر چىقىۋىىتپتۇ .
   ۋاي نىمە ئىشتۇ بۇ دەپ ئويلىسام .ئەسلى ئەتتىگەن ئانامنىڭ تاغىل مۇشۇكىمىزنىڭ قاچىسىغا قۇيۇپ بەرگەن مىڭ نىيۈ شىركىتىنىڭ  ئۇيغۇرچەمۇسۇلمان سۇتىدىن ئانام كۆرمەستە ئازىراق  ئىچىۋالغان ئىدىم . شۇ سۇت  ئاشقازىنىمدا سىز تۇنۇگۇن مەن  پەزىلىيەنىڭ ھۆيلىسىغا  ئوينىغىلى كىرگەندە  يىلىم چۆچىكىگە ئۇسۇپ بەرگەن چالا چالغان ئۇماچتەك قايناپ كەتكەنلىكتىن چىققان ھور ئىكەن ئەمەسمۇ ................
  ھەر نىمە ولسا تەلىيىم باركەن يولدا ھۆكۇمران ۋەلىسپىتىگە مىنىپ ئىدارىسىگە مىڭىپتىكەن مىدۇرۋالامدىكىن دىسەم  قەستەن كۆرمەسكە سىلىپ سىتولبىغا قونۋالغان قۇشقاچلارغا ئىسقىرتقاچ ئىچىدە ئىدارىسىنىڭ قائىدە تۇزۇملىرىى يادىلاپ كىتىۋاتمامدۇ  مەنمۇ شۇنىڭ بىلەن  ئالدىدا  يول بەرمەي قەستەن پۇتۇمنى يەرگە سۆرىتىپ توپا توزىىتپ ماڭسام. توپا چاڭدىن كۆزىنى ئاچالمىغان ھۆكۇمران ئۇندا قىلىپمۇ بۇندا قىلىپمۇ ئالدىمغا ئوتەلمەي جىلە بولغان چىغى بىر چاغدا ھەت تال باراڭ دەپ  ۋاقىرايدۇ  .قارسام ھۆكۇمران ئىچ مايكا تامبال بىلەنلا قاپتۇ . ۋاي  ھۆكۇمرانكا نىمە باياتتىن قۇياشنىڭ شولى يانغۇدەك شىم-كاستۇيۇمنى نىمە قىلدىڭىز ؟ دىسەم .ھۆكۇمرانكام ئاچچىقى بىلەن.
- نىمە بولاتتى ئايالىمنىڭ قارشى چىقىشىغا  يىرىم كۇن 3 - ئىمپىريە ئۇرشىنى قىلىپ يۇرۇپ  خان كۆچىسىدىكى گۇلۇم نەدە نىڭ تۇرۇك شاھزادىلەر  كىيىم-كىچەك دۇنياسى  دۇكىندىن تۇنۇگۇن ئالغان  كاستىيوم بۇرۇلكام ،سىنىڭ چىقارغان قۇم-بورانلىرىڭ بىلەن بۇزلۇپ كەتمىسۇن دەپ  ۋەلىسپىتنىڭ سىۋىتىگە سىلىۋالدىم. قارسام يەنە بولدى قىلاي دىمەيسەن.يەنە بىردەم يول قويسام،توپا چاڭ توزىىتپ ئىچ مايكا تامباللىرىمنى سالدۇرۇپ بولدىغان ئوخشايسەن ....بولدى مەكىلە ! توپا سورىمايدىغان ئىش بولسا  ۋەلىسپىتىمگە مىندۇرۋالاي ..

ھۆكۇمرانكام 60-70 كىلومىتىرچە مىندۇرۋالغاندىن كىيىن يولىمىز بىر بولمىغاچ .ئەمدى يالاڭداق ئوزۇڭ كىتىۋال دەپ ۋەلىسپىتىدىن چۇشۇرۋىتىپ كىتىپ قالدى .
  ئەمدى قانداق قىلاي دەپ ئولتۇرسام شىۋاسنى بىلىسزغۇ  ! ئىنكاسلارنىڭ قاتىللىرىنى يازىدىغان ئازراق ئەقىللىق قىتىش بالىنى - ھە شۇ مايكولنى قوغلاپ كىلىشىكەن. ماشىنىسىنى توسايمىكىن دەپ تۇرسام .خىل ئادىمەتچىلىگى بار ئاداشمۇ نىمە ؟ ئوزى مەن توسمىساممۇ ئوزى توختۇتۇپلا  نەگە بارىسەن؟  دەپ سوراپمۇ قويماي ماشىنىسىغا سىلىۋالدى .........ھەقەچان ماشىنىسى بىنز بولغاچ كۆزۇمدىن ئۇچقۇن چىقارغۇسى كەلگەن چىغى ....  ماشنىننىڭ ياڭراتقۇسىدىن ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ئۇزاق يول دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ كىتىۋاتىمزى كىتىۋاتىمز ... بىر چاغدا شىۋاس ئۇكىجان چىراي ئىپادەڭگە قارسام جىددى بىر ئىش بىلەن مىڭىپسەنمۇ نىمە ؟ دەيدۇ .
- خۇمپەر ! دەيمەندە ئىچىمدە زادى رازىۋىتكا كەسپىدە ئوقۇغان ئادەمدىنغۇ  ئىغىزدىكى گەپنى ئەمەس گۆردىكى ئولۇكنىمۇ يوشۇرمەك بەس مۇشكۇل......
    نىمە دەي ئەمدى ؟ ئالداپ باقايچۇ دەپ-   ياق ئۇنچە جىددى ئىشمۇ ئەمەس .توخارنىڭ نەشپۇتلىرى پىشىپ قاپتىكەن. ئەزانراق بەرسە توپقا ئىلىپ كاناداغا ئىلىپ چىقايمىكىن دەپ مىڭىشىم ئىدى دىسەم .شىۋاش  47 گىرادۇسلۇق سەت بىر كۇلكە بىلەن  ھەي بالا شۇمتەك مۇشۇ ئەپتىڭ بىلەن كىمڭنى ئالدىماقچى سەن . يالغاننى ئوخشاتساڭمۇ شىڭسىسەيدەك ئوخشاتمامسەن مۇنداق . دىمەسمۇ تازىمۇ ئوماق ئىزانىڭ ھەر خىللىرىدىن  15-20 نى ئىلغىۋالدىم
  قىل قالدى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ەگپكە سىلىپ  ئاغزىمدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىۋاپ مايكولنى تۇتۇدىغان ئىشنى كىلەر يىلغا قويۇپ قويۇپ. سىزنىڭ سۆيۇنچىڭىزنى ئالغىلى ....مەنمۇ بوشاڭ ئەمەس مۇنداق قاقباشلارغا يەم تاشلاپ بىرىدىغان ....
................
   راسىت دىدىڭىز موما بۇ چەتئەللك خەق دىگەن بىزنىڭ دۆلىتىمزدىكىدەك ئادەم ئامىلى ئىككىنجى پۇل ئامىلى بىرنىجى دىگەن پىرىنسىپنى چۇشەنمەيدۇ دەڭا ... قارسام شىۋاس تولا ماڭا پىسخىك جىڭى قىلىپ ئارام بەرمىدى. ئاخرى بولالماي ساڭا يىڭىلدىم دىيىشكە يۇزۇم رازىلىق بەرمەي بولدى .مۇشۇ يەردە چۇشۇپ قالاي دەپ زەپەرنىڭ ئوينىڭ ئۇدىلىدا چۇشۇپ قىلىپ يۇگۇرۇپ كىلىشىم موما .... بولمىىغان بولسا موما قاچان كىلەردىم  بۇ ئافىرقىدىكى سەھرايى كەبىر چولىگە سىلىۋالغان كەپىڭىزگە ...........

    شۇڭا  مۇزدەك دوغدىن بىر  ئاپقۇر  بەرسىڭىز موما .شۇنى سۇزۇپ بىر ئىچىۋاپ ئىغىزىمنىڭ  تىمپۇراتۇرسىنى بىر ئاز  تۆۋەنلىتىۋىلىپ دەپ بىرەي دەيمەن بولمىسا  سىزگە ئىيىتماقچى بولغان خۇش خەۋەرنىڭ قىزىقلىقىغا تىخىمۇ  قىزىق قوشۇلۇپ قۇلىقىڭىزنى كۆيدۇرۋالسىسىز  
..............................
  
ئەمسە ئاۋال ماڭا سۆيۇنچە ۋە سۆيۇنچىنىڭ توپىسىدە ئۇستەك قىلىپ سۇ بويدا رومانننىڭ 1-2-3- تومىنى ئوقۇپ بىرىپ بولۇڭ ئاندىن دەپ بىرەي .....

.............
-نىمە بولدىڭىز موما ئايلىنىپ كەتمىگەنسىز ؟  نىمە دىدىڭىز موما بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغۇچە قەبرەمنى 3- مۇزئىراسىنىڭ جانلىقلىرى ئۇۋا قىلىپ بولىدۇ دىدىڭىزمۇ ؟

-ھە ماقۇل ئەمسە. بايام ئۆيىڭزگە چاقىرغان مىھمانلارنىڭ ئالدىغا تۆككىلى چىدىمىغان -- بۇگۇنكى كۇندىن مۇقەددەم 7598 سائەت ئىلگىركى بىر ھارا رايى يىغلاڭغۇ زامانلاردا  يەنى گۇپۇلدەپ جىگدە پۇراپ يۇرگەن تۇرگۈن  ۋاقىتلىرىڭزدا رەھمىتى بوۋامغا ئاتاپ ياساپ قويغان 30-40 تىزىق ئۇرۇك مىغىزلىرىڭىزنىڭ ئىچىدىن ( بىلىمەن ساق مىغىزغىغۇ ھەرگىزمۇ چىدىمايسىز ......... قۇلۇم قوشنىللىرىڭىزدىن ۋاي بۇ قاقباش موماي  سىخىيلىقىدىن  ئاش ئەتسە ،ئوچۇقىغا قالىغان ئوتنىڭ تۇتۇنلىرىنىمۇ  بۇلۇت كۆرۋالىدۇ دەپ، تۇتۇنىنى  مىھمانخانىسىنىڭ  دەرىزىللىرىنى چىڭ تاقاپ مىھمانخانىسنىڭ ئىچىگە چىقىرۋاتىدىغانلارنىڭ بىرى دەپ سۇزۇك -ناز .گۇلبەر . ئوماق .شەھىيدلەرنىڭ بۇلاق بويغا سۇغا چىققانلىرىدا بىر يەرگە توپلىشىپ سىز توغۇرلۇق پارڭ قىلىشقىننىى نەچچە كۆرگەنمەن موما )  شۇڭا كۆپمۇ دىمەيمەن .ئانچە مۇنچە قۇرۇت چۇشكەن بىراق قۇرۇتنىڭ ئىغىزى تەگمىگەن. تىزىق مىغىزلىرىڭىزدىن ئىچىدىن ئەڭ ئۇزۇن بولغانلىرىدىن 20-25  تىزىق  بەرسىڭىز  دەپ بەرسەممۇ دەپ بىرەي .
نمىە توۋە قوزام مەندە ئۇرۇك مىغىزلىرى يوق دەمسىز موما ؟
.....................
................ كىم شۇنداق دەيدۇ مەن چاپاچ خىنىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان تۇرسام  سىزدە ئۇرۇق مىغىز  تىزىقلىرى يوق دىسە كىم ئىشىندۇ ؟ باشقىلارغىغۇ ئىشەنمەڭ ماقۇلە. چاپاچ خىنىمغىمۇ ئىشەنمەمسز ؟   ئۇ خانىم بۇ چاققۇچە گۇزەل ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن ياشاپ كىلىۋاتقان ئادەم قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەمدۇ موما ؟
...........
ئەمسە قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ جان موما  !
ماۋۇ ئەتلەس كۆينەك مۇنبىرى ياق شىم-چاپان مۇنبىر..ۋاي ياق يەنە پۇتلىشىم كەتتىمغۇ مەن....

....................
ۋاي ! كىمنىڭ بۇنداق ئاچىق-چۇچۇك سۆزلىگۇسى بار دەيسىز موما .
    بىر ئاينىڭ ئالدا نايىمىزدىكى يەرلىك كىنوخانىغا مايا تىلىدا قويىلىدىغان ئەلى بابا ۋە سۇمالى قاراقچىسى. دىگەن فىلىمنى كۆرگىلى بىرىپ بىلەت ساتىدىغان كۆزنەكنىڭ ئالدىدا  ئۆچرەت ساقلاپ بولالماي  .  قىستى-قىستاڭچىلىقتا تىلىمنى بىر ماكاكا مايمۇن چىراي گۇي دەسسىۋىلىپ گىلىيادىياتور يۆلەپ قۇتۇلدۇرۋالدى،  ئاچچىغىمدا بىر پۇتۇلكا سۇ ئىلىپ ئىچەي دەپ كىنوخاننىڭ ئالدىدىكى  خەزىنچىنىڭ  يايمىسىدىن بىر بوتۇلكا سۇنى ئىلىپ چايناپ ئولتۇرسام تىلىم بولالماي سۇنىڭ تەمىنى ھىچ سەزمەيدۇ . تىلىمنى چىقىىرپ قاراپ باقسام، تىلىم كىلەنىڭ تىلىدەك ....شۇندىن بۇيان تىلىم سەللىمازا ئەسلىمگە كىلىپ بولالماي قىلىۋاتقان سۆزلىرىم مۇشۇنداق ناۋات سالغان چاينىڭ تەمىدەك چىقىدىغان بولۇپ قالدى موما .
....................
ۋاي ۋۇي ! موما ئادەمنى ئالدىرتىپ  بىشىمغا بۇنداق 1 - ئاۋغۇسىت پولات تومۇر زاۋۇتنىڭ باشلىقى كاپتالىسىتقا  بۇيرىتىپ لوم تۆمۇردە ياسىتىۋالغان ھاسىڭىز بىلەن نوقۇسىڭىز ئۆزۇمنى  خۇددى مەدىنىيەت ئىنقىلابىدا پىفەن قىلىنغان تەۋپىق مۇئەللىمدەك ھىس قىلىپ قالىدىكەنمەن .
مۇنداق سىزمۇ رەيخان ئاپپاي ھەدەمدەك ئادەمنى قەن-كىزەك  ئۇلكەر روندۇ بىرىپ ئالداشنى بىلمەمسىز دەميەن موما ! نەچچىنجى ئەسسىر بۇ ھەر قانچە بولسىمۇ  گومىنداڭ زامانى ئەمەسقۇ بۇ ............ئاي ۋاي !
................................
ۋاي ! ۋاي !  ۋاي !
ھازىر دەپ تۇرسام موما يەنە شاپاللايسىزغۇ مىنى .مۇنداق شاپاللاپ قويسا تۇزلىدىغان پاراكەندىنىڭ ئۇنئالغۇسى ئەمەس مەن .
ھە مانا ھازىر  سوزلەپ بىرەي دىدمغۇ ....
مۇنداق گەپ  بۇگۇن ئۆزلىكىدىن خۇددى بىرسى دەم ئىلىش قىلىپ بەرگەندەك  تولا قاپىقىم تارتىپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن  كۆڭلۇم بىر نىمىنى تۇيغاندەك قىلىپ ئەينەككە قارسام تۆۋە ! كالتە ئىشتان كىيىپ ئوينايدىغان بالا چوپ-چوڭلا بىر ئادەم بولۇپ قاپتىمەن. ۋاي بۇ بولماپتۇ  چاچ ساقاللىرىمنى ئالدۇرۋىتەي بولمىسا مىسرنىمنىڭ قىزلىرى كەينىنى قىلمىسۇن دەپ ،  ساتىراچخاننڭى ئالدىغا كەلسەم.  دۇكان تاقاق ، ينىدىكى گۇلچى قىز رۇخساندىن سورسام - ۋاي نەگە كىتەر بۇ  ئۇستى بىشىغا ھەسەل سۇۋاپ ئاپتاپقا تاشلاپ قويسا 10 يىلغىچە چىۋىن قونمايدىغان ساتىراچلار  دۇكىندىكى شاگىرىتلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ مىسرانىمدىكى موماي مىھمانغا چاقىرىپتىكەن شۇيەرگە كەتتى دەيدۇ .

    شۇنىڭ بىلەن نىمە بولۇپ كەتتى ھەي بۇ ؟  مومام مىنى ھەجەپ ئۇنۇتپا دەپ . كۆڭلىمنى بىلىق كۆزدەك لىپمۇلىق  قىلىپ . ئاچىغىمدا مىسرانىمنىڭ بىغىغا كىرىپ، توغاچ شاپتۇل غاجاپ، بولسىمۇ چىقاي دەپ مىسرانىمغا كىرسەم. بىر تۇپ كۆك تىرەكنىڭ تۇۋىدە بىر بوۋاي ئاھ ئىشقىق ! ئاھ ئىشىق !دەپ جان بار يوقنىڭ ئوتتۇرسىدا ياتىدۇ.
   ۋاي نىمىە ئىش بولۇپ كەتتى ؟ ئەمدى دەپ دەرھال  بارخاننىڭ دۇكىنىدن سىتىۋالغان باياتتىن بىرى ئاپتاپتا ئىىسپ قايناپ كەتكەن بىر قۇتا كولانى سومكادىن چىقىرىپ .  ياڭاقنىڭ شاكىلىغا قويۇپ ئاغزىدىن ئازىراق ئۆتكەزسەم.  قىززىق كولانىڭ كۇچى بىلەن سەل ماغدۇرغا كەلدى بولغاي......... گەپ سورسام ، بولدى كىچىك شۇمتەكلەرگە  ئارتۇق گەپ يۇك  . ئەقلىڭ بولسا مۇنۇ لىرىكا مەسنەۋىينى  ئوقۇپ ئۆزۇڭ چۇشىنىۋال دەپ بىر دانە  42 قىتىم ئالدىغا  48  قىتىم كەينىگە قاتلانغان بىر تۇمارچە قەغەزنى بەردى.

   بۇ تۇمارنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى  خاككىرغا  يەشتۇرۇپ ئاچسام، يىزىلغان خەت چاغىتاي يىزىقىكەن .بۇ يىزىقنى  كەمىنە ئۇقمىغاچ ئارىسلانغا ئوقۇتۇپ ئاڭلىسام .مىسرانىم مۇنبىردىكى يىتۇك داڭلىق پىسىيوننىر گۇناھمۇ  دىگەن ئەزا ،ئۆزنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا تەن بەرمەي  شانۇ-شەۋكەتلىك قۇياشتىن ئۇلۇغ  .   نام شەرىپى ئىستانبۇلدىن كاتتا .  قەددى- قامىتى پامىر تاغلىرىدەك بەھەيۋەت . ئاۋازى پىرىسلاۋىيە چىركاۋىنىڭ قۇڭغۇرغىدىنمۇ زىل .مەرھۇم تىتانىك پاراخۇتنىڭ گۇدىكىدەك جاراڭلىق ....مىسرنىم مۇنبىردىكى چىچەك چوكانلارنىڭ قەلبىدىكى پىسخولوگىيە پىشۋاسى دەپ نام ئالغان ، سىز مومامغا ساقال تاشلاپ قەلەم تەۋرەتكەن بىر پارچە لىرىكا ياق بىر پارچە نەسىر ياق بۇمۇ ئەمەس ھە ئىسىمگە كەلدى مۇھاببەت قوشىقى ئىكەن جان موما .
     ....................
چاققان بولۇڭ جان موما گۇمانى بوۋاينى ھازىر ئولتۇر قوپ بولۇپ  قەھرىزات. سەرگەندار. فىزىك.... غەرپچىگە ئىسپانچنى قوشۇپ  داۋالاش ئۇسۇلى بويچە  داۋالاۋاتىدۇ . ھىلىغۇچە ساقىيىپ قالسا كۆچا ماشنىنىسىغا ھىچ بولمىسا ئۆلنىڭ ماشىنىسىنى ئىجارە ئىلىپمۇ بولسا كىلىپ قىلىشى مۇمكىن .

قىنى موما  چاققان بول منىڭ سەۋىر كوزامغا چاراسلاپ  دەز يۇگۇرۋاتىدۇ  .چاققان بول دەرھال ماڭا بىردىغان ھىلىقى سۆيۇنچەڭنى بىرۋىتپ ئۇستى باشلىرىڭنى تۇزىۋال .........
  قىنى موما سەن كىيىم -كىچەكلىرىڭگە دەزمال سالغۇچە مەن تۇنۇگۇن سەنشىخاڭزىدىن سىتىۋالغان ئوسمىللىرڭنى پىيالەڭگە سىقىپ قويغاچ تۇراي.............   

  


  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:44:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ماۋۇ مومامنىڭ گەپلىرىنىڭ قىززىقلىقىنى ،تۈزۈت قىلمىدىم ئەمسە موما.

ھى ھى ھى بۈگۈن مەن بەك خوشال....سىلەرچۇ دوسلار

ئۇنۇتقىن يۇرۇگۇم ئۇ ئازاپلارنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5823
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5439
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 998 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:05:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
adalet يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 09:59 PM
مۇما سىز پەخەس بولۇڭ جۇمۇ...بۇ مومامنىڭ بوۋىيى يوق ئىكە ...

راس دەيدۇ   

بۇكۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش