مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1552|ئىنكاس: 17

سېنى ئۇنتۇپ كېتىش ئاسان ئەمەسكەن....! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-25 11:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تېلىفونۇڭغا تېلىفون قىلىپ بولۇپ، ئۇلىنىپ بولغۇچە يۈرىكم دۈپۈلدىگەن ھالدا ئىتتىكلا بېسىپ ئۈزىۋەتتىم،چۈنكى تېلىفونۇڭنىڭ ئۇلىنىپ قېلىشىدىن،تېلىفوندىن ‹‹ۋەي››دېگەن ئاۋازىڭنىڭ ئاڭلىنىپ قېلىشىدىن،مېنىڭ تېلىفون قىلغانلىقىمنى بىلىپ قېلىشىڭدىن قورقتۇم،شۇڭا تېلىفونۇڭ ئۇلىنىپ بولغۇچە ئۈزىۋەتتىم،نېمىشقا شۇنداق قىلىمەن ؟نېمىشقا ساڭا تېلىفون قىلغۇم، ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم كېلىدۇ-يۇ ،يەنە يۈرۈكۈم سالغان ھالدا  تېلىفوننى ئۈزىۋېتىمەن؟
  كاللام ئەنە شۇنداق ئايىقى چىقماس <<نېمىشقا>>لار بىلەن توشۇپ كەتتى،بۇ << نېمە ئۈچۈن>>لەرگە پەقەت تىنىمسىز ھالدا ئۈنسىز تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىملا پىچىرلاپ جاۋاب بېرىۋاتىدۇ.......نېمە دەپ جاۋاب بېرەتتى؟<<سەن ئۇنى سېغىندىڭ، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىڭ،تېلىفوندا بىر قېتىم بولسىمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالماقچى ،شۇ ئارقىلىق ئۆزەڭگە تەسەللىي تاپماقچى، مىسكىن كۆڭلۈڭنى ئاۋۇندۇرماقچى...!>>دەپ جاۋاب بېرىدۇ ئاسىي كۆز ياشلىرىم...!
    راست،سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم، خىيالىڭنىڭ دائىملىق ھەمراھىغا ئايلانغان،چىن يۈرىكىڭدىن سۆيىدىغان بىرسىنى <<ئۇنتۇپ كېتىمەن>>دەپلا ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدىكەن!
 <<بولدىلا ،ئۇنتۇپ كېتەي،يۈرىكمدىن چىقىرىۋېتەي،خىيالىمغا پەقەتلا كەلتۈرمەي....!>>دەپ ئويلايمەن ۋە ئۆزەمنى باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ بېقىشقا مەجبۇرلايمەن،لېكىن شۇنچە خىيالىمدىن ھەيدىگەنسېرى تېخىمۇ بەكراق كاللامغا كىرىۋالىسەن، كاللامنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئورناپ كېتىپسەن، سېنى خىيالىمدىن چىقىرىۋېتىش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن قارىغاندا......!
 نېمىشقىكىن يىغلۇغۇملا كېلىپ تۇرىدۇ، يۈرىكىم شۇنداق دەرتلىك،قولۇم پەقەتلا ئىشقا بارمايدۇ، كۆزلىرىم ئەتراپتىن سېنىڭ سىمايىڭنى ئىزدەيدۇ،خۇددى ئەتراپتا سەن باردەك،تۇيۇقسىزلا قېشىمغا كېلىپ قوللۇرۇمنى تۇتۇپ،كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ<<كەچۈر گۈلۈم، مېنى كەچۈر، ھەممە سەۋەنلىك مەندىن ئۆتتى،مەن ساڭا ۋىجدانسىزلىق قىلدىم،مەن خاتا قىلدىم،مېنى كەچۈرەلەسەنمۇ ....؟!>>دەپ ئەپۇ سورايدىغاندەكلا بىر خل تۇيغۇ قەلبىمنى چىرمىۋالغان، گەرچە ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ.....!
 ئەگەر راستىنلا قېشىمغا قايتىپ كەلسەڭ جېنىم،سېنى كەچۈرۋېتەرمەنمۇ....؟ ھېجرانىڭدا پۇچىلانغان يۈرىكىمدىن ئېتىلىپ چىققان كۆز ياشلىرىمنى ئاققۇزغۇنۇمچە،باغرىڭغا ئۆزۈمنى ئاتالارمەنمۇ.....؟سېنى يەنە بۇرۇنقىدەكلا سۆيەلەرمەنمۇ...؟كاللام شۇنچىلىك گاراڭ....!خىياللىرىم شۇنچىلىك قالايمىقان.....!
 ھەيرانمەن....!كۆڭلۈم سېنىڭ خىيالىڭدىن باشقا خىياللارنى قىىلشقا پەقەتلا يول قويمايدۇ،ئىككىمىز بىرگە ئۆتكۈزگەن شۇ شېرىن دەقىقىلەر خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىر -بىرلەپ تىزىلىپ ئۆتىدۇ.....گەرچە بۇ ئەسلىمىلەرنى كۈندە نەچچە -نەچچە رەت تەكرار-تەكرار خىيالىمدىن ئۆتكۈزسەممۇ ،يەنىلا شۇ سېنى خىيال قىلىشتىن باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا پەقەتلا رايىم يوق.....!
 بىلەمسەن جېنىم...!سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قەلبىمنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خىل مىسكىنلىك چۇلغىۋالدى...!پەقەت ئۈنسىز تۆكۈلگەن كۆز يېشىلا ماڭا ھەمراھ...!ئەگەر راستىنلا يېنىمغا قايتىپ كەلسەڭ،ئاسىي يۈرىكمنى ئاختۇرۇپ،ئۆزۈمنى تىڭشاپ كۆرسەم،يەنىلا سېنى كەچۈرۋەتكىدەكمەن...!چۈنكى سېنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن ئىدىم، ئۆزى يۈرىكىدىن سۆيگەن كىشىنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق سەۋەنلىكلىرىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە ئانچە كۆرۈنمەيدىغان ئوخشايدۇ قارىغاندا.....!
  قولۇم يەنە تېلىفون نومۇرۇڭنى بېسىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتىدۇ....پەقەت...پەقەت ئاۋازىڭنى بىر قېتىم بولسىمۇ ئاڭلىۋالسام،ئازابلىق كۆڭلۈمگە ئازىراق بولسىمۇ تەسەللى تېپىۋالساملا كۇپايە ئىدى......!
 مەن بەك ئەخمەقمۇ ياكى سۆيگۈمگە بەكلا سادىقمۇ.....؟شۇ تاپتا ئۆزۈمگە قانداق باھا بېرىشنى بىلمەيلا قالدىم، پەقەت كاللامنىڭ بىلىدىغىنىم سېنى ئويلاۋاتقانلىقى،خىيالىمدا سېنىڭلا بارلىقىڭ، كۆڭۈل كۆزىلىرىمنىڭ ئەتراپتىن سېنى ئىزدەۋاتقانلىقى....!
  ئامالسىزمەن....!قارىغاندا كۆڭلۈم سېنى كەچۈرۈپ بوپتۇ....بىلەمسەن جېنىم...! يۈرىكىمگە بەك چوڭقۇر ئورناپ كېتىپسەن.....!سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئاسان ئەمەسكەن.....!

سېنى ئۇنتۇش ئەمەسكەن ئاسان،

قانداق ئۇنتاي شېرىن دەملەرنى.

يۈرۈكۈمگە ئورناپسەن چوڭقۇر.

قانداق ئۇنتاي شۇ ئەسلىمىلەرنى.

ئۆتۈپ كەتكەننى يۈرمەيمەن تەگەپ،

شېرىن ئەسلىمە قالسۇن چۈش بولۇپ.

سۆيگۈمنى ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ كەتكىن،

ئۆتۈنەي ،مېنى قالمىغىن ئۇنتۇپ .

مەنبە : ئۆز قەلىمىم


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-25 11:38:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوڭاي ئەمەس يۇرەكتىن سۆيۇش ،
ئۇنتۇشمۇ ھەم شۇنچىلىك قىيىن،
خاتىرەڭدىن ئۆچۇرگەن بىلەن،
يۈرەگىڭدە ئەسلەيسەن كىيىن،


بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-25 11:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇھاببەت ھەرئوي ھەركويلارغا سالىدىدە  [s:45]

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-25 11:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنۇتماق تەسكەن شۇ ئەمما مەن ئۇنتۇپلا كەتتىم،ئۆتمشكە ئايلاندى..موما يوقاپ كىتىپ ئىسىل ئەسەردىن بىرنى ئالغاچ كەپلا ھە،،رەھمەت.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

بىردەملىك تاقەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 3030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21377
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 12:12:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسلىنە ئەزىزەم .بۇ تىمىڭىزنى كۈرۈپ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كىلىشمەسلىككە
ئۇچۇرغان بىر دوستۇمنى ئەسلەپ قالدىم....ھەي ئۇدوستۇمنىڭ ئۆتمۇشىنى ھىكايە قىلىپ يازسامكەن دەيمەن..لىكىن دوستمنىڭ سىرىنى ئاشكارلاشقا ۋىژدانىم يول قويمايدۇ...مۇشۇنداق نادىر تىمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3865
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9390
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1772 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2014-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 12:16:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيگۈ ئادەمگە ۋاقىتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، شۇنىڭدەك ، ۋاقىتمۇ ئادەمگە سۆيگۈنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ .

http://uymebleg.com  ئۇيغۇر مەبلەغ مۇنبىرى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9028
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 01:06:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى يەنە بىر قىتىم كۆرگىنىڭىزدىن بەك خۇشالمەن ھەدە !  [s:36]

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەدەپ-ئەقىلنىڭ سۈرىتى .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 505
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11555
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 10593 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 01:07:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنىڭسىز ئالەمدە مۇزلار يۈرۈكۈم،
مىنىڭدىن يۈز ئۈرۈپ كەتسەڭ مۇھاببەت.
زىمىستان قىش باھار بوپ تۇيىلار ئىدى،
گەر كەلسەڭ يېنىمغا،قايتىپ مۇھاببەت.

ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئويناپ – كۈلۈپ يايراۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا ئەمەس بەلكى مۈكۈنۈپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغىمۇ بېرىپ ياشاپ باق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11623
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 02:30:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ئادەمگە ئازاپتىن باشقا ئىلىپ كەلگىنى راسلا بەخىتمىدۇ؟ھەيرانمەن!

سورمىغان گەپكە ج

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 538
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8845
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 08:18:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت بىر شىرىن ئازاپتۇر ، بۇنى بىلىۋىلىشمۇ مۇھىمدۇر.  !!!!!

سورمىغان گەپكە جاۋەب بىرىش ئۆزۇڭگە دۈشمەن !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش