ئەسسالام ئەزىز قېرىنداشلار:
بۇخىل قوي تۇرىنى بېقىپ باققان ياكى سودىسىنى قىلىپ باققان ئادەم ئىنىق بىلىدۇكى ،ئاللاھ بۇخىل قوي تۇرىنى باشقا ھەرقانداق قويدىن پەرىقلىق يەنى باشقا قويلاردا يوق بولغان ئالاھىدىلىك بىلەن ياراتقان.بىر قارىغان ھەرقانداق ئادەمگە باشقا قويلاردىن پەرىقسىزدەك بىلىنگەن بىلەن ئىنىق ئالامەتلەردىن پەرەقلىنىپ تۇرىدۇ.ئىشەنمەسلىكىڭلارمۇمكىن بۇرۇنقى زامانلاردا خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن قاشتېشى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەپتىكەن،دەريانى كولاش ئەمەس بەلكى كىرىپ چۇگىلەپ چىقسىمۇ قاشتېشى تېپىپ چىقالايدىكەنتۇق.باھاسى ھازىرقىدەك يۇقىرى بولمىغاچقا پەقەتلا بىر تاشقۇ دەپلامۇئامىلە قىلغان ئىكەن. مانا ھازىر دەريا نەچچە قېتىم تەكرار ئۆرە-تۇپە قىلدۇرۇلغان ،رىسقى بارلارغا خېلىھەم ئاللاھ رىسقىنى تاشتىن بەرىۋاتمامدۇ.
ئەمدى نەخ گەپكەكەلسەك، بۇخىل قوي تۇرى تېخى ئۇمۇملىشىپ بولالمىغان بولسىمۇ ئەمما قەشقەر،خوتەن،ئاقسۇ ،كورلا قاتارلىق ۋىلايەت ناھيىلەردە بارا-بارا ئۇمۇملاشماقتا.ھازىر بۇخىل قوينىڭ نەسلى بارغانچە ياخشىلانماقتا.كىشىلەرنىڭ بۇخىل قوي تۇرىگە بولغان كۆزقارىشى يېڭىلانماقتا. گىن ئىلمىگە چۇشەنچىسى بارلار چۇشۇنىدۇكى،بۇخىل قويلار ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ياكى سىزنىڭ قوتاندىكى ئادەتتىكى قويلاردىن تۇغۇلۇپ قالمايدۇ.شۇسەۋەپتىن بۇخىل قوينىڭ ساپ نەسىللىگىمۇ پەقەت ساناقلىقلا بولۇپ ،بىراقلا كىڭىيىپ كىتىپ بولالمايدۇ.شۇڭا بۇخىل تۇرنىڭ بازار ئىستىقبالىنى پارلاق دىيىشكە بولىدۇ.كىشىلەر قىممەت ئالغان قويلىرىنى ھەرگىزمۇ ئالدىراپلا ئەرزان ساتمايدۇ،شۇڭا بازىرىنىڭ بىرقانچە يىلدىلا چۇشۇپ كىتىش ئىھتىماللىقى تۇۋەن.بۇمۇ بىرخىل تاۋار بولۇپ ئېلىپ- ساتىدىغان تاۋارنىڭ باھاسى ئالداش -ئالدىنىشتىن خالى بولسا ،ئۆرئارا كىلىشەلىسە قانچىلىك يۇقىرى باھادا ئالسا ياكى ساتسا گۇناھ بولمايدۇ.
ئەمما بۇخىل سودىغا ياكى باقمىچىلىققا قىزىقىدىغانلاردا چۇقۇم پايدا -زىيان پەقەت ئاللاھدىن دەيدىغان ئىشەنىچ بولىشى،پايدا ۋە زىيانغا سەۋىر- تاقەت قىلالايدىغان مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئىدىيە تەييارلىقى بولىشى كىرەك.چۈنكى باي بولغانلارنىڭ قانداق باي بولغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلسىمۇ ، شۇيول بۇيىچە ماڭغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئاشۇنداق بېيىپ كىتىدۇ دىگىلى بولمايدۇدە،كىمنىڭ رىسقىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى كىمنىڭ رىسقىنىڭ تار ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ.
بۇمۇ ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان بىر نىئمىتى.شۇڭا باقمىغانلار ياكى تۇلۇق چۇشەنمەيدىغانلار مۇشۇخىل يولدا پۇل تېپىۋاتقانلارنى قالايمىغان بىرنەرسە دىمىسەك. ياپۇننىڭ تۈمۈرى دىسە دىسە پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلغىنىدەك ئۇيغۇرنىڭ قويى دىسە پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلسا بۇھەممىمىزنىڭ شەرىپى ئەمەسمۇ.ئۆزىمىزنىڭكىنى قوللىمىساقمۇ مەيلى ئەمما تىللىماسلىقىمىز كىرەك.
يەنە ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مەسلىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۇشكە توغرا كىلىپ قالغاچقا بۇنىمۇ قۇشۇپ قۇياي.بۇخىل قويلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش ئاساسلىقى ئەلا نەسىللىك قوچقارغا ئىھتىياجلىق بولغاچقا ،چۇقۇم ئەلا نەسىللىك قوچقاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كىلىدۇ.بىلىدىغانلارغا مەلۇمكى بۇخىل قوينىڭ ئەلا نەسىللىك قوچقارلىرىنىڭ سانى چەكلىك،يۇقىرى ئۆلچەمدە تاللانمىسا ھەممىسىلا ئەلا نەسىللىك ھىساپلانمايدۇ.ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك، قوينى نەسىللەندۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۇن قوچقار ئىگىسىنىڭ مانچە پۇل دەپ سودىلىشىشى ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن.
مىشكاتۇل مەسابىھ 2856-ھەدىس:ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەركەك ھايۋاننىڭ ئىسپىرما سۇيىنى سېتىشتىن توسقان.ئەھمەت،بۇخارى،ئۈچ كىتاپ توپلىغان ،سەھىھ ھەدىس.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قالغان تەپسىرلەرنى ئىزدىنىپ ئاندىن سۆزلىگەيسىلەر.
بولسا ئاشۇ قويلارنىڭ ئۆلىمىنى ئەمەس بەلكى ئۆمرىنى تىلىسەك،ھەممەيلەننىڭ زىيىنىنى ئەمەس بەلكى رىزقىنى تىلىسەك نىمە دىگەن ياخشى .
تىما ئىگىسى يوللىغان قارا قوچقار مىجىت ئابدۇكىرىمنىڭ 14مىليۇنلۇق قوچقىرى ئەمەس،تىمىنىڭ ئەمىلىيەتچانلىقىنى ساقلاش ئۈچۇن رەسىمنى تەھرىرلىۋەتسە.بۇخىل قويغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولغانلار كورلا ئاپىرىن يېزا ئىگىلىك شىركىتىنىڭ
www.apirin.comتوربېتىنى زىيارەت قىلىپ باقساق بولىدۇ.بۇتوغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى بولغانلار چ چ 317521982 قاسەمى.
سىلەرگە مەسلىھەتىم شۇكى بۇسودىغا ھەرگىزمۇ ئالدىراپلا قەدەم قويماڭلار!
نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇتوغرىسىدا ئىنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولىشى ئۇچۇن بۇئىنكاسىمنى چۇقۇلاپ قويغان بولساڭلار.