ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 17قەۋەت Submarine كە 2011-11-18 01:06 PMئەۋەتىلدى :
بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى ، ئۈمۈدلىرى دەپ كارنىيىمىز يىرتىلىپ كەتكىچە توۋلايمىز ، لېكىن ئەدەبىيات سەھنىسىدە قانات كېرىپ ئۇچۇپ يۈرگەن ھەۋەسكارلار ، يازغۇچىلارنىڭ %99 تى باللار ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ . قوللىرىدا ئالتۇندىن ، كۈمۈشتىن ياسالغان قەلىمى بار بۇ %99 پىرسەنت يازغۇچىلار چوڭلارغا ئائىت ئەسەرلەر يېزىش بىلەن ئاۋارە ، ئۇلارنىڭ نەزىرى ، ۋاقتى ، كۆڭلى بالىلار دۇنياسىغا قارالمىدى، يەتمىدى . مۇشۇنداق زور خاتالىقلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ، ئەخمەتجان قۇرباندەك بالىلار يازغۇچىسىدىن ئايرىلىشى ، بۇ ساھەگە تولدۇرۇۋالغۇسىز بوشلۇقنى پەيدا قىلىدۇ !
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دەل يۇقارقىدەك ئەخۋاللار مەۋجۇت ، بۇنى ھىس قىلىدىغانلارمۇ ئاز ساندىكى كاللىسى ئويغاق كىشىلەر بولىدىكەن خالاس! |