مىنىڭ بەكمۇ بېرىپ كۆرۈپ باققۇم بار! بەك گۈزەل ئىكەن!
ئىچكىردىكىلەر بولسا، شىنجاڭ دەپ ئاڭلىسىلا قۇملۇق، قاقاسلىق، ئېشەك ھارۋا .... دەپ ئويلايدىكەن!
ئۇكام خىبىيدا ئوقۇيتتى، يېڭى بارغاندا شۇ يەردىكى خەنلەر سىلەر ئادەتتە قانداق جان باقىسىلەر، ئېشىكتىن چىقساڭلىلا قۇملۇقمۇ، ئوۋ ئوۋلاپ جان باقامسىلەر، نىمە كىيىسىلەر، نەدىن سۇ تاپىسىلەر............ دەپ سوراپتۇ، شۇ چاغدا ئۇكام قىززىقچىلىق قىلىپ :- ھەمىمىز ئوۋ ئوۋلاپ تۇرمۇش كەچۈرىمىز، تېرىدىن كىيىم كىيىمىز، ئوقيا كۆتۈرۈپ يۈرۈيمىز، يەر كولاپ سۇ ئىچىمىز، ھەممە يەر قۇملۇق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، كىيىن شۇ سورىغانلارنى كومپىيوتىرنىڭ ئالىدىغا ئەكىلىپ، يۈرتىمىز شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇپتىكەن ھەيرانلا قاپتۇ.
شۇنداقىراق بىلىپ ئۆتسىمۇ مەيلىلا ئۇ خەق دەپ قالدىمغۇ!