ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 24قەۋەت arman0903 كە 2011-11-23 02:55 PMئەۋەتىلدى :
مەنمۇ يېقىندىلا 7600يۈەن خەلق پۇلىغا iphone4S-64Gدىن بىر نى سېتىۋالغان، مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ چىققىنىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، بۈگۈن ئەتىلا سېتىۋالىمەن، شۇنى سوراپ باقسام: مەزكۇر كىرگۈزگۈچ مۇستەقل ھالدا ئايفوننىڭ باشقا كىرگۈزگۈچلىرى بىلەن بىللە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ ياكى ئايرىم كۆزنەك بولۇپ شۇ يەرگە يېزىپ باشقا يەرگە چاپلاپ ئىشلىتەمدۇق؟
iphone دىكى كىرگۈزگۈچنى پەقەت ئالما شىركىتىلا بەلگىلەيدۇ ، ئۇنى مەشغۇلات سېستىمىسى تەمىنلىگەن كىرگۈزگۈچلەر بىلەن بىللە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ، پەقەت ئايرىم يېزىپ كۆچۈرۈشكە ، چاپلاشقا بولىدۇ . چۈنكى ئايفونغا ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچى قوشۇشقا ئالما شىركىتى قوشۇلمايدۇ ، چۈنكى كىرگۈزگۈچ مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ يادروسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىش بولسا كېرەك . شۇ ۋەجدىن تاكى ھازىرغىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان iphone دا ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى قاچىلاشقا ئامال يوق .