بۇلار قارىماي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىنى ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن دەپتۇ . ئۇنداق ئويلىغان كىشى بۇ زىيارەتتە بۇنى قەستەن ئۇتتۇرۇپ بەردۇق دېمىسە بولاتتى ، بۇ گەپنى قارىماي كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر ئاڭلىسا قانداق ئويلاپ قالىدۇ..... ؟
ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا قىتەسى
بىرلەشمە پۇتبۇل مۇسابىقىسىدا ئۆزبىكىستان تۆت كۈچلۈككە كېرگەندە، بەك ھاياجنلىنىپ كەتتىم...... لېكىن يەنە نۇرغۇن خىياللارغا غەرق بولدۇم ئېچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى . ھەي!....
ئۇ ماھىرلىرىمىزنىڭ جۇڭگۇ ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى›› كۇلۇپلاردا توپ تېپىشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنىڭ دۇنياۋىلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ....بىز يەنە تېرىشىشىمىز كېرەك ، ئۇ ئەزمەتلەرنى قوللىشىمىز كېرەك ھەمدە شىنجاڭنىڭ كەسپى پۇتبۇلچىلىقىنى تەرەققىي قىلغۇزىشىمىز كېرەك....شۇنداق قىلغاندا بىزنىڭ پۇتبۇلچىلقىىمىز دۇنياۋېلىشىدۇ....بۇنداق دېسەم بەزىلەر توسالغۇلار كۆپ دېيىشى مۇمكىن لېكىن مىرئەخمەتچىننىڭ ‹‹ئەسكەر بازىسى›› دەپ نام ئالغان ياۋرۇپادىكى داڭلىق كۇلۇپ ئاجاكېسقا سىناق مەشىققە چاقىرتېلىشى پۈتۈن جۇڭگۇنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى،ئەپسۇس نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ئەزمەت ئۇ يەرگە بارالمىغان بولسىمۇ ، ئۇ ئىش پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بولۇپمۇ پۇتبۇلنى سۆيىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا بىر خېل ئېشەنىچ ئېلىپ كەلدى ،ناپالىئون:‹‹ ‹مۇمكىن ئەمەس› دېگەن بۇ سۆز پەقەت نادانلارنىڭ لۇغىتىدىلا بار!››دېگىنىدەك ئۇ ئەزمەتلىرىمىز ھەقىقەتەن تېخىمۇ تېرىشىپ ئۆزىدە يۇقىرى ماھارەت ھازىرلىسا دۇنياۋى كۇلۇپلارنى ئۇلارنى تاللىمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ دۇنيا پۇتبۇل ساھەسىدە نۇر چاقنىغان خاقان شۈكۈرمۇ تۈرك ئەۋلادىغۇ!؟ تېرىشسىلا چوقۇم ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ....ئۇلۇغ رەببىم ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقا غەلبە ئاتا قىلغايسەن!!!!!ئۇلارنىڭ يولىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغانسەن........