ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 46قەۋەت aski0903 كە 2011-11-28 06:27 PMئەۋەتىلدى :
ھەممىگە دىنسىزلىق سەۋەبچى
مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، مەن كىچىك چاغلاردا مومام دائىم قىزلار بېشى يالڭاچ يۇرسە يامان بۇلىدۇ،ئۇچۇق كىيىم كىيسە يامان بۇلىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلسا يامان بۇلىدۇ........................... دىگەندەك بىر قاتار دىنىي تەلىملارنى بېرەتتى بۇلار ھازىر خۇراپاتلىق بۇلۇپ قالدى، يەنە 10-20 يىلدىن كىيىن مىللەت ئايرىماق تەس بۇلۇپ كىتەرمىكىن دەيمەن.....ئالدىنقى يىلى تەتىلدە قايتىپ كىلىش سەپىرىدە پويىزدا بىر سەپەردىشىم چىرايى ئويغۇر لىكىن تىلى‹ دۆلەت تىلى› دوستىمۇ خەنزۇكەن ، مىنىڭ بېشىمدىكى ياغلىقنى كۇرۇپ مىنى سەھرالىق ئوخشايدۇ دەپ قالدى، ئۆزىچە بىر نىمىلەرنى دەپ كەتتى، دىگەن گەپلىرىنى دىسەم قايناپ قالىمەن ، ئاخىردا چىداپ تۇرالماي، سومكامدىكى خەنزۇچە كىتاپنى ئېلىپ ئالدىغا يوغان ئىچىپ ئۈنلۈك ئوقۇپ قويدۇم، شۇندىلا ئۆزى خۇدىكسراپ باشقا ۋاگۈنغا يۆتكىلىپ كەتتى، ئۈزۈن گەپنىڭ قىسقىسى ئاللادىن بارلىق بەندىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيلى، ھەر بىر ئانا بولغۇچى پەرزەنتىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلەيلى، ئانىلىق بۇرۇچ مەسئوليتىمىزدى ئادا قىلىشقا تىرىشايلى..!
ئاخىردا تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!