قىزىقارلىق بوپتۇ، تېخىمۇ تىرىشىڭلار.
رول ئالغاندا مەن رول ئىلىۋاتىمەنغۇ دىگەن ئويدا بولماي، ئەمەلىي تۇرمۇشتا قانداق ماڭىدىغان، تۇرىدىغان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار. رولغا چىققانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بىر خىل تەبئىي ئەمەس، مىڭىش- تۇرۇشىڭلار قانداقلا قارىسا ياسالما بوپقاپتۇ. ھەممە ئىش ئالدىرىماي ياخشى بولىدۇ. بولسا ئالدى بىلەن پىلاننى، كۆرۈنۈشنى بىر بىرلەپ يىزىۋىلىپ، ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ رەتلەپ ئاندىن سۈرەتكە ئىلىڭلار. پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرساڭلار تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ. ئاندىن رولچىلارنىڭ دىئالوگى بەك ئاددىي ئىكەن، بىر نەچچە ئىغىز گەپنى قايتا- قايتا تەكرارلىغاندەكلا، مۇشۇ جەھەتتىمۇ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال كۆرۈپ، جانلىق، مىغىزلىق گەپلەرنى ئىشلىتىڭلار.
يەنە بىرگە شارائىت يار بەرسە بىر قىسىم كۆرۈنۈشنى ئالغاندا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن ئىلىڭلار. بىر تەرەپتىنلا ئالساڭلار كۆرۈنۈش بەك ئۆلۈك چىقىپ قالىدۇ. كۆرۈرمەنگە زوق بىرەلمەيدۇ.
كىيىنكى فىلىمىڭلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ پەچەت ئىشلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. غەيرەت ھەۋەسكارلار.