بۇ ئۇقتۇرۇش خۇددى پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقاندەكلا ئىش بوپتۇ.
ھۆكۈمىتىمىز ئىشنى قىلغاندىكىن، راۋۇرۇس، كەسكىن قىلىشى كېرەكتى.
يەنى، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە بارلىق تېلېۋېزىيە قاناللىرى ھۆكۈمەتنىڭ
قارمىقىدا. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىدىن
تارتىپ تەرەققىيات راسخوتىغىچە بېرىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇلار ئېلىۋاتقان
مائاش ۋە ئۇ راسخوتلارنىڭ ھەممىسى بىز پۇخرالار تاپشۇرغان باجدىن
كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىز پۇخرالارنىڭ پۇلى بىلەن ئۆرە تۇرىۋاتقان
تېلېۋېزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مەنپەتىنى دەپ ،
خالىغانچە ئېلان قوبۇل قىلىپ، بىز پۇخرالارغا بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان
نەرسىلەرنى، جۈملىدىن ئېلانلارنى زورلاپ تېڭىشى، بۇ بىز پۇخرالارنىڭ
قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىگە دەخلى تەرۇز قىلغانلىق. بۇنى كەچۈرۈشكە
قەتئى بولمايدۇ!!! ئەجىبا بۇ قېتىمقى شەرەپلىك 18- قۇرۇلتايدا، دانا
ۋەكىللىرىمىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويمىدىمىكىنە؟!
ئېلان دىگەن بۇ نەرسە ئەمىليەتتە خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى تېلېۋىزىيە
ئىستانسىسى ۋە ياكى قاناللىرىنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشى ياكى جان بېقىشىنىڭ
ۋاستىسى. ئۇلارنىڭ ئېلان بېرىشى يوللۇق. لېكىن پۇتۇنلەي ھۆكۈمەت بېقىۋاتقان
تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ ئېلان ئارقىلىق قوشۇمچە كىرىم قىلىشى، بۇ يولسىزلىق !
بۇ بىر خىل چىرىكلىك!!!
ھۆكۈمىتىمىزمۇ باشقا تەرەققى قىلغان ئەللەەردىكىدەك، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى
تېلېۋېزىيە ئىتانسىلىرى ۋە قاناللىرىدا ئېلان بېرىشنى قەتئى چەكلەپ، خۇسسۇسى
تېلېۋېزىيە ئىستانسىلىرى ۋەي ياكى قاناللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول قويۇپ،
ئېلاننى بېرىشنى شۇلارغا تاشلاپ بەرسە، ئەڭ توغرا قىلغان بولاتتى!
قىسقىسى، ئۆز پۇخرالىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىنى ھەقىقى كاپالەتلەندۈرمەي تۇرۇپ،
ئاسمانغا نەچچە راكىتا قويۇپ بەرگەن بىلەنمۇ، ھەقىقى تەرەققى قىلغان ھېساپلانمايدۇ!
ھەقىقى تەرەققىيات، شۇ دۆلەتتىكى قانۇننىڭ كۈچى بىلەن، شۇ دۆلەتتىكى
پۇخرالارنىڭ پۇخرالىق رازىمەنلىك دەرىجىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ!
بۇنى ھۆكۈمىتىمىز ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك!
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-9 01:26 PM):