ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 17قەۋەت arsilan2004 كە 2011-12-01 04:17 AMئەۋەتىلدى :
ھەقىقى تەسۋىر بوپتۇ ، كەلپىن ھەقىقەتەن ئىسىل يۇرت ، يارايسىز كەلپىن ئوغلى !!!
ھۆرمەتلىك تورداش ئارسلان 2004 ئەپەندى،
يۇقارقى تەسۋىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت.سىز مىنىڭ ئۇچۇر كۆزنىكىمگە:
‹‹ سىز قايسى ئابدۇۋەلى راخمان؟ ››دەپ سوراپ ئۇچۇر يوللىغان ئىكەنسىز.
( ساتمىدىكىنى سارايغا ئېپ چىققانلىقىمنى كېچېرىڭ ) بىراق مەن ھازىرغىچە
ئۇچۇر سېستىمىسىنى ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن سىزگە ئۇچۇر ئارقىلىق
جاۋاپ قايتۇرۇپ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرالماي مۇنۇ ئىنكاس كاتەكچىسنىڭ رولىدىن
پايدىلىنىپ سىز بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.سىزنىڭمۇ مەن بىلەن
تۇنۇشۇش ئارزۇسىدا كىملىكىمنى سورىغىنىڭزغا رەخمەت.
مەن كەلپىنلىك ئابدۇۋەلى راخمان بولىمەن.تەخەللۇسۇم: ھەققانىي.
مىنى تېخىمۇ تۇلۇق چۈشۈنەي دىسىڭىز بۇ يىل نەشىر قىلىنغان‹‹ ھەسەتخورلار››
ناملىق ساتېرىك شېئېرلار توپلىمىمنى تېپىپ كۆرسىڭىز تەرجىمىھالىم شۇ كىتاپتا
ئېنىق يېزىلغان ( بەلكىم بۇ كىتاپ تەۋەلىكىڭىزدىكى كىتاپخانىلاردا باردۇ)
ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز سىزمۇ بىر ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرىۋەتسىڭىز تۇنۇشۇپ قالساق
دىگەن ئۈمۈتتىمەن.