ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 27قەۋەت KURAX.JAN كە 2011-12-02 12:22 AMئەۋەتىلدى :
توۋا قىلدىغانغا تازا چۇشىدىغان بىرسى بارتى، شۇقانداق ئىنكاس يازا ،توۋاقىلارمۇ دەپ ئولتاسام ھېچ بىر بۇتېمىغا كىرىپ ئىنكاس يازاي دىمەيدا .
مەنغۇ تېچلىق بولسا ئەتىدىن باشلاپ توۋا قىلىمەن .
تەۋبىنى ئوبدانراق قىلىڭ ! ھەسەتخورلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن - بىر چارىسى ئاللاھقا ھەقىقى
تەۋبە قىلىپ ، ھەسەتخورلۇقتىن ساقلاشنى تىلەش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ نىمە قىلغان ،
نىمە قىلىۋاتقانلىغى بىلەن كارى بولماسلىق .
ئىشىنىمەنكى ، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقىنى بىلەن كارىڭىز يوق ياشىسىڭىز ھەسەتخورلۇق ،
غەيۋەتخورلۇق دىگەندەك ناچار خۇلۇقلاردىن ساقلىنالايسىز .
بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ‹‹ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر پايدىلىنىش ئۇبىكتى ، پەقەت قىلغان
ياخشى - يامان ئىشلارلا ھاياتقا مەنە بىرىپ مەڭگۇلۇك خوشاللىق ياكى مەڭگۇلۇك
ئازاپقا ئېلىپ بارىدۇ ›› دەيدىغان ئاڭ بولغاندا پۇلدارلارنىڭ مىنىۋالغان تۇلپارلىرىغا
سەجدە قىلىپ ، ماختاپ شولگەي ئېقىتىدىغان بىچارىلىكتىن ، كەمبىغەللەرنىڭ ئەسكى
چۇرىقىنى تىپىپ چورىۋېتىپ ئازار بېرىدىغان ئەسكىلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
چۇنكى تۇلپار بىلەن ئەسكى چۇرۇق ئوخشاشلا پايدىلىنىش ئۇبىكتى بولۇپ بىز
چۇشۇنۇپ بولالمايدىغان دەرىجىدىكى ھىكمەت بىلەن ئاشۇنداق تەخسىملەنگەن ،
بىزنىڭ ئەقلىمىز يېتىدىغىنى ئۇ نەرسىلەرنى ياخشىلىق ياكى يامانلىققا ۋاستە
قىلىش دەپ ئويلاپ يېتىمىز - دە ، پۇتۇن دىققىتىمىز مەڭگۇلۇك خوشاللىق ياكى
ئازاپقا ئېلىپ بارىدىغان ياخشى ياكى يامان ئىشلارغا مەركەزلىشىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن
ۋاستە ئۇستىدە ياخشى - يامان ئويلادا بولۇپ يۇرمەيمىز .
بۇ ئاتامنىڭ كىچىكىمدىن ماڭا قىلىدىغان نەسىھەتلىرىدىن بولۇپ ،
ئىنكاسىڭىزنى كورۇپ يېزىپ قويدۇم .