ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 27قەۋەت arkan2010 كە 2011-12-04 12:24 PMئەۋەتىلدى :
مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن، ھەممە ھەل قىلىش چارىسىنى تەڭ ئويلىشىىش كېرەك! مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئوتتۇرىغان تاشلاپ قويۇپلا، ئۇنى ھەل قىلىش مەن ئوقۇغان پەننىڭ سىرتىدىكى ئىش دەپ ئىزدەنمىسە! بۇ مەسىلىلەرنى كىم قانداق ھەل قىلىدۇ؟
مەسىلە مەسىلە پېتى قېلىۋەرمەمدۇ؟
يەنە بىرى ئۈستىدىكى بىر تورداش ئېيتقاندەك ئاپتورنىڭ بەزى ماقالىلىرى چۈشىنشىلىك ئاممىباب بولغان بىلەن بەزىلىرى چۈشىنىكسىز نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ!..............
مېنىڭچە بولغان ئاپتورلار ئامال بار ئاممىباب يېزىشقا تىرىشسا، جەمئىيەتتە ھەرخىل قاتلامدىكى كىشىلەر بەلكىم سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇشى مۇمكىن!
بەك دەبدەبىلىك گەپلەرنى دەپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن خەق ئوقۇپ پايدا ئالالمىسا، ئۇ كىتابنى يازغاننىڭ نېمە پايدىسى!
.......
مەسىلىنى بايقاشمۇ،توغرا شەرىھلەشمۇ ئۇنى ھەل قىلىشقا ئوخشاشلا دىت كېتىدىغان ۋە ناھايىتى زىل مەسىلە.
ئەگەر ئاپتور مەسىلىلەرنى بايقاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭدىن ھەل قىلىش ياكى بىر ھەل قىلىش
ئۇسۇلىنىمۇ تېپىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنسا بۇ بىمەنىلىك بولىدۇ.
-بىز مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىمىز لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن [ئىتپاقلىق ]ئىلىمنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىتىپاقلىق كېرەك.