يوقۇرىدىكى تېمىدىن تورداشلار مەسىلە ئۈستىدە قانداق پىكىر يۈرگۈزۈشنى خېلى ئوبدان بىلىۋالغاندەك تۇرىدۇ ، شۇڭا تورداشلارغا بىر پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرمەكچىمەن . كىم تاپالايدىكىن قېنى ؟
بىر مىخانىك ، بىر ماتىماتىك ، بىر يازغۇچى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ يىراق سەپەرگە چىقىپتۇ ، يولنىڭ يېرىمىغا بەرغاندا ئايرۇپىلاندىن كاشىلا كۆرۈلۈپ ئايرۇپىلان تۆۋەنلەشكە باشلاپتۇ ، مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيىتتە ئۇچقۇچى چىقىپ ئەيرۇپىلاننىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش لازىملىقىنى ، ئۇ ئۈچەيلەندىن بىرىنى چوقۇم ئايرۇپىلاندىن تاشلىۋېتىش لازىملىقىنى بولمىسا ھەممەيلەننىڭ ھالەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .
ئەمىسە تورداشلار دەپ بېقىڭلار كۆپ سانلىقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پەقەق بىرىنى قۇربان قىلىش زۆرۆريىتى تۇغۇلغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە سىز زادىنى كىمنى ئايرۇپىلاندىن تاشلىۋېتىشنى ئەڭ ئاقىلانىلىك دەپ قارايسىز ؟
قېنى ئەمىسە تىز جاۋاپ بىرىڭ ئايرۇپىلان داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتىدۇ ، تىزراق بىر قارار چىقىرىڭ .