بۈگۈن سىنىڭ تۇيۇڭ جېنىم
ئاپتۇرى ساددا
بۈگۈن سىنىڭ تۇيۇڭ جېنىم كەچۈرگۈن تۇيۇڭغا ھەم بارالمىدىم بۈەۈن سەندىن يىراق - يىرق بولغان
شەھەردە ساڭا بەخىت تىلشىمنى ياكى باشتا قىلىشقان ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلمىغانلىقىڭ ئۈچۈن كۈزۈمدىن تاراملاپ ياشلار
ئاقۇزغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن سەندىن قىساس ئېلىپ بىرشىنى سۇرايمۇ ؟ ياق مەن يەنىلا ساڭا بەخىت تىلەيمەن چىن
قەلبىمدىن ئاللھا سىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختىڭنى بەرسۇن..... .امىن
ئاڭلىسام مىنى تۇيۇڭغا چاقىرماقچى بوپتىكەنسەن بىراق مىنى ئىزدەپ تاپالمىغانسەن
مەن تۇيۇڭغا ئاز قالغام مۇشۇ كۈنلەردە سەن با شەھەرنى تاشلاپ سەن بىلەن دەسلەپ تۇنۇشقان جايلارنى ئىككىمىز بىللە
ئايلانغان باغچىلارنى ھەم بىللە كىرگەن ئاشخانلارنى ئۈزۈم يالغۇز ئايلىنىپ چىقتىم ھەم بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئەسلەپ چىقتىم
ئۇ كۈنلەر نىم دىگەن گۈزەل ھە
ئەپسۇس سەن يوق مەن ئۈزۈم يالغۇز ئادەم بىر نەرسىنى يۇقاتقان چاغدا
ئاندىن ئۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى ھىس قىلدىكەن مانا بۈگۈن سەندىن پۈتۈنلەي ئايرىلدىم راستىنى دىسەم سىنى
قەۋەتلا سېغىندىم ھازىر قى سىنى ئەمەس بىز دەسلەپ تۇنۇشقان چاغدىكى سىنى سەبى ، ئاق كۈڭۈل ئۈزى ئاچقالسىمۇ
قۇلدىكى لوقمىنى باشقىلارغا بىردىغان سىنى سېغىندىم
ئارزۇ دىگەن نىمە ؟ تەقدىر دىگەن چو؟ توۋا مەن بىچچارە سەن بىلەن توي قىلمەن
دەپ نىملەرنى قىلمىغان ئىدىم بىراق ئايغى نىم بولدى يالغۇزلۇق، ئازاپلىنىش ، ئەسلىمىلەرنى ئويلىسام ياش تۈكۈش بولدى .
ئىككىمزى ئايرىلىپ كەتكىلى بىردەپ بوپتۇ سەن مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىە بىرسى بىلەن تۇنۇشۇپ توي قىلىپ بولدۇڭ مەن
شۇنچە كۈچەپمۇ ئىرشەممىگەن بۇ بەخىتكە باشقا بىرسى بەك ئاسانلا ئىرىشتى دىسە توۋا سىنىڭ نىمە ئويلارنى ئويلىغىنىڭنى
ئوبدان بىلمەن دىگنىڭ كەلسۇن مەڭگۈ ئىرىڭگە ساداقەتمەن بولغىن .
گەرچە سەن بىلەن بىر شەھەردىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولمىغان بولساممۇ ئىككىمزى
تۇنۇشقان شۇ قىسقىغىنە بىر يېرىم يىل ئىچىدە سىنى خىلى چۈشەندىم بەلكىم ئىككىمزىنىڭ ئايرىلىپ كىتشىگە شۇ چۈشنۈش
سەۋەپچى بولغاندۇ ئاڭلىسام دوسلىرىڭغا شۇنداق دەپتىكەنسەن ئۇ مىنى بەش قولدەك چۈشنۈپ كىتىپتۇ ئەمدى مەن ئۇنىڭ بىلەن
ھەرگىز توي قىلمايمەن مىنى كۈرۈپمۇ باقمىغان بىرسىنى تېپىپ شۇنىڭ بىلەن توي قىلمەن دەپتىكەنسەن راس دىگىنىڭنى قىلدىڭ .
تۇنۇشقان ئاشۇ ئازۋاقىت ئىچىدە بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى كۆڭلۈڭنى رەنجىتىپ كۈزۈڭدىن ياشلار ئاققۇزدۇم مىنى كەچۈرگۈن
ھەممىسنى ساڭا ياخشى بولسىكەن دىگەن نىيەتتە قىلغانمەن
مىنى كەچۈرگۈن سەندىن بۈگۈن ئەخمەقتەك بىر سۇئال سۇراپ باقاي ئىككىمزى
تۇنۇشۇپ تا ئايرىلغىچە مىنى بىرە اي بولسىمۇ ياكى بىرە قېتىم بولسىمۇ ھەقىقىي ياخىش كۈرۈپ باققان مىتتىڭ ؟ !!!!
ھىلمۇ ئىسىمدە ئىكككىمزى تۇنۇشۇپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ساڭا 5 سومغا بىرتال ئەتۈرگۈل ئېلىپ سوۋغا قىلسام نىمە قىلدۇ
پۇلنى ئىسراپ قىلىپ دەپ ماڭا كايىغان ئىدىڭ مىن بۇلدىغىنى بۇلۇپ بولدى مەن بەربىر ئېلىپ بولدۇم بۇنى ئېلىڭ دىسەم ئالدىڭ
مەن شۇنداق خۇشال بولدۇم لىكىن بىردەمدىن كىيى قارسام ئۇگۇلنى بىر كىچىك ئۇكاش ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ئۇنىڭ دىيشىچە سەن ئۇنى
ئۇنىڭغا ئويناڭ دەپ بىرىپسە ئېيتە مىنى چىن يۈركۈڭدىن ياخشى كۈرۈپ باققان مىتتىڭ ؟
يۇقۇردىكى سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى ئۈزۈم بىرىپ باقاي سەن مىنى ئەزەلدىن
ھەقىقىي ياخشى كۈرۈپ باقمىغان پەقەت مىنى ياخشى ، ئەخلاغلىق ، ئىتتىقاتى ياخىش مىنى باشقۇرۇپ كىتەلەيدۇ
دەپلا تاللىغان شۇنداقمۇ ؟ گەپ قىلە ؟
بەلكىم ئىرشەممىگىنىمنىڭ ھەممىسى بەخىت بۇلشى ناتايىن بۇ دۇنيا سىرلىق
ھەم ھىكمەتلەرگە تولغان بىر دۇنيا بەلكىم بۇ ئىشتىمۇ ئاللاھنىڭ بىر ھىكمىتى باردۇر خەيىر ئاللاھ بەختىڭنى بەرسۇن
ماڭا ھەم سەندىنمۇ ياخشى بىرسىنى بەرسۇنامىن
كەچۈرۈڭلار تورداشلارباغدىن تاغدىن بۇپ قالدى