بوۋاق پاجىئەسى داۋامى
كەچ بۇلۇپ قالغاچقا يولدا ماشىنىلارمۇ ئاز ئىدى.ماشىنا بارلىق سۇرئەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.بالام ئېچىنىشلىق ئىڭرىماقتا.بالىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرىدىن،يۇرۇگۇم ئازاپلىق ئېچىشماقتا.
غەيرەت قىل بەرداشلىق بەرگىن ئوغلۇم!ئازىراق چىدىغىن دوختۇرخانىغا ھازىرلا يىتىپ بارىمىز!
دەپ خىتاپ قىلماقتا.
شۇ ۋەجىدىنمىكىن،قىزىل چىراقلاردا بىرنەچچە سىكۇنت توختاشقىمۇ تەخىر قىلالمىدۇق.
مانا دوختۇرخانىغىمۇ يىتىپ كەلدۇق.
ماشىنىدىن چۇشۇپ تۇغۇت بۇلىمىگە قاراپ يۇگۇردۇم...لىفىتنى ساخلاشقىمۇ تەخىر قىلالماي،پەلەمپەي بىلەن 3-قەۋەتكە يۇگۇرگەن پېتى چىقىپ ئۇدۇل دوختۇرلار ئىشخانىسىغا كىرىپلا...
دوختۇر!دوختۇر!دەپ توۋلىدىم،
نىمىش بولدى؟
ھېلىقى،ھېلىقى سېستىرا قېنى؟
قايسى سېتىرا؟
ئايالىمغا تۇغۇت ئانىسى بولغان سېستىراچۇ!
شۇ ئارىدا ھېلىقى سېستىرا،ئىچكىرىدىكى دەم ئېلىش ئۇيىدىن،كۆزلىرىنى ئۇۋىلىغان پېتى چىقىپ كەلدى.
ۋۇ ئاناڭنى!بالىنى ھازىرلا ئولىدۇ،قۇتقۇزغاننىڭ پايدىسى يوق دەۋاتمامتىڭ!بالا ھايات ئىكەنغۇ مانا!
دىگەن پېتى ئالدىغا يۇگۇردۇم،
سېستىرا قورۇققىنىدىن كۆزلىرىنى چەكچەيتكەن پېتى ئىچكىرىگە قاراپ قاچتى..
مەن ئارقىدىن كىرىپ،بالام بۇگۇن ئۇلۇپ قالىدىغان بولسا سىنىمۇ ئۆلتۇرىمەن!بۇ مىنىڭ تۇنجى بالام!بالام ئۆلسە مەنمۇ ياشىمايمەن!
دەپ ۋاقىرىدىم.
شۇ ئارىدا سىڭلىم،سىڭلىمنىڭ يولدىشىمۇ كىرىپ كەلدى،
تۇغۇت ئانىسى بولغان قايسى شۇ؟
دەپ سورىدى سىڭلىم.
مۇشۇ شۇ!
سىڭلىم،سىڭلىمنىڭ يولدىشىمۇ ،شىردەك ئېتىلىپ بېرىپ ھېلىقى سېستىرانى .ئەدەپلەشكە باشلىدى.
بولىدۇ!مەن بالىنى ھازىرلا قۇتقۇزاي!دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى سېستىرا.
بولدى قىلىڭلار!ھازىر جىدەل قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس!بالىنى قۇتقۇزۇش ئەڭ مۇھىم!
دەپ ئۇلارنى توختىتىۋېلىپ بالىنى سېستىراغا تۇتقۇزدۇم..
سېستىرا بالىنى كۇتۇرۇپ يۇگۇرگەن پېتى چىقىپ كەتتى..
بۇيەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلىغان بىمارلار ئىشىك ئالدىغا ئولۇشۇپ قالغان ئىدى،
نىمىش بولدى؟نىمىش بولدى؟
سوراشقا باشلىدى بىمارلار.
مەن بىمارلارغا،يۇز بەرگەن ئىشلارنى يۇزەكىلا چۇشەندۇرۇپ قۇيۇپلا بالامنى ئىزلىدىم،
بالام قېنى بالام؟!ما سېستىرابالامنى نەگە ئەكەتتى ئەمدى؟!
دەپ توۋلاشقا باشلىدىم.
پەسكە ئېلىپ چۇشۇپ كەتتى..پەسكە!!2-قەۋەتكە چۇشۇڭ!بالىلار بۇلىمى 2-قەۋەتتە!
دىدى بىمارلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن،
بىز دەرھال 2-قەۋەتكە چۇشتۇق...
بالام قېنى دەپ سورۇدۇممەن دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىپلا،
مانا بۇياقتا!دەپ ئېغىر كېسەللەكلەرنى كۇزۇتۇش ئۇيىگە باشلاپ كىرىدى.
كىرسەم 2سېستىرابالىنى ئاستى-ئۇستىدىن ئىسىتىش ئۇسكۇنىسىگە ياتقۇزۇپ،بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەن قەغەزلەرنى تازىلاپ كىندىگىنى كسىپ بۇپتۇ.
شۇ ئارىدا بىر دوختۇر مىنى چاقىرىپ ياتاقتا يېتىش رەسمىيىتى بىجىرىپ كىلىشىمنى،ئاندى بالىنى داۋالاشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن دەرھال رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ كەلدىم...
ئاندىن ئۇلار بالىنى ئىسسىق ساقلاش ساندۇقىغا سېلىپ داۋالاشنى باشلىدى.بالا ئىسسىق ساقلاش ساندۇقىدا،تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.
شۇندىلا كۆڭلۇم ئازىراق خاتىرجەم بولغاندەك بۇلۇپ ئايالىم ئىسىمگە كەلدى...ئايالىم تېخىچە،ئوغلۇم دۇنياغا كۆز ئاچقان،تەكشۇرۇش ئۇيىدىكى كارۋاتتا ئىدى.
مەن دەرھال ئايالىمنىڭ يېنىغا چىقتىم دە ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئايالىمنىڭ يېنىغا كىردىم.
كەلدىڭىزما؟نىمانچە ئۇزاقتا كېلىسىز؟ئادەمنى ئەنسىرتىپ!دىدى ئايالىم..
ھىچ ئىش يوق!ئۆيدە سەل ھايال بۇلۇپ قالدىم شۇ!دىدىم دە ئايالىمنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇرغاچ.
قارىسام ئايالىم ھىچ ئىشنى سەزمىگەندەك قىلاتتى. مەن دەرھال ئايالىمنى كوتۇرۇپ ياتىقىغا ئېلىپ چىقىپ كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ، كارىدورغا چىقىپ
قېينى ئاچامنى ئىشارەت بىلەن چاقىردىم...
بالىنىڭ ئىشىنى xxxxگۇل ئۇقمىغاندۇ؟سورۇدۇم مەن قېنى ئاچامدىن.
ياق بىلمىدى..بايا ۋاراڭ چۇرۇڭ بۇلۇپ كەتكەندە،نىمە ئىش بۇپتۇ؟دەپ سورىغان ئىدى.باشقىلار ئۇرۇشۇپ قاپتۇ دەپ قويغان ئىدىم..
ھە بۇپتۇ،ھازىرچە بىلمەي تۇرسۇن!بالىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار،كېچىچە كۇتۇلمىگەن ھادىسە بۇلۇپ قالسا تېخىمۇ ئازاپلىنىپ كەتمىسۇن!
دىدىم دە بالىنىڭ يېنىغا چىقتىم...بالا شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى...
بۇياققا كەل!سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار!دەپ چاقىردى،بالامنىڭ مەسئۇل دوختۇرى.
مەن ئارقىدىن ئىشخانىغا كىردىم.
بالىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار!دەپ سوز باشلىدى دوختۇر.
بالىنىڭ يۇرەك سۇقۇشى،تۇمۇر سۇقۇشى ئىنتايىن ئاجىز!مېڭىگەئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئەھۋالى بار!بالىنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىك!سەن پۇلۇڭنى بىھۇدە ئىسىراپ قىلىۋاتىسەن!بالا ئەتە سەھەرگە ئۇلىشالمايدۇ!بەرى-بىر ئۇلۇپ كېتىدۇ!
سەن مىنىڭ ئالدىمدا پۇلنىڭ گىپىنى قىلما!قانچىلىك پۇل كىتىشىدىن قەتئى نەزەربالىنىڭ ھاياتىنى ساخلاپ قېلىشىڭ كېرەك!ناۋادا بالىغا بىرەر كىلىشمەسلىك بۇپ قالسا،ھايات قالىمىز دەپ خام-خىيال قىلىشما!
دىدىم دە چىقىپ كەتتىم..
بالامنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ تۇراتتىم...
سېستىرا:سەن بۇيەردە ئولتۇرۇپ بالىغا ئوبدان قار!بالىنىڭ رەڭگىدە كۆكۇرۇش ئالامىتى كۇرۇلسە دەرھال بىزنى چاقىر!
دەپ قۇلۇمغا بىر دانە ئۇرۇندۇقنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
مەن ئۇرۇندۇقتا بالامغا قاراپ ئولتۇرىمەن...ئۇنىڭ كىچىككىنە ئوماق قوللىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلىدىم.
ئېھ ئۇلۇغ ئاللا!ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتىڭگە،ماڭا ئاتا قىلغان ھىممىتىڭگە مىڭ مەرتىۋە شۇكرى!.بۇرۇن ئۆتكۇزگەن بارلىق گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن!ئوغلۇمنى ئامان قىلغايسەن رىزقىنى زىيادە قىلغايسەن!ئامىن.............
ئوغلۇم كۇزۈڭنى ئاچقىن!مەن سىنىڭ داداڭ!داداڭنى بىر قېتىم.ئەڭ ئاخىقى قېتىم بولسىمۇ بىر كۈرىۋالغىن!مۇمكىن بولسا سىنى باغرىمغا چىڭ بېسىۋالغان بولسام،لەختە-لەختە بولغان يۈرۈگۈم،ئازىراق بولسىمۇئارام تاپقان بولاتتى!
دەپ پىچىرلىدىم.
ئوغلۇم،ئاجىز،ئىنتايىن ئاجىزنەپەسلەنگەن ھالدا،مىدىرلاپمۇ قويماي ياتاتتى،
مانا!ئاتابولغۇچىنىڭ،بالىغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتىنىڭ،قانچىلىك چوڭقۇرلىغىنى،ئەمدى چۇشىنىپ يەتتىم.
راست!ئادەم،ھاياتىدا پەرزەنتلىك بولمىغۈچە،ئاتا-ئانىنىڭ،بالىغا بولغان،مىھرى-مۇھەببىتىنى،ھىس قىلالمايدىكەن.
ئوغلۇمنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە،تەپسىلى قاراشقا باشلىدىم،بالىنىڭ ئېغىرلىقى،ئارانلا950گىرام ئىدى.مۆلچەرىمچە،بالىنىڭ بوي ئىگىزلىگى،ئارانلا25سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئىدى.بالىنىڭ قۇلاق ئاستىدىكى يۇمشاق گۆشلىرى،تاپان قىسمىدىكى يۇمشاق گۆشلىرى پىلدىرلاپ تۇرغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا،پۇتۇن ئەزالىرى نورمال يىتىلگەن ئىدى.
تۇيۇقسىزلا بالىنىڭ نەپىسى توختاپ رەڭگى كۆكۈرۈشكەشكە باشلىدى،
دوختۇر!دوختۇر!دەپ توۋلاشقا باشلىدىم،دوختۇر سېستىرالار دەرھال كىلىپ ،بالىنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى..
ئاھ خۇدا!!!ئەمدى يۇرەك پارەمدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇم!دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە،
دۇختۇرلار بالىنىڭ ئاغزىدىن شىلەنكە سېلىپ بەلغەم تازىلاپ،سۇنئى نەپەسلەندۇرۇپ،ئىككى بارمىغى بىلەن مەيدىسىنى بېسىپ دىگەندەك بىرنىمىلەرنى قىلىدى..
بولدى!دىدى دوختۇر.
قانداق بولدى؟سورۇدۇم مەن ئەنسىزلىك ئىچىدە.
بالىغا تىنىق كەلدى!دىدى دوختۇر.
دۇختۇرنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ،كۆڭلۇم سەل ئارامىغا چۇشكەندەك بولدى.
تاڭمۇ يۇرىدى...خۇداغاشۇكرى!بالا بىرنەچچە قېتىم تىنىغى توختاپ قالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا،ساق-سالامەت،تاڭغىمۇ ئۇلاشتى.
ئەتىسى سەھەردە،دوختۇرلار بالىنى،كۇزۇتۇش ئۇيىدىن،بالنىستقائۇرۇنلاشتۇردى.
ئايالىم بالىنىڭ ھايات ئىكەنلىگىدىن خەۋەر تېپىپ،بالنىسىتقا كىرىپ كەلدى.
مانا!ئانىنىڭ،بالىغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتى نىمە دىگەن چوڭقۇر.نىمەدىگەن ئۇلۇغ ھە!
ئىككى كېچە-كۈندۈز تولغاق ئازابى تارتىپ،يۆتەلگىدەكمۇ ماغدۇرى قالمىغان ئايالىم،تامنى ياقىلاپ ئۆمىلەپ دىگەندەك ئۇستۇنكى قەۋەتتىن،بالىنى كۇرۇش ئۇچۇن چۇشكەن ئىدى.
ئايالىم بالىنى كۇرۇپ شۇنداق خوشال بۇلۇپ كەتتى.
ئەمما بالىنىڭ،ھالىنىڭ خاراپلىغىنى كۇرۇپ،
ئوغلۇم!كۇزۇڭنى ئاچقىن!مەن سىنىڭ ئاپاڭ!كۇزۇڭنى ئاچساڭچۇ ئوغلۇم!دەپ يىغلاپ ئازاپلىنىشقاباشلىدى.
ئايالىمغا تەسەللى بىرىپ،ياتىغىغا ئاچىقىپ قويدۇم..
شۇ ئارىدا دوختۇرخانا رەھبەرلىرى كىرىپ كەلدى.
بالىنىڭ ئىشلىرىن خەۋەر تاپتۇق.بالا بەكلا بالدۇر تۇغۇلۇپ قاپتۇ.ئېغىرلىقى 1000گىرامغىمۇ توشمايدىكەن.بىز نىڭ دوختۇرخانا تارىخىدابۇنداق كىچىك بالىنى داۋالاپ باقمىغان.داۋالىغان ھالەتتىمۇتېخىچە ھايات قالغىنى يوق. قانداقلا ئىش بولساچىرايلىق پاراڭلىشايلى.جىدەل-ماجرا قىلىپ،بىرەر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويسىڭىز،ئۇزىڭىزگىمۇ ياخشى ئەمەس!دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتى...
باللىنىڭ بىر-نەچچە قېتىم نەپىسى توختاپ دىگەندەك،بۇ كۇنمۇ ئۆتتى..
3-ئاينىڭ25-كۇنى سەھەر.سىڭلىم.سىڭلىمنىڭ يولدىشى.قېينى ئاچام نەچچەيلەن بالىغا قاراپ ئولتۇراتتۇق.
سېستىرا كىرىپ..بالىنىڭ داۋالاش ھەققى تۇگىدى!دەرھال پۇل تاپشۇرۋەت بولمىسا داۋالاش توختاپ قالىدۇ!دەپلا چىقىپ كەتتى.
بالىنى ياتاققا ئېلىش رەسمىيىتى بىجىرگەن ۋاقىتتا تاپشۇرغان 3000مىڭ يۇئەنمۇ تۇگىگەن ئىدى..شۇنىڭ بىلەن سىڭلىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،(تۇغۇت ئانىسى)سېستىرانى ئىزدەپ چىقتۇق.
سېستىرا ئىشقا كەلمىگەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىز،
سېستىرانى ھازىرنىڭ ئۇزىدە چاقىرىپ ئەكىلىش!بولمىسا ھەممىڭگە ياخشى كۇن يوق!
دەپ تەھدىت سېلىشقا باشلىدۇق...شۇ ئەسنادا،دوختۇرخانىنىڭ،قوغداش خادىمىلىرى كىلىپ،يىراقتا،بىزگەقاراپ تۇراتتى.
شۇنىڭ بىلەن جودا تېخىمۇ ئۇلغايدى..
سەنلەنى كىم چاقىرىپ كەلدى!؟خىيالىڭدا بىزنى كۇرۇپ،قورقۇپ توختاپ قالىدۇ دەپ ئويلاشتىڭما!؟مەن قىلىمەن دىگىنىمنى قىلىمەن.سېستىرانى ھازىرنىڭ ئۇزىدە چاقىرىپ كىلىشمىسەڭ،ھار-قايسىڭغا ياخشى ئىش يوق!دەپ توۋلاشقا باشلىدى،سىڭلىمنىڭ يولدىشى.
شۇ ئارىدا بىر دوختۇر،نىمىلا ئىش بولسا چىرايلىق دىيىشەيلى!بۇيەردە غەلۋە قىلساڭلار ھەممىمىزگە ياخشى ئەمەس!دەپ بىزنى ئىشخانىسىغاباشلاپ كىردى.
شۇ ئارىدا دوختۇرخانا رەھبەرلىرىمۇ كەلگەن ئىدى.
مەن تۇغۇت بۇلىمىنىڭ مۇدىرى،ئىسمىم پالانچى..شەرتىڭلارنى دەپ باقساڭلار ئاڭلاپ باقايلى!دىدى بۇلۇم باشلىغى.
بىز شەرتىمىزنى ئوتتۇرغا قويدۇق.
1-بالىنى چۇقۇم داۋالاپ ساقايتىشىڭلار كېرەك!ناۋادا بالا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا ھەرگىز بولدى قىلمايمىز،
2-ھازىردىن باشلاپ بالىنىڭ داۋالىنىش ھەققىگە بىر سىنىتمۇ تاپشۇرمايمىز.
3-بالىنىڭ داۋالىنىش ھەققىگە تاپشۇرغان3000يۇئەننىمۇ قايتۇرۇپ بېرىشىڭلار كېرەك.
4-بالا ساقايغاندىن كىيىن،ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دۇختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ،چوڭ تەكشۇرۇش قىلىپ ،سالانەتلىگە ھەقىقى ئەسلىگەكىلىپ،نورمال ھالەتكە كەلگەن بولسائاندىن دوختۇرخانا بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى ئۇزىمىز،
كىيىنكى ئىشلارنى،بالا ساقىيىپ بالنىسىتتىن چىققاندىن كىيىن ئاندىن سۆزلىشەيلى.
مۇدىر ۋە دوختۇرخانا رەھبەرلىرى شەرتىمىزنى ئاڭلاپ قۇشۇلدى.
شۇنىڭدىن ئىتىبارەن،بالىنىڭ بالىق داۋالىنىش ھەققىنى دوختۇرخانا ئۇستىگە ئالىدىغان بولدى.
كۇنلەر ئوتمەكتە.بالىنىڭ ئەھۋالى،كۇندە نەچچە قېتىم نەپىسى توختاپ قالىدىغان ئەھۋالىنى ھېساپقا ئالمىغاندا،ياخشىلانماقتائىدى.
5-ئاينىڭ13-كۇنى،دۇختۇرخانا،بالىنى چوڭ تەكشۇرۇش قىلىش ئۇچۇن،ئۇرۇمچىدىن مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلغان ئىدى.
مۇتەخەسىس بالىنى تەپسىلى تەكشۇرۇپ بۇلۇپ مىنى ئايرىم ئىشخانىغا باشلىدى.
بالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇم.بالىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ناچار..بالا يەنىلا ئوكسىگىندىن ئايرىلالمايدۇ.قىسقىسى بىر ئاي،ئۇزىغى4ئاي ئەتىراپىدا ئاندىن ئوكسىگىندىن ئايرىلالىشى مۇمكىن.ئەڭ چوڭ مەسىلە،ھازىر بالىنىڭ بىر كۇزى ئوكسىڭىننىڭ تەسىرىدە90%ئاجىزلاپتۇ.يەنە بىر كۇزى خېلى ياخشى ئىكەن.ئەمما يەنە داۋاملىق ئوسىگىن سۇمۇرسە ھەر ئىككىلا كۇزى كۆرمەس بۇلۇپ قالىدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن4كۇن ئىچدە شاڭخەي قاتناش ئۇۋېرسىتىتى قارمىغىدىكى‹‹شىنخۇا دوختۇرخانىسى››غائاپىرىپ داۋالىتىشىڭ كېرەك..
ھىچ بولمىسا بالىنىڭ بىر كۇزىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى بار.قالغان ئىشنى ئۇزۇڭ قارار قىل!دىدى.
مۇتەخەسىسنىڭ سۇزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى...
بالامنىڭ كۇزى كۆرنەس بۇلۇپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن!ئۇ چوڭ بولغاندا،ئۇنىڭغا نىمە دەپ چۇشەندۇرەمەن..دىگەنلەرنى ئويلىدىم..
چۇشتىن كىيىن دوختۇرخانا رەھبەرلىرى مىنى،مۇدىر ئىشخانىسىغا چاقىردى،
بالىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتۇق،سەن قانداق ئويلاۋاتىسەن؟!دىدى بىرەيلەن..
مىنىڭچە كۇچىمىزنىڭ بارىچە ئامال قىلىپ بالىنىڭ كۈزىنى داۋالىتىشىمىز كېرەك.دىدىم.
ھازىر بالا ھازىر ئوكسىگىندىن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس.بالىنى ئوكسىگىن بىلەن ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ،
پويىزدىمۇ ھەم شۇنداق..پەقەت بىرلا ئامال،جىددى قۇتقۇزۇش ئاپتۇمبىلىدا ئېلىپ مېڭىش.ئەممائاپتۇمبىل شاڭخەيگە ئەڭ تىز دىگەندىمۇ 3كېچە كۈندۈزدە ئاران يىتىپ بارىدۇ.بۇ بەك خەتەرلىك،بالا سەپەردە ئۇلۇپ كىتىشى تۇغانلاگەپ .ئەڭ ياخشىسى كۇزىنى داۋالىتىمەندىمەي،ھاياتىنى ساخلاپ قالغىنىمىز ياخشى.
مەن:بالىنىڭ كۈزى كۆرمەس بۇلۇپ قېلىپ بىر ئۆمۇرقاراڭغۇلۇقتا ياشىغاندىن ئۇلۇپ كەتكىنى ياخشى!ھەممىمىز بالىغا قۇلىمىزدىن كىلىشىچە قىلدۇق.ئۇزىنىڭ ياشىغۇسى بولسا داۋاملىق ياشايدۇ،ياشىغۇسى بولمىسا ئۇ ئۈزىنىڭ ئىشى..
شۇنداق قىلىپ،5-ئاينىڭ14-كۇنى سەھەردە،2شوپۇر1سېستىرا،ئايالىم بىلەن ئوغلۇم 6ئادەم،شاڭخەيگە قاراپ ئاتلاندۇق.
5-ئاينىڭ 16-كۇنى كەچ سائەت 9:15مىنۇت ئۆتكەن چاغ(شۇيەر ۋاقتى).
2كېچە،3كۈندۈز سەپەر قىلىپ،نۇرغۇن،يول ئازابىنى تارتقان بولساقمۇ‹‹شىنخۇا››دۇختۇرخانىسىغا ،ساق-سالامەت يىتىپ كەلدۇق. بىرىنجىسى اللاھ نىڭ ھىممىتى بىلەن،ئاندىن قالسا،بۇ يەردىكى دوختۇر،سېستىرالارنىڭ كۇڭۇل قۇيۇپ داۋالىشى نەتىجىسىدە،5-ئاينىڭ30-كۇنى،بالىنىڭ ھەر-ئىككىلا كۈزى نورمال ئەسلىگە كەلدى.شۇنداقلا،ئوكسىگىن سۇمۇرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى...
5-ئاينىڭ31-كۇنى يۇرتىمىزغا قاراپ يولغا چىقتۇق.6-ئاينىڭ2-كۇنى كەچ،شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتى قارمىغىدىكى 1-دوختۇرخانىسىغا يىتىپ كەلدۇق..بۇ دوختۇرخانىدىمۇ 20كۇن ئەتىراپىدا داۋالىتىپ ،يۇرتىمىزغا قايتىپ كەلدۇق..
ھازىر ئوغلۇمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى شۇنداق ياخشى....ئېغىرلىغىمۇ 10كىلوگىرام ئەتىراپىداچوڭ بولدى...ئەقلى ئىختىدارىمۇ نورمال...
بۇ ئوغلۇمنى 3ئايلىق ۋاقتىدىك سۆرىتى
بۇ 6ئايلىق بولغان ۋاقتىدىكى سۆرىتى
خاتىمە:بۇ بالا شاڭخەيگە سەپەر قىلىدىغان كۇنى ئەتىگەنگىچە بولغان 80 كۇندە ھەركۈنى 2قېتىمدىن 6قېتىمغىچە تىنىغى توختاپ قالاتتى،ھەرقېتىم تىنىغى توختىغان ۋاقىت 2مىنۇتتىن ھەتتا 15 قىنۇتقىچە داۋاملاشقان.شۇنداقتىمۇ ئاللاھ نىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بالا يەنىلا ھايات قالدى،شۇ سەۋەپتىن مىنىڭ نەزىرىمدە بۇ ۋەقە نەچچە يۈز قېتىملاپ پاجىئەگە ئايلانغان.بۇ يازمىنىڭ تىمىسنى ‹‹بوۋاق پاجىئەسى››دەپ يېزىشىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ.شۇڭا ئەزىزلەرنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە:
ئۆز قەلىمىم