[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 25قەۋەت musas كە 2011-12-08 11:00 AMئەۋەتىلدى :
مىنىڭچە بۇ ھەرگىز پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك تارىخ ئەمەس ، مۇڭغۇل ئىستىلاچىللىرىغا قۇل بولغان ، ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇپ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا چەكسىز ئازاپ ئوقىبەت كەلتۇرگەن ، ئوردا سىلىپ بەرگەن ، بىزنى مانا بۇنداق باشقۇرساڭ،ئەزسەڭ بولىدۇ دەپ سىياسەت ئۈگەتكەن تارىخنىڭ پەخىرلەنگۇدەك نىمىسى بار،خانبالىقنى ئۇيغۇرلار لايىھەلىگەن ، سالغانمۇ دەيلى، بۇ ئوردىدا ئولتۇرۇپ جاھان سورىغانلار كىملەر ، ئۇلارنىڭ قايسى بىرى
سىياسەت شەمشىرىنى مىللىتىمىزنىڭ قان- يىشى بىلەن بويىمىغان ؟سەئىدىيە خاندانلىقىمىز كىملەرنىڭ قولىدا نابۇت بولغان ؟ئاباق مۇناپىقمۇ مۇشۇ مۇڭغۇللارغا يول كۆرسەتكەن ، ئۇلپان تاپشۇرغان ، خوتۇن قىزلىرىمىزنى ......ئەمەسمىدى ؟ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتالمىش مۇڭغۇل ۋەزىرلىرى ، ئۇستازلىرىنىڭ مۇنۇ ئاباقتىن نىمە پەرقى ؟
قاقشىماڭ قېرىندىشم ، ئەزەلدىن-ئەزەل قان -قېنمىزغا ساتقۇنلۇق ، كۆرەلمەسلىك ، چېقىمچىلىق ئورناپ كەتكەن خەقكەنمىز
دەپ قالىمەن مۇشۇ تارىخ بەتلىرىنى ئارىلاپ... تاشقى دۈشمەندىن ئىچكى دۈشمەننىڭ يامانلىغىنى ھەر بىر تارىخ بەتلىرىنى
ۋاراقلىغىنىمدا چوڭقۇر ھېس قىلىمەن . باشقا تارىخنىمۇ ئەسلىمەيلى بولدى ، نەچچە ئاي يول يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا شىزاڭغا
بېرىپ بۇتقا 90 كۈن چوقۇنۇپ ، باش قويۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى جۇڭغارلارنىڭ خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا شارائىت يارىتپ
بەرگەن ئاباق مۇناپىقنى نىمە دەيمىز؟ دىمەك ھەممە ئىش ئەزەلدىن بېرى ئۆز ئىچىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتقان خەق بىز !!!