ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت adil820 كە 2011-12-08 08:32 PMئەۋەتىلدى 7قەۋەتتىكى(zulfay) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
پۇل تېپىش ،بېيىش ، شېركەت قۇرۇش ياخشى ئىش ،دۇنيا خارەكتىرىدىن ئېيتقاندا سەنئەت بىلەن پۇل تېپىش ھەقەقەتەن باشقا كەسىپلەرگە قارىغاندا ئاسان ، نام چىقاماقمۇ ئاسان ، لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزگە بۇ ئارتۇقچە ، خۇددى يالقۇن روزى ئەپەندى ‹بىز قانداق قىلىپ ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى بولۇپقالدۇق›دىگەن ماقالىسىدە ئېيتقاندەك ‹‹يۆمۈرچىدىن ئارتۇق خېمىيىك،ياغاچچىدىن ئارتۇق فىزىكىمىز بولمايۋاتقان›› شارائىتتا بىز پۇل تاپماق ئاسان دەپ سەنئەتتىن ئىبارەت ھارام يولنى تاللىۋالساق سىگانلارغا ئوخشاپ قالماسمىزمۇ ؟ نىمىشقا ئون ئىككى مۇقام ئەۋلاتتىن - ئەۋلاتقا ئېيتىلىپ مۇشۇ كەمگىچە ھىچكىم زېرىكىپ قالمىدى ؟ چۈنكى ئۇنى ھەقىقى خەلق سەنئەتكارلىرى خەلق ھۇجۇدىنى كۈيلەپ ئېيتقان . ھازىرقىلىرى بولسا پۇلنى كۈيلەپ ئېيتىۋاتىدۇ ...
مەنچە ئادەم ناخشا ، مۇزىكا ، ئۇسۇل دىگەندەك نەرسىلەرنى زېرىككەندە ئېيتىپ ،ئويناپ ئىچ-پۇشىغىنى چىقارسا بولىدۇ ، مەخسۇس كەسىپ قىلىپ نان تېپىپ يەيمەن دىسە مايمۇندىن پەرقى نىمە ؟
ئۇنداق بولسا بىزنىڭ نام چىقارغان ئارتىسلىرىمىز مايمۇنغا ئوخشاپ قاپتۇ دە...ئۇلار شۇنچىلىك بولسىمۇ بىر ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ. تاپقان پۇلىنى بېسىپ يېتىۋالغىنى يوق. مەكتەپلەرگە ئىئانە قىلۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلەرگە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ.
بۇ يەردە سەنئەتكارلارنى ئەيىپلىگەننىڭ پايدىسى يوق، ئۇلار ئاللىبۇرۇن بۇ سەپكە قوشۇلۇپ بولغان، ئەمدىكى مەسىلە كەلگۈسىدىكى پەرزەنتلىرىمىزگە ناخشا-ئۇسۇل ئەمەس بىلىم ئۆگۈنۈشنى، يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.
ھەممىز پۇل ئۈچۈن تىركىشۋاتىمىز، سەنئەتكارلارنى پۇلنى كۈيلەپ ئېيتىمۇ ياكى باشقا ئىشلارنىمۇ ئۇ مۇھىم ئەمەس. ئۇلار ئېيتقان شۇ ناخشىلارنى پۇل تۆلەپ ئاڭلاۋاتقان كىملەر...