مىسرانىم تور بېكىتى مەن ھازىر كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر،قازاق ،قىرغىز تور بېكەتلىرىنىڭ ئىچىدە سەۋىيسى ئەڭ يۇقىرى،تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسى ئەڭ كۈچلۈك،مەزمۇنى نىسبەتەن كۆپ،باي،ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىر توربەت، بولۇپمۇ مىسرانىم تور بېكىتىدە مۇشۇ توربەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپلىگى ،ئۇلارنىڭ مۇشۇ توربەتتىكى مەزمۇنلارغا ناھايىتى چوڭ ھەۋەس ،قىزىقىش بىلەن قارايدىغانلىقى ۋە مۇشۇ توربەتكە ئەزا سۈپىتىدە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ،ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ،يېڭى پىكىر تەكلىبلەرنى بىرىۋاتقانلىقى ،بۇنىڭدىكى يېڭى- يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ خوشال بولۋاتقانلىقىنى مەن كۆرۈپ كەلدىم ،بايقاپ كەلدىم.
________________
ھوشۇر ئىسلام (زىيارەت فىلىمى ئىچىدىن ئېلىندى)
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىك دوكتۇر ،ئاسپىرانت يېتەكچىسى ،كومپىيۇتىر مۇتەخەسىسى ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم مىسرانىم تور بېكىتىدە
مانا يۇقارقى سۆزنى بىز كومپىيۇتىر مۇتەخەسىسى ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىمىزدا خوشاللىق ھېسلىرىمىزنى باسالماي قالدۇق.بىر كومپىيۇتىر مۇتەخەسىسىنىڭ بىزگە يۇقىردىكى زور باھالارنى بېرىشى ئاددى ئىش ئەمەس.بىز يەنىمۇ تېرىشىپ ھوشۇر ئاكىمىز دېگىنىدەك بولۇشقا تېرىشىمىز ئەلۋەتتە.
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما دەپ ،تورداشلار كۈندە كۆرۈپ كېلىۋاتقان كومپىيۇتىردىكى مۇشۇ چىرايلىق ئۇيغۇر ئانا يېزىقىمىز ھوشۇر ئىسلام ئاكىنىڭ تۇنجى تەتقىقات مېۋىسى ،ئۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيۇتىردا نورمال كۆرسۈتۈشتە بىردىنبىر ئالاھىدە تۆھپە قوشقان كىشى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەتتە بۇ مۇئەللىمگە يەنىمۇ كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ،مىسرانىم تور بېكىتىمىزنىڭ مەخسۇس ئىشلەۋاتقان پىروگراممىىسى ‹سىرداشلار كۆزنىكى› مۇشۇ ئاي بېشىدا سۈرەتكە ئېلىندى،شۇنداقلا بۈگۈن رەتلەپ تەييارلاندى. تور داشلارنىڭ قوللىشى بىلەن بىز پىروگراممىمىزنىڭ 8- سانىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق.نۇرغۇن جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ ،پىروگراممىمىزغا ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلىرىمىزگە ،دەۋرىمىزگە تۆھپە قوشقان ،تالانت ئېگىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ،تورداشلار بىلەن سىرداشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.. تورداشلارنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ قوللىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
بۈگۈن تونۇشماقچى بولغىنىمىز كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسى ،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرات يېتەكچىسى بۇ قېتىملىق ،مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئاز سانلىق ئۇيغۇر ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم.
ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئى پەن ئالىملىرىمىز ، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر ، ئىسلاھات-رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي-قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مەملىكەتلىك ، خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇرتىمىزنىڭ شان-شۆرىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجادىي روھ ، جاسارەت ئۇرغۇتىشىدا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار ئازسانلىق مىللەت ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ئۈلگە-نەمۇنە تىكلەپ بەردى ،بىز بۇ ئالىمىمىزغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتماي تۇرالمايمىز.
سۆھبەتتە ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيۇتىردا كۆرسەتكەندىكى ھېسياتى،خوشاللىقى ،بۇ جەرياندا تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرى ،تەتقىقات نەتىجىلىرى نۇقتىلىق سۆزلىنىدۇ .زىيارەتنىڭ سالمىقى ئېغىر ،كەسپىي سۆزلەر بىر قەدەر كۆپرەك،تورداشلارنىڭ چۈشىنىپ كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
فىلىم مەزمۇنى ھوزۇرىڭلاردا بولسۇن...
تور سۈرىتىڭىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تاللاپ كۆرۈڭ
يوۋكۇ تورىدىن كۆرۈڭ
چىقمىسا بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ
http://v.youku.com/v_show/id_XMzMwOTAxODQw.html
56 تورىدىن كۆرۈڭ
چىقمىسا بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ :
http://www.56.com/u19/v_NjUxNDQzODQ.html
زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر
ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم مىسرانىم قۇرغۇچىسى ۋە رىياسەتچى بىلەن بىرگە
ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم ئارقا سەپ خادىملىرى بىلەن بىرگە
زىيارەت ئىمزا خاتىرىسىدە ھوشۇر مۇئەللىمنىڭ ئىمزاسى ئورۇن ئالدى
ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم ئابابەكرى مۇختەر بىلەن بىر قىسىم مەسىللەر ئۈستىدە مۇزاكىرلەشتى
ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم مىسرانىم تورى توغۇرلۇق باھا سۆزى قىلماقتا .
ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم زىيارەتتە سۆز قىلماقتا.
.
____________
ھەر بىر قېتىم ئۇيغۇرچە خەتنى كومپىيۇتىردا نورمال كۆرگەن چېغىڭىزدە بۇ تەتقىقاتنى دەل مۇشۇ ئالىمنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ئالىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تونىسۇن ۋە بىلسۇن.مەزكۇر فىلىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىرلەر سىڭدۈرۈلدى.تورداشلارنىڭ مەكتەپ تورلىرى ھەم ھەرقايسى شەخسىي توربەت ،بىلوگ،ھەم بوشلۇق، چ چ لاردا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمىز.
++++++++++++++++++++++++++++++++++++
سىرداشلار كۆزنىكى ئۆتمۈشىگە نەزەر..
8 - سان ،ئۇيغۇر ئاكادىمىك بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت
مەزمۇنى : كومپىيۇتىر-تېخنىكا تەرەققىيات توغرىسىدا سۆھبەت
ئادرىسى:https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=65710
7 - سان مۇختار بۇغرا بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت
مەزمۇنى : شېئىرىيەت ۋە رېژىسورلۇق توغرىسىدا
ئادرىسى: https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-63408.shtml
6 - سان ئاتلان قۇرغۇچىسى بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت
مەزمۇنى : ئىگىلىك تىكلەش ۋە تىل توغۇرسىدا
ئادرىسى: https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-59263.shtml
5 - سان ،ئادىل مىجىت بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت
مەزمۇنى : ئېتوتچىلىق ۋە كەسپىي ھايات توغىرسىدا سۆھبەت
ئادرىسى: https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-56640.shtml
4 - سان ،ئەركىن ھاشىم بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت
مەزمۇنى : ئىزدىنىش ۋە ھايات تېمىسىدا مەخسۇس سۆھبەت
ئادرىسى: https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-54193.shtml
3 -سان، جالالىددىن بەھرام بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت
مەزمۇنى : ئەدەبىيات ۋە يازغۇچىلىق ھاياتى ھەققىدە سۆھبەت
ئادرىسى: https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-50654.shtml
2 - سان ، سىراجىدىن پەتقۇللا بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت
مەزمۇنى : ئاۋاز ئارتىسىلىق ھاياتى ھەققىدە سۆھبەت
ئادرىسى:https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-47576.shtml
1 - سان ، شىرئەلى ئەلتېكىن بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت
مەزمۇنى : مۇقامچىلىق ھەم ئۇيغۇر مۇقامى ھەققىدە سۆھبەت
ئادرىسى: https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-44353.shtml
كېيىنكى سان پروگرامملىرىمىز تېخىمۇ سەرخىل. پروگراممىمىزنى كۆرۈشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر.
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
مىسرانىم پروگرامما باشقۇرۇش گۇرۇپىسى
2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ06- كۈنى