پارلان شىركىتى توردا ئىختىساسلىقلارنى تاللاش پائالىيىتى باشلاندى
قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت كەلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تورداشلار ، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 22-كۈنى پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرىدىغان بۇلۇپ،بۇ قېتىملىق لېكسىيىگە جەمئىيتىمىزدىكى داڭلىق شىركەت-كارخانىلارنىڭ باش دىرېكتورلىرى ،باشقۇرغۇچىلىرى قاتنىشىدۇ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، دوكتور، شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى مۇستەقىل لىدىرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتۇرى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى سۇلايمان ئىسلام دوكتور سۆزلەيدۇ
پارلان شىركىتى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇشۇ چوڭ سورۇندا بىر قېتىملىق ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكچى ۋە جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئىختىساس ئىگلىرنى تاللىماقچى.مەيلى سىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا بۇلۇڭ ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان بۇلۇڭ ۋە ياكى جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان بۇلۇڭ سىزنىڭ تالانتىڭىز بولسىلا بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلەيسىز،ئەگەر سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز،بىلمىڭىز شۇ سورۇندىكى شىركەت – كارخانىلارغا ياراپ قالسا سىز بىلەن توختام تۈزۈپ ئىشلىتىدۇ.
شەرتى:تەۋەلىكى،بوي ئىگىزلىكى،جىنسى،تەقى –تۇرقى،ئائىلە ئەھۋالى مۇھىم ئەمەس،ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ ئەمىلى خىزمەت ئىقتىدارىڭىز ۋە ئاكتىپ خىزمەت پوزىتسىيىڭىز لازىم.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى تالانتىلىق،ئىقتىدارلىق چاغلىسىڭىز شىركەت،كارخانىدا ئىشلەشكە ماس كەلسىڭىز بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ .بۇ بەلكىم سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بىر بۇرلۇش نوقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ.
تىزىملىتىش توردا ئېلىپ بېرىلدۇ. تىزىملىتىشقا ھەق ئېلىنمايدۇ.
ۋاقتى:12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 17-كۈنگىچە.
سىز پەقەت ئاستىدىكى جەدىۋەلنى چۈشۈرۈپ ،تولدۇرۇپ بىزگە‹
intilix@126.com› تور ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بىز يىغىلغان جەدۋەلدىن ئەڭ ياخشى 15تىزىملاتقۇچىنى تاللاپ خەۋەر قىلمىز ، سىز بىلەن بىر قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىمىز ۋە 15 تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ سەرخىل 5 ئىختىساس ئىگىسىنى رەسمى 34-قېتىملىق پارلان لېكسىيىسىگە قاتناشتۇرۇپ،ئۆزىنى سورۇندىكى شىركەت – كارخانىلار خوجايىنلىرى ئالدىدا تۇنۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز.سىز شىركەت-كارخانا خوجايىنلىرىغا ياراپ قالسىڭىز سىز بىلەن توختام تۈزۈپ رەسمى ئىشلەيسىز ھېچ بولمىغاندا ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.
پۇرسەت سىز تەرەپكە قاراپ كەتتى تۇتۇش ياكى تۇتالماسلىق ئۆزىڭىزگە باغلىق.
جەدۋەلنى چۈشۈرۈش
http://quxurux.net/parlan/jediwel.doc
http://quxurux.net/parlan/jediwel.doc
ئەلكاتىپتا يېزىڭ، ئەلكاتىپ بولمىسا بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
ئەلكاتىپتا يېزىڭ، ئەلكاتىپ بولمىسا بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
پارلان تورىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.
ئالاقىلاشقۇچى:يۈسۈپجان تېلفۇن:15199009412 qq:915093332
intilx@126.com ئېلپوچتا:.
مەنبە:
http://quxurux.net/parlan