ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 16قەۋەت esma0999 كە 2011-12-10 12:06 AMئەۋەتىلدى :
توۋۋا پەرىق نىمە دىگەن چوڭ -ھە؟ بىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمىزدا يېزىلغان ھىكايە رومانلاردا بىر خىل گۈزەل مۇھەببەت تەسۋىرلىنەتتى. يىگىتنىڭ تىنىقى يۈزىگە ئۇرۇلۇپ كەتسە، بەش ئالتە يىل ئۇنى ئويلاپ يۈرەتتى. قىزلار پاكلىقى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدى. مەن بىر دوستۇم بىلەن شۇنداق پۈتۈشكەن، ئەگەر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ توي قىلغۇچە پاكلىقىمىزنى ساقلىيالمىساق ئۆلىۋالىمىز ھەم بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالساق، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن بىزگە چېقىلماقچى بولسا، ئاۋال مۇشۇ ئىرادىمىزنى ئىيتىپ قۇيۇمىز دەپ. لېكىن ئۇ ۋاقىتنىڭ ياشلىرىنىڭ كۆڭلى ئۇنچىلىكمۇ يامان ئەمەس ئىدى. ئالى مەكتەپتىمۇ مۇھەببەتلەشكەنلەر مەكتەپ ھويلىسىنى بىر ئايلىنپ كېلىپ، ياتىقىغا ئەپكىرىپ قوياتتى. ھازىر نىمە بولۇپ كەتكەن زادى؟ بۇرۇنقى مۇھەببەت رومانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى بېتىدە قىز يىگىت ۋىسالىغا يەتسە، ھازىرقى رومانلارنىڭ ئالدىنقى ئىكككىنچى بېتىدىلا «ۋىسالى»غا يېتىپ بولىدىكەن دىگەنتى بىرسى بىر چاغدا. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ باللارمۇ دۈمبىسىگە يوغان سومكىنى دوكتەك ئېسىۋېلىپ ، ئۇچىسىدا مەكتەپ فۇرمىسى ، بىر بىرىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ كىتىدىغان بىرنىمىلەرنىمۇ كۆرۈپ قالىمەن ئانچە مۇنچە، ھەي ...........
ئەسما خانىم سىللەر مۇھاببەت يەشىكىنىڭ پىچىتىنى ئاچماي پەقەت سىرتىدىن پۇراپ دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن مۇھاببەتنىڭ باش-كۆزلىرىدن ئوت چىقىرۋىىتپتىكەنسىلە ھە؟؟؟؟؟؟؟ ھەر كىم سىز ئويلغاننى ئويلىغان بولسا ئىدى،بۇگۈنكى كۇندە قىزلىق ماركا ھوقۇقى دەخلى-تەۋرۇزغا ئۇچۇرغان قىز-ئاياللار پۇشايماننىڭ ياشلىرىنى تۆكۇپ ئولتۇرمايىتتى.