جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نورغۇن ئىشلار بىللە تەرەققى قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ،مەن سىزگە ئەڭ ئاددى مىسالدىن بىرنى ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ بىرەي،ئالدامچىلىقمۇ تەرەققى قىلىپ ،سىز بىلىپ تۇرۇپ ئالدىنىپ قالغۇدەك سەۋىيىدە تەرەققى قىلدى.مىنىڭ سىلەرگە بۈگۈن چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىم ماشىنا سودىسىدكى ئالدامچىلىق.
نورغۇن دوسلىرىمىز ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئىسىل ماشىنىسى بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ،ھەم شۇ يولدا تەر ئاققۇزۇپ ئۆز مەقسىدىگە يىتىدۇ،يەنە بىر قىسىم دوسلىرىمىز غەيرى يوللار بىلەن شۇخىل مەقسەتكە يىتىشنى ئويلايدۇ،مەسىلەن :套牌车سېتىۋىلىش ،رەسمىيىتى يوق ماشىنىلارنى سېتىۋىلىش دىگەندەك ،،،،،دىمىسىمۇ بۇخىل ماشىنلارنىڭ باھاسى سىزنى ھەيران قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەرزان،زاۋۇت باھاسىنىڭ 20%10%تىگىمۇ يەتمەيدۇ.شۇڭا بۇ باھانى كۆرگەندە ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى قوزغىلىدۇ.RAVI4, CRV,CAMRIتويوتادىگەندەك ماشىنلارنى سىزگە 20-40مىڭ يۇەنگىچە بەرسە ئالمايمەن دىيەلەمسىز .
مىنىڭ ماشىنىغا قىزىقىشىم ھەم ماشىنا سودىسى بىلەن شۇغۇنلىنىش جەريانىدا كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ئالدامچىلىق ۋەقەلىرىدىن سىلەرگە ئالدامچىلىق جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
بەيدۇغا كىرىپ 套牌车دەپ يېزىپ ئىزدىسىڭىز 200بەتتىن ئارتۇق شۇ توغرىدىكى ئىلانلارنى كۆرىسىز ،تېخى بۇلارنىڭ 70%قانۇنلۇق ئۆزلىرىنى شىركەت دەپ ئاتاپ شىركەتنىڭ تۈرلۈك گۇۋاھنامىللىرىنى يوللاپ قويىدۇ.سىز خالىغان بىر بەتكە كىرىپ ئالاقىلىشىش تىلىفۇننى ئۇرۇپ ئاغزىڭىزغا كەلگەن بىر ماشىنىنىڭ تىپىنى سوراپ ،مەن مۇشۇ خىل ماشىننى ئالىمەن سىلەردە بارمۇ دەپ سورىسىڭىز ،قارشى تەرەپ ھەرگىز يوق دىمەيدۇ،مەيلى ئاۋدىQ7بولسۇن ياكى شىيالى بولسۇن سىزگە بار دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.ئالدامچىلىقنىڭ بىرىنچى قەدىمى مۇشۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
ئالدامچىلىقنىڭ بىرىنچى خل تۈرى :ئالدىن كىلىشىش سوممىسى تاپشۇرۇش(订金)
ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ سوممىسى كۆپ ئەمەس،500يۇەندىن 1000يۇەنگىچە.
سىز پۇلنى ئۇلار ئەۋەتىپ بەرگەن ھىسابات نومۇرىغا ئۇرغاندىن كىيىن ،سىز ئالماقچى بولغان ماشىنا تىپىنى ،رەڭگىنى ،سىز نىڭ ئادىرىسىڭىزنى تىلىفۇن قسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئۇلارغا يوللاپ بىرىسىز ،ئەتىسى سەھەردىلا سىزگە يەنە تىلىفۇن قىلىپ رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 2000-5000گىچە پۇل سورايدۇ،بۇ پۇلنىمۇ ئۇرۇپ بەرسىڭىز ئۇلارنىڭ مەقسىگە يەتكۈزگەن بولىسىز ،سودا تۈگەيدۇ،پۇل قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى دىگەن گەپ.
ئالدامچىلىقنىڭ ئىككىنچى تۈرى:سىزدىن ئالدىن پۇل ئالمايدۇ،،سىز ئالماقچى بولغان ماشىنا تىپىنى ،رەڭگىنى ،سىز نىڭ ئادىرىسىڭىزنى تىلىفۇن قسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ئۇلارغا يوللاپ بىرىسىز ،دىققەت قىلسىڭىز بۇيەردىكى يوچۇقنى بىلەلەيسىز،سىز ئۇلارنىڭ تىلىفۇن نومۇرىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ ،شىنجىن ،گواڭجۇ،شەندوڭ ،خېنەن،چۇڭچىڭ ،جېجىياڭ دىگەندەك يەرلەرنىڭ نومۇرى،سىز ئەگەر قەشقەردە بولسىڭىز يېقىنراق بولغان چۇڭچىڭدىن قەشقەرگە ئاز دىگەندىمۇ ماشىنا بىلەن چىقسا 2كۇن كىتىدۇ،لىكىن ئۇلار ئەتىسى ئەتىگەندىلا سەن ئالغان ماشىنىنى ئەكەلدۇق دەپ تىلىفۇن قىلىدۇ،ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ ،ئۇلارنىڭ ھەيدىگىنى ئايرۇپىلان ئەمەستۇ ھە!10نەچچە سائەتتىلا چۇڭچىڭدىن قەشقەرگە كىلىپ بولىدىغان .
ئۇلار سىز بىلەن كۆرۈشىدىغان يەرنى بىكىتىۋالغاندىن كىيىن ،سىزگە دوستىڭىز ياكى تۇققىنىڭزدىن بىرنى ئېلىپ كىلىشىڭىزنى ،سىز ياكى دوستىڭىز ماشىنا كۆرسە بىرىڭلابانكىغا بېرىپ پۇل سالىدىغانغا بۇيرۇيدۇ،سىز ماشىنا كۆرگىلى بارسىڭىز دوستىڭىزنىڭ تىلىفۇن نومۇرىنى سورايدۇ،دىققەت قىلىڭ ،مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئويۇننىڭ قىززىقى چىقىدۇ،سىز ماشىنا كۆرگىلى كىتىسىز ،بانكىدا ساقلاپ تۇرغان دوستىڭىز سىزنىڭ نومۇرىڭىزدىن كەلگەن تىلىفۇن قوبۇل قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ تىلىفۇننى سىز ئۇرمىغان ھەم سىزنىڭ تىلىفۇنىڭىزدىن ئۇرۇلمىغان .بۇ تىلىفۇن توردا ئىشلىتىلدىغان بىر خىل تىلىفۇن ئۇرۇش قورالى بولۇپ ،سىزنىڭ نومۇرىڭىزنى 30مىنۇت ئەتىراپىدا ئىشلىتەلەيدۇ،بۇخىل دىتالنى 500-1000يۇنگىچە سېتىۋالغىلى بولىدىكەن .
ئەسلى گەپكە كەلسەك ،دوستىڭىز بۇتىلىفۇننى قوبۇل قىلىپ ،ئالدامچىنىڭ :دوستۇڭ ماشىنىنى كۆرۈپ بولدى ،ماشىنىنى ھازىر بەردىم پۇلنى ئۇرىۋەتسەڭ بولىدۇ ،دىگەن سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ،پۇلنى ئالدامچىنىڭ كارتىسىغا ئۇرىۋىتىدۇ،سىز ماشىنا قاچان كىلەر ،دەپ ساقلاپ تۇرىۋىرسىز،ئالدامچىغا تىلىفۇن قىلسىڭىز ،يول بېسىقكەن دىگەندەك باھانىلارنى كۆرسىتىپ پۇلنى ئېلىۋالغىچە ۋاقىتنى سوزىدۇ،پۇلنى ئەپ بولغاندىن كىيىن ،تىلىفۇننى تاقايدۇ،سىز ئاھ ئۇرۇپ قالىسىز .
بۇئىشلار ماشىنا سودىسى قىلىش جەريانىدا ئالدىمغا ئۇچىرىغان ھەتتا ئۇلار بىلەن تىلىفۇن قىلىپ سۆزلىشىپ باققان جەريانىدكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ،دوسلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ئۇچىرىغاندا ،نەپسىنىڭ كەينىگە كىرمەي ،ھالال يول بىلەن ياشىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن .
http://www.zsiche.cn/
http://linyi.sdnews.com.cn/plus/view.php?aid=57810
http://www.zgzxy.com/
يۇقىرىقى تور بەتلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ