مەنمۇ ئوخشاش قاراشتا ...
جېنىم ئاكاممۇ شۇ دادامنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئۆزى تاللىغان قىزدىن ۋاز كەچتى ئەمەسمۇ ....
ئاكاممۇ كىچىكىدىن تارتىپ دادام-ئاپامنىڭ گېپىنى يىرىپ باقمىغان ، دادامنىڭ دىگىنى خاتا،ئۆزىنىڭ توغرا بولسىمۇ ، ياكى دادام ئورۇنسىز خاپا بۇلۇپ ئاكامغا ۋاقىرىسىمۇ بىرەر قېتىم كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ باققىننى بىلمەيمەن، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا دادام ‹ قايسىڭ دادىسى -ئاپىسى ئاجىرشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ باللىرىنى باشلاپ كېلىپ ماۋۇنى ئالىمەن ، ماۋۇنىڭغا تىگىمەن دىسەڭ ، بېشىڭنى تاشقا ئۇرساڭمۇ، كاللامنى كېسىپ ئالدىڭغا قويۇپ تۇرۇپ سورىساڭمۇ بېرىدىغان جاۋابىم ياق !!! مەن ھەرگىز قوشۇلمايمەن ، ھەم رازىمۇ بولمايمەن ، ئاتا-ئانىسى ئاجىرشىپ ئىككى ئارلىقتا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئەخلاقى ياخشى ئەمەس ، چوقۇم ئانىسىدا ياكى داىسىنىڭ ئەخلاقىدا مەسلە بار ،،،،،،› دىگەن ئىدى ، قېرىشقاندەك ئاكام تاللىغان قىزنىڭ دادىسى -ئاپىسى ئاجىرشىپ كېتىپ. ئاپىسى باشقا توي قىلغان، ئۇ قىز چوڭ ئانىسىنڭ قېشىدا چوڭ بولغان ئىكەن ، ئەمما ئاكامدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ قىز بەك ھايالىق ، ياخشى قىز ئىكەنتۇق، ئاكام ئاپامغا ‹ ھەقىقەتەن ياخشى قىز ئىدى، ئاكىسىنىڭ باشقۇرىشىنىڭ قاتتىقلىقى،،،، ئۇ قىز ھەتتا يان تېلفونمۇ ئىشلەتمەيدۇ ، مەنمۇ ياخشى ياماننى پەرىقلەندۈرەلەيمەن ، ئاپا ماڭا ئىشىنىڭلار ، دادامنىڭ قويغان شەرتىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ، ئەمما كاللىسىدىن ئۆتۈپ قالارمۇ،،،،قوشۇلۇپ قالارمۇ دەپ ئويلىغان ،،،،،›دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم ،كىيىن بىلسەم ئۇ قىزدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ، بەلكى قىزغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرەلمىدى،،،،نىمە دەيدۇ ؟ نىمە دەپ چۈشەندۈرىدۇ، قىزغا تېخىمۇ ئەلەم بۇلىدۇدە،،،،بەلكى قىز ئاكامنى ۋاپاسىز ، ۋىجدانسىز دەپ ئويلايدىغاندۇ ........