600 مىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانا
تاكى بۈگۈنگە قەدەر دەرسلىك كىتابلىرىمىزدىن "ۋەتىنىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئاساسىي ۋەزىپە خەلقنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇش مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلىش" دېگەن مەزمۇننىڭ چىقىرىۋېتىلمىگەنلىكى مېنىڭچە بۇ مەسىلىنىڭ تېخى تولۇق ھەل بولۇپ كەتمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2010- يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا پەقەت شىنجاڭدىلا 2 مىليون 270 مىڭ نامرات بار. پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلار سانى بولسا 100 مىليوندىن ئاشىدىكەن.(بەيدۇ تورىدىن ئىزدەپ بېقىڭ)
نۇرغۇن جايلاردا مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار. يەنە نۇرغۇن جايلاردا داۋالاش شارائىتى ناچار. نۇرغۇنلىغان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز ياردەمگە مۇھتاج.
مۇشۇ خىل ھالەتتە ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى كىچىككىنە بىر شەھەرنىڭ 600 مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىشى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
شۇ شەھەر ۋەتىنىمىزگە تەۋە ئەمەسمۇ؟ مىليونلىغان قېرىنداشلىرى نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتسا، مىليونلىغان نارىسىدىلەر "نان" دەپ قوللىرىنى سۇنۇۋاتسا، مىليونلىغان نامراتلار نامراتلىق دەستىدىن دوختۇرغا كۆرۈنەلمەيۋاتسا، سىيىپ - چىچىدىغان بىر ئورۇن ئۈچۈن 600 مىڭ يۈەن خەجلەش تەرەققىياتنىڭ بەلگىسىمۇ؟ مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسىمۇ؟ ۋە ياكى خەلقنىڭ قان تەرىنى بۇزۇپ چېچىشمۇ؟
شۇ تاپتا مەن مائەنشەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەخلاقىدىن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىستىلىدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن. 600 مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر ھاجەتخانا سېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا بىرەر رەھبەر ياكى بىرەر پارتىيە ئەزاسى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ "بۇنداق قىلمايلى، بۇ پۇلنى جايىغا ئىشلىتەيلى. خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە سەرپ قىلايلى" دېمىگەنلىكى، بۇ ئىشتىن توسمىغانلىقى مېنى ئېچىندۇرماقتا.
ئەجەبا ئۇلار پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قولىنى كۆتىرىپ "... ھەرقاچان جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە بولىمەن. جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن ..." دەپ بەرگەن قەسىمىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟
ئەتراپىمىزدا ياردىمىمىزگە مۇھتاج نۇرغۇن كىشىلەر بار. بەزىلىرى ماددىي ياردەمگە، بەزىلىرى مەنىۋى ياردەمگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن. قولىڭىزدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ. ئىسراپخورلۇق قىلىشنىڭ ئورنىغا ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئېشىنچىڭىزنى باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا سەرپ قىلىڭ. ماددىي ياردەم قىلالمىسىڭىز مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بەرسىڭىزمۇ، ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەرسىڭىزمۇ، تەسەللىي بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەڭ بولمىغاندىمۇ تەبەسسۇمىڭىزنى بولسىمۇ ئايىماڭ. كۆڭلى سۇلغۇن كىشىلەر ئۈچۈن بەزىدە بىر تەبەسسۇممۇ چوڭ ياردەم.
ھەر دائىم ئېسىڭىزدە بولسۇن:
1. كىيىم - كېچەككە بېرىلمەڭ. يالىڭاچ كەلدىڭىز، يالىڭاچ كېتىسىز.
2. پىخسىقلىق قىلماڭ. مىليون پۇل يىغسىڭىزمۇ بىر تىيىننىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيسىز.
3. ھازىر تۇرۇۋاتقان ئۆيىڭىزدىن نارازىمۇ سىز؟ ئاقىۋەتتە 2 كۋادرات مېتىر يەر يېتىدۇ سىزگە.
ماددىي دۇنيادىن ھېچنىمىگە ئىگە بولالمايسىز. پەقەت ۋە پەقەت ياخشى نامنىلا قالدۇرالايسىز ۋە ئېلىپ كېتەلەيسىز.
چېھرىمىزدە تەبەسسۇم، كۆڭلىمىزدە ئىنساپ، ئۆزىمىزنى ئاسراش، باشقىلارغا كۆيۈنۈش ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
مەنبە : تەڭىرتاغ مۇنبىرى