ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 20قەۋەت anjura كە 2011-12-15 11:19 AMئەۋەتىلدى :
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
باشقۇرغۇچى ھۆكۈمران ئەپەندى تەرىپىدىن ئىنكاسلىرىمنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانمايمەن. باشقۇرغۇچىنىڭ باشقۇرغۇچىغا خاس تەمكىن ۋە ئېغىر-بىسىق بولۇشى تولىمۇ نورمال ئەھۋال ئىدى. لىكىن ئۇنداق بولماپتۇ؟
ھۆكۈمران ئەپەندى زەھەردەك گەپ بىلەن سانجىۋالمىسىڭىزمۇ، تۇتقان يولۇمغا سىز باھا بەرمىسىڭىزمۇ ئاخىرەتتە باھا بىرىپ ياخشى-يامان دەپ ئايرىيدىغان رەببىم ماڭا يىتەرلىك.
ۋەئەلەيكۇم سالام ئەنجۈرە،
تىللاردىكى ۋە دىللاردىكى سىرلارنى ئېنىق بىلگۈچى ئاللاھ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ياخشى نىيىتىڭىزنى ۋە دىننىڭ پاكلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتقان سۆزلىرىڭىزنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ.بۇ تېمىدا قالدۇرغان ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم ،دىنى بىلىمىڭىز خېلى چوڭقۇردەك قىلىدۇ. دىلىڭىز ئازراق ئازار يەپ قالدى ۋەھالەنكى سەۋەبىنى تازا ئېنىق بىلەلمىدىڭىزغۇ دەيمەن؟
دەۋەت قىلىش ۋە دىنى بىلىملەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشتە مەنچە بىرىنچىدىن ئۇسۇلغا قاتتىق دىققەت قىلىش ،ئىككىنچىدىن مۇۋاپىق سورۇن ۋە ۋاقىتنى تاللاش بەك مۇھىم.بۇ تېمىدىكى پۈتۈن ئىنكاسلىرىڭىزدا ئاللاھ ئاغزىڭىزدىن چۈشمىدى بىراق گەپلىرىڭىز بىزگە تازا خۇش يېقىپ كەتمىدى،بۇ سىزنىڭ مۇسۇلمان بىزنىڭ كاپىر بولغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ياق،ئۇنداق ئەمەس.سىز مۇۋاپىق بولمىغان سورۇندا دىن توغۇرلۇق پاكىتسىز ھالدا ئۇزۇن-ئۇزۇن،مەنتىقىسىز سۆزلەپ باشقىلاردا بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلدىڭىز. دىنى تېمىلاردا كۆپ ئازارچىلىق چىقىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ،بىز ئۇسۇلغا دىققەت قىلىپ ماس سورۇندا سۆزلىمىگەننىڭ ئۈستىگە قىلىۋاتقان گەپلىرىمىزگە ھەدىسە ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈشكە ئۇرىنىمىز ھەمدە قارشى تەرەپكە ئىدىيىمىزنى زورلاشقا تىرىشىمىز...مۇۋاپىق تېمىلاردا پىكىر بايان قىلىپ تۇرۇڭ،ئىلمىڭىز زايە كەتمىسۇن.