ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 13قەۋەت begzeda كە 2011-12-14 03:18 PMئەۋەتىلدى :
بۇرادەرلەر بولدى قىلايلى...... ئۇ بەلكىم ئەمدى بۇنداق قىلىقسىز ئىشنى قىلماس، ئەمما مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرىغا تەكلىۋىم سىلەرنىڭ بۇ « ئوغرىنى » بايقىيالمىغانلىقىڭلارغا ئەمەس، « شىئىرغا چەك قويۇش» پىرىنسىپىڭلارغا بەك ئۆچ بولدۇم. ھازىرغىچە مىنىڭ 3 پارچە شىئىرىمغا چەك قويۇلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر شىئىرىيتىدىكى ئەڭ قىيىن بولغان « چاقماق ۋەزىن» لىك بىر كۇپلىتلىق شىئىرىمنى ئۆچۈرىۋەتتىڭلار . تېخى توخار ئەپەندى مەزمۇنىنى پۇختىلاڭ دەپ ئەسكەرتىشمۇ بىرىپتۇ. بىلمىدىم بۇ بىر كۇپلىتلىق شىئىرىنى مەن ساق بىر ئايدا « پۇختىلىغان » ئىدىم. يەنە پۇختىلاي دىسەم چاك- چېكىدىن بۇزۇلۇپ كىتىدىكەن. چۈنكى ئۇ چاقماق ۋەزىنى، بولدىلا ئۆزۈمنى داڭلىماي. يەنلا «ئوغرىغا» كەلسەك بۇ ئوغرى بەلكىم شىئىرلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى « پۇختىلاپ » بولالماي. شۇ قاملاشمىغان ئىشنى قىلىپ قويغاندۇر.
ئىچىڭىزنى ئاچچىق قىلماڭ مۇنبەرداش،توخار ئەپەندى سىزگىلا ئەمەس بىزگىمۇ شۇنداق قاتتىق تەلەپ قويدى.ئۇ مېنىڭمۇ ئىككى پارچە پىششىقلاپ ئاندىن يوللىغان شېئىرىمغا چەك قۇيۇپ يۇيىۋەتتى.ئەسلىدە بىزلەرمۇ بىر قىسىم مۇنبەرلەرنىڭ ئالى باشقۇرغۇچىلىرى ئىدۇق،خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەرگە قوشقان ھەسسىمىز يېتەرلىك بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ باشقا ئىسىمدا كىرگەن...بولدىلا،يەنىلا ئەسەرلىرىمىزنى پۇختىلايلى،باشقۇرغۇچىلارمۇ بەلكىم ئامالسىزدۇ؟؟؟كۆرەرمەنلەرمۇ مۇنبەرنى خېلى ئاختۇرۇپ ئاندىن كۈرۈدۇ بولمىسا............
ئوغرىغا كەلسەك،بەك كۆپ سەتلىۋەتمەيلى،ئۇمۇ بۇندىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىدۇ دەپ ئىشىنەيلى.