ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 19قەۋەت yalkun085 كە 2011-12-14 01:55 PMئەۋەتىلدى :
ئىملاغا كۆپرەك دىققەت قىلغايسىز
ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىز ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ ، لېكىن ئىنكاسىڭىزدىن كىچىدە يازغاچقا ئىملاغا دىققەت قىلمىساممۇ بۇلىدۇ دىگەن مەنا چىقىپ تۇرىدۇ ! ئەسەر يېزىش ھىچكىمگە ئالۋاڭ-سىلىق ۋەياكى ھاشا ئەمگىكى ئەمەس ! تىل-يېزىقىمىزنى قەدىرلەش ، تۇغرا ئىشلىتىش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبورىيتى ، مەيلى كىچە بولسۇن ۋەياكى كۈندۈز بولسۇن بۇ تەلەپ ئۇخشاش ، كىچىلەپ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلغان زوردۇن سابىر ، مەمتىئىمىن ھوشۇر ، ياسىنجان سادىقلار چېغىدا مەن كىچىلەپ ئەدەبىي ئەسەر يازدىم ، ئەسەرلىرىمىنىڭ ئىملاسىنى ئۇقۇرمەنلەر ئۆزۈڭلار تۈزۈتۈپ ئوقۇڭلار دېگەن گەپنى قىلماپتىكەن ، راست دەيسىز ئىملا خاتالىقى بار بولغان جايلارنى ئۆزىمىز تۇغۇرلاپ ئۇقۇساق بۇلىدۇ ، بۇنى سىز ئەسكەرتمىسىڭىزمۇ تورداشلار بۇنى ياخشى بىلىدۇ ، لېكىن ئىملا خاتالىقىنىڭمۇ چېكى بولۇش كېرەك ، بىر ئەسەردىكى ئوخشاش بىر پىرسۇناژنىڭ ئىككى ئادەم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا ( ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ) چىقىشى چوقۇم ساقلانمىسا بولمايدىغان خاتالىققۇ دەيمەن ، ناۋادا سىزگە بەرگەن دوستانە تەكىلىپىمىزنى قوبۇل قىلمىسىڭىز خاپا بولماڭ ، لېكىن كىچىلەپ ئەسەر يازىمەن دەپ ھىرىپ-چارچاپ ھالىڭىزدىن كەتمەڭ !!!